خورەك تارتىش : بۇ ئادەتتە نەپەس يوللىرى توسۇلۇپ قېلىش ، سېمىزلىك قاتارلىقلاردىن بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە دائىم خورەك تارتىدىغان كىشلەردە يۈرەك كېسىلى ، سەكتە قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن . ئەگەر خورەك تارتىش بەك ئېغىر بولسا ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم . كۆپ تەرلەش : قان قەنتى زىيادە تۆۋەن بولغان ، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى ئېشىپ كەتكەن دىئابىت كېسىلى بارلار ئۇخلىغاندا كۆپ تەرلەيدۇ . بۇ خىل كىشلەر ئۇخلىغاندا ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى چوقۇم ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان قىلىش كېرەك . چىشنى غۇچۇرلىتىش : بۇ ئاساسەن پىسخىك سەۋەبتىن ياكى ئادەمنىڭ ئۈچەي يولىدا مەددە قۇرت بولغانلىقتىن بولىدۇ . شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى ، دائىم چىشىنى غۇچۇرلىتىدىغانلار ۋاقتىدا داۋالىنىش بىلەن بىللە چىش مىلكىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك . شۆلگەي ئېقىش : ئېغىز بوشلۇقىدا تۈرلۈك كېسەللىكلەر شەكىللىنىۋاتقان بولسا ، يالغان چىش قاتارلىقلار شۆلگەينى كۆپەيتىۋېتىدۇ . ياشانغانلاردا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ، بەلكىم سەكتىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك . كۆپ سىيىش : ئۇخلىغاندا سۈيدۈك كۆپ كېلىش مەزى بېزى يوغىناپ قالغانلىقىنىڭ ، داس بوشلۇقىدىكى ئەزالاردا ياللۇغلىنىش كۆرۈلگەنلىكىنىڭ بىشارىتى بولۇپ ، بۇنداق ئەھۋالدا ، بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك . |