يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشلەر. بۇنداق كىشىلەر ئاچچىقلانسا، نېرۋىسى جىددىيىلىشىپ، ئورگانىزمدىكى قان_ تومۇرنى جانلاندۇرغۇچى ماددىلار ئېشىپ كېتىدۇ. نەتىجىدە قان تومۇرلار تارىيىپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ، قان بېسىمى قايتىدىن يۇقىرىلاپ، مېڭە سەكتىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بارلارمۇ ئاچچىقلانسا بولمايدۇ. بۇنداقلا ئاچچىقلانسا ئورگانىزىم ئادرېنالىن قويۇپ بېرىدۇ. بۇ يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ ، يۈرەك مۇسكۇلى كۆپلەپ ئوكسىگىن سەرپ قىلىپ ، يۈرەك سانجىقى ، يۈرەك مۇسكۇل تېقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىگەر، ئۆت كېسەللىكى بار كىشلەر جىددى ئاچچىقلانسا بولمايدۇ . بۇنداق كىشلەر ئاچچىقلانسا سىمپاتىك نېرۋا غىدىقلىنىپ تېرە ۋە كۆپلىگەن ئىچكى ئەزا قان تومۇرلىرنىڭ كېڭيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە ئاشقازان، ئۈچەي،ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە تالدىكى قان كۆپ مىقداردا جىگەرگە ئېقىپ كىرىپ جىگەرنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. جىگەر نەيچىسىدىكى ئۆت سويۇقلۇقى ئۆت خالتىسىغا قىسلىپ كىرىدۇ. ئاچچىقلىنىش ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى ئازايتىۋىتىدۇ ۋە ئۆت نەيچە ئېغىزىدىكى قورىغۇچى مۇسكۇل سىپازمىلىنىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۇچەي يولىغا ئېقىپ كىرەلمەي ، ئۆت خالتىسىنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، ئۆت خالتىسى ياللۇغى ۋە ئۆت سانجىقىنىڭ جىددى قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاشقازان–ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى بارلارمۇ ئاچچىقلانسا بولمايدۇ. بۇنداق كىشلەر ئاچچىقلانسا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى زىيادە كۆپ بولۇپ كېتىپ ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. يەنە زىيادە سېزىمچانلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار ئاچچىقلانسا بولمايدۇ. بۇ خىل كىشلەر ئاچچىقلانسا، ئىممونىتېت ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ |