| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > ساغلاملىق بىلىملىرى

ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەر

مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى     يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-30    كۆرۈلگەن سانى : 

ئابدۇكېرىم ئابباس

     ئۇيقۇغا پايدىلىق يېمەكلىكلەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

     1. بانان. بانان ‹‹ئۇيقۇ دورىسى ›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بەدەندىكى سېروتونىن  ۋە قارا پىگمېنتلارنى تۇراقلاشتۇرغاندىن باشقا، ئۇنىڭدا يەنە مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر ماگنىي ئېلېمېنتىمۇ بار.

     2. جۇخار گۈلى چېيى. جۇخار گۈلى چېيىنى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئىچسە، تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئۇ نېرۋىنى ئارام ئالدۇرۇش ۋە بىئاراملىقنى تۈگىتىشتىكى تەبىئىي ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ.

     3. ئىلمان سۈت. ئىلمان سۈت ئۇيقۇنى ياخشىلاشتا  ئۈنۈم بېرىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە  تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بىر خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كالتسىي بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ترىپتوفاندىن تولۇق پايدىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئىلمان سۈت بالىلارنى تېخىمۇ تېتىتلەشتۈرىدۇ.

     4. ئۆرۈك مېغىزى. ئۇ ئۇيقۇنى ياخشىلاشتا  ئۈنۈم بېرىدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ترىپتوفان ۋە مۇسكۇللارنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك ماگنىي ئېلېمېنتى بار.

     5. ھەسەل. ئىلمان سۈتكە ياكى خۇش پۇراق چايلارغا ئاز مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

     6. بەرەنگە. ئۇ ئۇيقۇسىزلىقنى پەيدا قىلىش رولىغا ئىگە ئىنتېرفېرونلارنى(كاشىلا ئېلېمېنتلىرىنى) چىقىرىپ تاشلايدۇ. بۇ ئۈنۈمگە يېتىش ئۈچۈن، قۇرۇتۇلغان بەرەنگىنى ئېزىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان سۈت قوشۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 

     7. سۇلۇ يارمىسى. سۇلۇ يارمىسى تەركىبىدە ئۇيقۇنى ياخشىلىغۇچى ماددىلار بولۇپ، قارا پىگمېنت ھاسىل قىلىدۇ، ئەگەر سىز سۇلۇ يارمىسىنى كۆپرەك چايناپ بەرسىڭىز ئۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

     8. تېرىق. تېرىقتا ترىپتوفان تەركىبلىرى مول بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئادەمگە تويۇنۇش تۇيغۇسى بېرىدۇ، ئۇ ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭە ئېھتىياجلىق ترىپتوفاننىڭ سانىنى كۆپەيتىدۇ. تېرىق ئۇنىدا ئەتكەن ئۇماچنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچسە، ئۇيقۇ تېخىمۇ ياخشى  بولىدۇ.

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165