| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > تۇرمۇش بىلىملىرى

قانداق قىلغاندا ئۇيقۇسىزلىقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ؟

مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى     يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-19    كۆرۈلگەن سانى : 

ئۇيقۇسىزلىق چوڭ مېڭىنىڭ زىيادە قوزغىلىشىدىن ئۇخلىيالماسلىق، ئۇخلىسىمۇ يېنىك، سەگەك ئۇخلاش، ئاسان ئويغىنىپ كېتىش، كۆپ چۈش كۆرۈش، بالدۇر ئويغىنىپ كېتىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ كېچىسى ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن كۈندۈزى كەيپىياتى ناچارلىشىپ، زېھنىنى يىغالمايدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ. بەزىلەردە قۇلىقى غوڭۇلداش، قولى تىترەش، بېشى ئېغىرلىشىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنداق بولسا ئۇيقۇسىزلىقنى قانداق تۈگىتىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

   1. ئۇيقۇسى كەلمىسىلا ئۇيقۇ دورىسى ئىچىۋەرمەسلىك كېرەك. ئالدى بىلەن، بۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئېنىقلاپ، كۆڭۈلدىكى چىگىشنى يېشىش كېرەك.

   2. بۇنداقلار ھاراق، تاماكا، ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن نېرى تۇرۇشى كېرەك. كەچلىك تاماق كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى، ئۇخلاش ئالدىدا قەھۋە، قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك.

   3. بېلىق، ياڭاق، خاسىڭ، ئالما، سۈت قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

   4. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇش ۋە پۇت پەنجىسىنى يېنىك ئۇۋۇلاش  كېرەك.

   5. چاي دورىسى ۋە ئىسسىققا مايىل دورىلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك. مۇمكىن بولسا گۈل ئۆستۈرۈش كېرەك.

   6. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر ئىستاكان سۈت ئىچىش ياكى بىر ئاز تاتلىق يېمەكلىك يېيىش كېرەك. بۇلار ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرىدۇ.

   شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۇزاق مەزگىل ئۇيقۇ دورىسى ئىچسە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇيقۇ دورىسىنى ئىمكانقەدەر ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

 قانداق قىلغاندا سۈپەتلىك ئۇخلىغىلى بولىدۇ؟ ئۇخلاش ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، زېھنىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، چىرايىڭىزنى نۇرلاندۇرىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا قېنىپ ئۇخلىغىلى بولىدۇ؟

   1. ياخشى  ئۇخلاش مۇھىتى ھازىرلاش كېرەك. ياتاق ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى نورمال بولۇش، بولۇپمۇ تىنچ، ئازادە بولۇش كېرەك.

   2. يوتقان يەڭگىل، نېپىزرەك بولۇشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا كۆكرەك بېسىلىپ نەپەسلىنىش ياخشى بولمايدۇ، يوتقان ئىچى تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولغاندا، ماددا ئالمىشىش ئېشىپ كېتىپ ئېنېرگىيە تېز خورايدۇ – دە، ئويغانغاندىن كېيىن يەنىلا ھاردۇق چىقمايدۇ.

   3. ئاچ قورساق ئۇخلىماسلىق كېرەك. ئادەم بەدىنىدە قەنت ماددىسى بەك تۆۋەن بولغاندا ئۇيقۇ ياخشى بولماي، ئاسانلا چۆچۈپ ئويغىنىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.         

  4. ھاراق ئىچىۋېلىپ ئۇخلاش زىيانلىق. ھاراقنى ئىچىپ بولۇپلا ئۇخلىغاندا ئۇيقۇغا قانمايلا ئويغىنىپ كېتىش ۋە ئۇخلىيالماسلىق، نەپەس رېتىمسىز بولۇش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

  5. چاچ تاراش ئارقىلىق باش تېرىسىنى قىزىتىپ، باشنىڭ قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرغاندا، ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ.

  6. پۇت يۇيۇش. ئىسسىق سۇدا پۇتنى يۇيۇش قاننى تۆۋەنگە چۈشۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھارغىنلىق تۈگەپ تېز ئۇخلىغىلى بولىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا دىققەت قىلغاندا، تېخىمۇ قېنىپ ئۇخلىغىلى بولىدۇ:

   1. ئوڭدا ياتماسلىق كېرەك. پۇتنى يىغىپ ياتقاندا كۈچ – قۇۋۋەت تارىلىپ كەتمەيدۇ. ئويغىنىپلا كېرىلىپ قاننى يۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ.

   2. ياتقاندا تەشۋىشلەنمەسلىك كېرەك. قەدىمكىلەر: ‹‹ئۇخلىغاندا ئاۋۋال كۆڭلۈڭنى تىندۇر، ئاندىن كۆزۈڭنى يۇم›› دېگەن ئىكەن.

   3. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئاچچىقلانماسلىق كېرەك. جۇدۇنىڭىز تۇتسا قاننىڭ يۈرۈشى تەرتىپسىزلىشىدۇ – دە، دەرھال ئۇخلىغىلى بولمايدۇ.

   4. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى غىزالانماسلىق كېرەك. ئۇخلاش ئالدىدا غىزالانسىڭىز، ئۈچەي بىلەن ئاشقازاننىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ ئۇيقۇغا تەسىر يېتىدۇ.

   5. چىراغقا يۈزلىنىپ ياتماسلىق كېرەك. چىراغقا يۈزلىنىپ ياتسىڭىز كۆڭلىڭىز بىئارام بولۇپ، ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمايسىز ھەم ئاسانلا ئويغىنىپ كېتىسىز.

   6. ئاغزىنى ئېچىپ ئۇخلىماسلىق كېرەك. ئاغزىڭىزنى ئېچىپ ئۇخلىسىڭىز، ياخشى بولمايدۇ، ئۆپكە بىلەن ئاشقازانغىمۇ سوغۇق ھاۋا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

   7. شامال ئۆتۈشىدىغان يەردە ياتماسلىق كېرەك. شامال ھەر خىل كېسەللەرنىڭ مەنبەسىدۇر، شامالدا كۆپ يۈرگەنلەر ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ.

   8. مېڭىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن باشنى ئوتقا يېقىن قويۇپ ياتماسلىق كېرەك. تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولۇپ كەتسە ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئاسانلا يوتقاننى ئېچىۋېتىسىز – دە، سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ.

   9. يۈزنى يېپىپ ياتماسلىق كېرەك. يوتقانغا پۈركىنىپ ياتسىڭىز نەپەس قىيىنلىشىدۇ.

   بەزىلەر ئۇزۇن سەپەر قىلغاندىن كېيىن چارچاپ كەتكەنلىكتىن كېچىسى ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ. بۇنداق چاغدا بىر ئىستاكان قايناق سۇغا بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئىچىپ، كۆزىڭىزنى يۇمسىڭىز ئاسانلا ئۇخلاپ قالىسىز. بىر ئىستاكان كالا سۈتى ئىچىپ ئاندىن  ياتسىڭىزمۇ ئاسانلا ئۇيقۇغا كېتىسىز.

   بەزىدە ئىچىڭىز پۇشۇپ پەقەت ئۇيقۇڭىز كەلمىگەندە، بىر ئىستاكان شېكەر سۈيى ئىچىۋەتسىڭىزمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165