كۆممىقوناق دىئابىت كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ كۆممىقوناقنىڭ تالا ماددىسى گۈرۈچ ۋە ئۇنىڭ تالا ماددىسىغا قارىغاندا تۆت ھەسىسىدىن 10 ھەسسىسىگىچە يۇقىرى بولۇپ ، كۆممىقوناقنىڭ تالا ماددىسى ئۈچەي ۋە ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتىنى تېزلىتىپ ، خولېستېرىننىڭ تەركىبىدىكى شېكەرنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىدۇ ، شۇڭا دىئابىت كېسىلى بارلار كۆممىقوناقنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، ياخشى شىپا قىلىدۇ . كاماناش تالنى قۇۋۋەتلەيدۇ كاماناش (دادۇر)تالنى قۇۋۋەتلەپ ، بەدەننىڭ نەملىكىنى ساقلايدۇ شۇڭا كاماناشنى داۋاملىق ئىستېمال قىلش كېرەك . تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، كاماناش يەنە ئىچى سۈرۈش ، قورساق كۆپۈش ، مەيدە ئاغرىش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدىكەن ھەمدە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى زەھەرلىنىش ، ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن . ياشانلغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنى داۋالاش 30گرام ياڭاق مېغىزى ، 200گرام گۈرۈچ ۋە 10 دانە چىلاننى پاكىز يۇيپ قاينىتىپ ، ئۇماچ قىلىپ ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئالقات ، ياۋا چىلان مېغىزى ، شاپتۇل مېغىزى ، ياڭاق . چىلان قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرام ھەمدە 250 گرام گۈرۈچنى ئارىلاشتۇرۇپ سۇ قۇيۇپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ . |