| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > تۇرمۇش بىلىملىرى

يىغا — بوۋاقلارنىڭ تىلى

مەنبەسى: ئۇستاز تور بىكىتى     يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-19    كۆرۈلگەن سانى : 

بوۋاقلار تۈرلۈك سەۋەبتىن يىغلايدۇ. لېكىن بەزى ئانىلار، بولۇپمۇ، تەجرىبىسىز ياش ئانىلار بۇ سەۋەبلەرنى چۈشەنمەي، بالىسىنى ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە بەزلەپ، يىغىدىن توختىتىتىشنىڭ ئامالىنى قىلىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ يىغىسى توختىمىسا بالىنى قورقىتىدۇ . بۇ ئىلمىيلىك ئەمەس.
ئۇنداقتا بوۋاق نېمە سەۋەبتىن يىغلايدۇ؟
1. ئاچلىقتىن يىغلايدۇ. بوۋاق ئاچلىقتىن يىغلىغاندا كۆپ ھاللاردا كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ، قاتتىق تېپچەكلەپ يىغلايدۇ. قول ۋە كالپۇكلىرىنى شورايدۇ. 

2 . ‹‹كۆتۈر››دەپ يىغلايدۇ . بوۋاق مۇشۇ سەۋەبتىن يىغلىغاندا بوۋاقنىڭ كۆزىدىن ياش چىقمايدۇ ، چىرايىدىن پەقەت يىغلاۋاتقاننىڭلا ئىپادىسى بولىدۇ .

3. توڭلاپ كەتكەنلىكتىن يىغلايدۇ . بوۋاق توڭلاپ كەتكەندە پەس ئاۋازدا ۋە تىترەپ يىغلايدۇ .

4 . ئىسسىقتىن قورقۇپ يىغلايدۇ . بوۋاق ئىسسىپ كەتسە قاتتىق يىغلايدۇ ، قىزىرىپ ، تەرلەپ كېتىدۇ . جېنىنىڭ بارىچە تىپچەكلەپ ، يۆگەكتىن چىقىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ .

5 . زاكا ھۆل بولغاندا يىغلايدۇ . ئۇياق – بۇياققا تولغىنىپ ئىككى پۇتىنى قالايمىقان تىپىرلىتىدۇ .

6. چۆچۈپ كېتىشتىن يىغلايدۇ . بۇنداق يىغلاش كۆپىنچە كېچىدە بولىدۇ . يەنى بوۋاق كېچىدە ئۇخلاۋېتىپ تۇيۇقسىزلا يىغلاپ كېتىدۇ .

7 . كېسەللىكتىن يىغلايدۇ . بوۋاق زىل ھەم بىر خىل ئاھاڭدا ، بوغۇلۇپ يىغلىسا ، بۇنداق يىغلاش بوۋاقنىڭ مەلۇم كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، بوۋاق بەزىدە كۆپ يىغلىمايدۇ ، تولا تىپچەكلىمەيدۇ . مانا بۇ بوۋاقنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر .

   ئەگەر بوۋاقنىڭ يىغلاش سەۋەبى ئېنىق بولمىسا ، كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىق ئېھتىمالى كۆرۈلسىلا ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك .

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165