ئەركىن پىكىر بايان قىلىش : ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئوچۇق – يۇرۇق ، ئەركىن ھالدا ئۆز ھېسياتىنى ، كۆز قارىشىنى ، نارازىلىقلىرىنى بايان قىلالىشى ساغلام نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى . ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش : ئەر – خوتۇن بىرلىكتە تىرىشىپ ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرۇش كېرەك . بۇنداق ئىقتىدار بولمىسا ، نىكاھ ھامان بىر كۈنى بۇزۇلىدۇ . قارشى تەرەپنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىش : نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئەر – خوتۇن ئورتاق بەرپا قىلىدۇ ، ئەمما ئۇنىڭ تەسىرىگە ئەر – خوتۇن ئىككىسىلا ئەمەس ، بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ئورتاق ئۇچرايدۇ . شۇڭا ، ئەر – خوتۇن ئىككىسى بىر – بىرىنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىشى ، ئورتاقلىقلىرىنى ساقلاپ ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر بولۇشى كېرەك . قەرەللىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش : ئۆز ئارا يول قويغان ئاساستا دائىم پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىناق ئائىلە مۇھىتىنى يارىتىشقا پايدىلىق . نىكاھنى قەدىرلەش : ئەر – خوتۇنلار ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشىپ ، ئۆز ئارا كۆيۈنۈپ ، كۆڭۈلنىڭ ئازار يەپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ ، ئىناق ئائىلە قورۇشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك |