| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > ساغلاملىق بىلىملىرى

كومپيۇتېر رادىئاتسىيىسىدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلى

مەنبەسى:     يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2010-01-19    كۆرۈلگەن سانى : 

1-ئۇسۇل: ئىشخانىڭىزداكومپيۇتېر يېنىغا بىر تەشتەك كاكتۇس گۈلىنى قويۇپ قويۇڭ، ئۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا رادىئاتسىيە نۇرىنى سۈمۈرىۋالىدۇ.
2-
ئۇسۇل: تۇرمۇشى تولىمۇئالدىراشچىلىقتا ئۆتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيىتقاندا، كومپيۇتېر رادىئاتسىيەسىدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى كۈنىگە ئىككى-ئۈچ ئىستىكان يېشىل چاي ئىچىش ۋە بىر دانە ئاپسېلىن يىيىش. چاي تەركىبىدە مول بولغان پىرو ۋىتامىن A بولۇپ، ئۇنى ئادەم بەدىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن تىزلىك بىلەن ۋىتامىن Aغا ئۆزگىرىدۇ، ۋىتامىن A كۆرۈش تور پەردە قىزىل ماددىسى بىلەن بىرىكىپلا قالماستىن يەنە تۇتۇق نۇر ئاستىدىمۇ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن يېشىل چاي كومپيۇتېر رادىئاتسىيىسىنىڭ خەتىرىنى يوقۇتۇپلا قالماستىن يەنە كۆزنى ئاسرايدۇ ۋە كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئەگەر يېشىل چاي ئىچىشكە ئادەتلەنمىگەنلەرگە بولسا سەبدە گۈلى چېيى بىلەنمۇ ئوخشاشلا كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيىسىگە قارشى تۇرغىلى ۋە سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، بۇرمىلىق يۇسۇن ۋە چېغىناق مېيىنىڭمۇ رادىئاتسىيىگە قارشى تۇرۇش رولى بار. 
3-ئۇسۇل: تورغا كىرىشتىن ئاۋال تېرە ئاسرىغۇچ بىلەن تېرىڭىزنى كومپيۇتېر رادىئاتسىيەسىدىن مۇداپىئە كۆرۈڭ، مەرۋايىت مەلھىمىنى ئىشلىتىڭ. ئۆزگىچە بولغان جەنۇپ سۈزۈك مەرۋايىت مەلھىمىنى يۈز تېرىڭىزگە بىر قەۋەت 0.001 مىللىمىتىر ئەتراپىدا سۈرىۋالسىڭىز ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا مۇھىت بۇلغۇنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كومپيۇتېر ئىشلەتكەندىن كىيىن يۈز تېرىسى ئاز بولمىغان ماگنىت رادىئاتسىيىسى دانچىللىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ، دەل ۋاقتىدا يۈزنى سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇۋەتكەندە يۈز تېرىسىنىڭ رادىئاتسىيە تەسىرىگە ئۇچرىشىنى %70 ئازايىتقىلى بولىدۇ
.
4-
ئۇسۇل: كومپيۇتېر مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللانغاندا رەڭ سۈزگۈچ ئەينەكنى ئورنىتىۋالغاندىمۇ رادىئاتسىيىنىڭ زىيىنىنى ئازايىتقىلى بولىدۇ. ئۆي ئىچىگە ئارتۇقچە مىتال بويۇملارنى قالايمىقان قويماي، ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ قايتا رادىئاتسىيە قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەندە كومپيۇتېرنىڭ يۇرۇقلۇقىنى ياخشى تەڭشەش كېرەك .ئادەتتە ئېكراننىڭ يۇرۇقلۇقى قانچە يۇقىرى بولسا ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ رادىئاتسىيىسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا شۇنچە كىچىك بولىدۇ. ئەمما بەك تۇتۇق تەڭشىۋالغاندا ئۈنۈمگە تەسىر يېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆزنىڭ چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5-ئۇسۇل: ئامال بار يېڭى پاسۇندىكى كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش، كونا كومپيۇتېرنى ئادەتتە ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئادەتتە كونا كومپيۇتېرنىڭ رادىئاتسىيىسى كۈچلۈك بولىدۇ. ئوخشاش ئارلىقتا ئوخشاش تۈردىكى كومپيۇتېرلار شەرتى ئاستىدا ئادەتتە يېڭى كومپيۇتېر رادىئاتسىيىسىنىڭ بىر-ئىككى ھەسسىچىلىك بولىدۇ.

6-
ئۇسۇل: كومپيۇتېر قويىدىغان ئورۇنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئامال بار كومپيۇتېرنىڭ ئارقا تەرىپىنى ئادەم بار تەرەپكە قارىتىپ قويماسلىق، چۈنكى كومپيۇتېرنىڭ كەينى تەرىپىنىڭ رادىئاتسىيىسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئېكران ئالدى تەرەپنىڭ رادىئاتسىيىسى ھەممىدىن ئاجىز بولىدۇ. خەتنىڭ ئېنىق كۆرۈنۈشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئاز دىگەندە 50-75 سانتىمىتىر ئەتراپىدا ئارلىق قويۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئېلېكتىر ماگىنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ زىينىنى ئازايىتقىلى بولىدۇ.7-ئۇسۇل: ئۆي ئىچىنىڭ شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.ئالىملار تەتقىقات ئارقىلىق كومپيۇتېر ئېكرانىدىن بىر خىل بىرومىدلاشقان دىفىنلامىن بىلەن فۇراندىن ئىبارەت راك ماددىسى پەيدا بولىدىكەن.شۇ سەۋەپتىن كومپيوتېر قويغان ئۆيگە ئەڭ ياخشىسى شامال تەڭشىگۈچ ئورنىتىش،ھېچبولمىسا شامالنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
8-ئۇسۇل: ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا سەۋزە، پۇرچاق، پەمىدۇر، ئۇرۇق گۆش، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىق ۋىتامىن A ، C ۋە ئاقسىل مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش ۋە يېشىل چاي دىگەندەك ئىچىملىكلەرنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك.
9-ئۇسۇل: دائىم كومپيوتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزى قۇرغاقلىشىپ ئاغرىيدۇ،شۇ سەۋەپتىن كومپيۇتېر ئۈستىلىگە بىر قانچە بانان قويۇپ قويۇش تولىمۇ زۈرۈر.بانان تەركىبىدىكى كالىي ئادەم بەدىنىدىكى ئارتۇقچە بولغان تۇز مىقدارىنىچىقىۋىتىشكە ياردەم قىلىپ،ئادەم بەدىنىدىكى كالىي بىلەن ناترىينىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ،كۆزنىڭ ساقسىزلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ،بانان تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى كاروتىن Bبار،ئادەم بەدىنىدە بۇ خىل ماددا كەم بولسا كۆز ئاغرىپ،قورغاقلىشىپ،كۆز قارىچۇقى نۇرسىزلىنىدۇ،كۆپ مىقداردا بانان يەپ بەرسە بۇ خىل ئالامەتلەرنى ئازايىتقاندىن سىرت،يەنە مەلۇم مىقداردا كۆزنىڭ چارچىشىنى ئاستىلىتىپ،كۆزنىڭ بالدۇر قېرىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

مەنبە: كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژورنىلى 2009.يىل 1-سانىدىن

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165