| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > ساغلاملىق بىلىملىرى

نېمە ئۈچۈن بەزى بالىلار زۇكام بولغاندا جىددىي قورساق ئاغرىقى كۆرۈلىدۇ؟

مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى     يوللىغۇچى: تۇردى غۇجائەھمەد    يوللانغان ۋاقتى : 2009-09-25    كۆرۈلگەن سانى : 

يېقىندا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1 – دوختۇرخانىسى بالىلار ساقلىق ساقلاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كاندىدات مۇدىر ۋراچ قۇندۇز ئەبەيدۇللانى بالىلار زۇكام بولغاندا پەيدا بولىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا زىيارەت قىلدىم. قۇندۇز ئەبەيدۇللا مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملانسا، بەزى جىددىي خارەكتېرلىك قورساق ئاغرىقى پەيدا بولىدۇ. كۆپىنچە كىندىك ۋە كىندىك ئەتراپى ئاغرىيدۇ، زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە كۆرۈلىدۇ. قورساق ئەگەر قىسقا ۋاقىت ئاغرىسا، كۆپىنچە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئاجىزلاش ۋە مەددە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ناۋادا ئۈزۈلمەي ئاغرىسا، جىددىي خارەكتېرلىك ئۈچەي بېغىشى لىمفا تۈگۈنى ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن.

   جىددىي خارەكتېرلىك ئۈچەي بېغىشى لىمفا تۈگۈنى ياللۇغى بالىلاردا جىددىي خارەكتېرلىك يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەندە پەيدا بولىدىغان ئەگەشمە كېسەللىك بولۇپ، كۆپىنچىسىنى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەل قوزغىلىشتىن بۇرۇن قىزىش، كېكىردەك ئاغرىش، پوتلا ئېقىش، چۈشكۈرۈش قاتارلىق يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئاندىن كىندىك ۋە قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ تېگى ئاغرىيدۇ. يەنە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بەزىدە قەۋزىيەت ياكى ئىچ سۈرۈشمۇ ئەگىشىپ كېلىدۇ. شۇڭا، زۇكام بولغان بالىنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش، ئەگەر قورساق ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دوختۇرغا تەكشۈرتۈش كېرەك.

   ئەگەر جىددىي خارەكتېرلىك ئۈچەي بېغىشى لىمفا تۈگۈنى ياللۇغى، دەپ دىئاگنوز قويۇلسا، ۋاقتىنچە بالىغا تاماق بەرمەسلىك ھەمدە يۇقۇملىنىشقا قارشى دورىلار بىلەن داۋالاش كېرەك. ئەگەر داۋالاش ئارقىلىقمۇ ئەھۋالى ياخشىلانمىسا، جىددىي خارەكتېرلىك سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى بولۇش ئېھتىمالى زور بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالىنى مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ سىستېمىلىق داۋالىتىش كېرەك.

( ئەخمەتجان ئىسمايىل )

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165