| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > تۇرمۇش بىلىملىرى

تۇرمۇشتىكى بالىلارغا ماس كەلمەيدىغان ئىشلار

مەنبەسى: تەڭرىتاغ تورى     يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-19    كۆرۈلگەن سانى : 

قارا كۆزەينەك تاقاش. بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پەيدىنپەي يېتىلىپ بارىدۇ، بۇ جەرياندا كۆز قۇياش بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرسا پايدىلىق. ئەگەر كۆزنى مۇقىم نۇر سىزىقى غىدىقلاپ تۇرمىسا، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. قارا كۆزەينەك تاقىقاندا كۆرۈش پەردىلىرى قۇياش نۇرى تەرىپىدىن غىدىقلانمايدۇ- دە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا بالىلار قارا كۆزەينەك تاقىماسلىقى كېرەك.

    ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش. ئارغامچا تارتىشىش زور جىسمانىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەت بولۇپ، مۇسابىقە ۋاقتىدا كۆپىنچە ئېغىزنى يۇمۇپ كۈچەپ ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ھەتتا نەپەس ئالالمايدىغان ۋاقىت ئون نەچچە سېكۇنتقا يېتىپ قالىدۇ. كېيىن ئېغىزنى ئېچىپ بىراقلا نەپەسلەنگەندە، قورساق بوشلۇقىدىكى ئىچكى بېسىم تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ، توختاپ قالغان قان يۈرەككە زەربە بىلەن ئۇرۇلىدۇ. بەدەن ئەزالىرى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغان بالىلار بۇنداق ئىشقا دۇچ كەلسە، قان تومۇرلىرى زەخمىلىنىپ قان ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.

   ئېڭىكىنى يۆلەپ ئولتۇرۇش . باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار كۆپىنچە ئېڭىكىنى يۆلەپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئادەت ئىنتايىن زىيانلىق. چۈنكى، بۇ خىل ھالەت ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، بالىلارنىڭ چىشىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ دۈمبە ئۇمۇرتقىسىنىڭ يېتىلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

    چوڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاش . كۆپىنچە بالىلار چوڭلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەزى ئاتا- ئانىلارمۇ بالىنى، بولۇپمۇ يېشى كىچىك بالىلارنى ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ ئۇخلاشقا ئامراق، ئەمما بۇ بالىغا نىسبەتەن زىيانلىق. چۈنكى، بالىلار ئاتا–ئانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېتىپ ئوخلىسا، ئاتا- ئانىلاردىن چىققان كېرەكسىز كاربوت Ⅳ ئوكسىد ئەتراپىدا ساپ ھاۋا يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئۇخلىغاندا جىددىيلىشىش، ئارامسىزلىنىش، قارا بېسىش، يېرىم كېچىدە يىغلاپ ئويغىنىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ شۇنداقلا بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

    بەتىنكە كىيىش . بەزى ئاتا–ئانىلار بالىسى ئازراق چوڭ بولسىلا بەتىنكە كىيگۈزىدۇ، بۇ بالىلارغا زىيانلىق. چۈنكى، بالىلارنىڭ ھەرقايسى توقۇلما ۋە ئورگانىزىملىرى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغان بولىدۇ، بەتىنكە قاتتىق بولغاچقا، ئۇ پۇت ئۈستىدىدىكى قان تومۇرلىرىنى بېسىپ نورمال قان ئايلىنىشقا، پۇت ئالقىنى ۋە پۇت بارماقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165