
* جۇۋاۋا خېمىرىنى يۇغۇرغاندا ھەر 500 گرام ئۇنغا بىردامە تۇخۇم قوشۇپ يۇغۇرغاندا ، ئاقسىل كۆپەيتىپ ، جۇۋاۋىنى قازانغا سالغاندا ئاسان ئېزىلىپ كەتمەيدۇ . * خۇرۇم چاپان ، خۇرۇم چامادان كونېرىغانسىرى ، خۇرۇم يۈزىدە قورۇق پەيدا بولىدۇ . بۇ قورۇقلارغا ئازراق تۇخۇم ئېقى سۈرۈپ قويۇلسا ، قورۇقلار ئۆزلىكىدىن يوقاپ كېتىدۇ . * قارا خۇرۇم ئاياق كونىرىغاندا پارقىراقلىقى يوقاپ كېتىدۇ . مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇخۇم ئېقىنى سىيادانغا سېلىپ ئېزىپ ، ئاندىن خۇرۇم ئاياغقا سۈرتۈپ ، قۇرىغاندىن كېيىن ئاياق مېيى بىلەن مايلىۋەتسە ، كونا خۇرۇم ئاياق يېڭى ئاياقتەك پارقىرايدىغان بولىدۇ . *سىرلانغان قاچا–قۇچىلارنىڭ بىرەر يېرىنىڭ سىرى چۈشۈپ كەتسە ، تۇخۇم ئېقى بىلەن ھاكنى ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاندىن ئۇنىڭغا قاچا رەڭگىدىكى سىردىن ئازراق قوشۇپ سىرلىغاندا ، سىرى چۈشۈپ كەتكەن قاچا–قۇچىلارنىڭ داتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . * كىيىم–كېچەكلەردىكى قەھۋە دېغىنى چىقىرىش ئۈچۈن گېلىتسېرىنغا تۇخۇم سېرىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ ، داغ بار ئورۇنغا سۈرۈپ ، قۇرۇغاندىن كېيىن سۇ بىلەن يۇيسا پاكىز بولىدۇ. * تۆمۈر قازان تېشىلىپ كەتسە، قازان پارچىسىدىن كىچىك بىر پارچە ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ ئۇنىڭغا تۇخۇم ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ تېشىلىپ كەتكەن يەرنى ئۇنىڭ بىلەن سۇۋاپ ئېتىپ ئوچاق ئۈستىدە ئىككى مىنۇت تۇرغۇزسا ، تېشىلگەن يەر پۈتۈپ كېتىدۇ . * بىر نەچچە قېتىم چۈچۈتۈلگەن ياغ قارىداپ دۇغلىشىۋالىدۇ . ئەگەر ياغ قاچىلايدىغان قاچىنىڭ ئىچىگە بىر نەچچە پارچە تۇخۇم شاكىلى سېلىپ قويس ا،تۇخۇم شاكىلى ياغدىكى كاربۇنلۇق بىرىكمىلەرنى سۈمۈرۋېلىپ ياغنى پاكىز قىلىدۇ . * تۇخۇم شاكىلى چىلانغان سۇدا ئەينەك سۈرتسە ، ئەينەك پاكىز ۋە پاقىراق بولىدۇ . |