| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > ساغلاملىق بىلىملىرى

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دورا ئىشلىتىشتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

مەنبەسى:     يوللىغۇچى: تۇردى غۇجائەھمەد    يوللانغان ۋاقتى : 2009-08-19    كۆرۈلگەن سانى : 

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دورا ئىشلىتىشتە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

قوش ئۈنۈمگە ئىگە دورىلارنى تاللاش . بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئىمكانقەدەر قوش ئۈنۈمگە ئىگە يۇقىرى قان بېسىم دورىلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشى كېرەك.كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ دورا ئىشلىتىش.ئوخشىمىغان دەۋىردىكى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر–يېنىكلىكىگە ئاساسەن،نۆۋەتتە قايسى خىل كېسەللىكنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى،قايسىسىنىڭ قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەك.شۇ ئاساستا ئاساسىي ئورۇندىكى كېسەللىككە نىسپەتەن دورا ئىشلىتىشنى ئۈزۈپ قويماي قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش،قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىدىغان كېسەللىككە نىسپەتەن ئارىلاپ-ئارىلاپ دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.

    ئۇزۇن ۋاقىت ئۈنۈم بېرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش . يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئىمكانقەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ئۈنۈم بېرىدىغان دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىشى كېرەك.ئۇزۇن ۋاقىت ئۈنۈم بېرىدىغان دورىلار بىر تەرەپتىن ئۈنۈملۈك دورىلىق تەركىبلەرنى ئاستا-ئاستا قويۇپ بېرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ،دورىنىڭ تۇراقلىقىنى يۇقىرى كۆتۇرۇشتە ياخشى رول ئوينايدۇ؛يەنە بىر تەرەپتىن ئاستا ئۈنۈم بېرىدىغان دورىلارنى ئىچىش مىقدارى،قېتىم سانى بىر قەدەر ئاز بولغاچقا،بىمارلارنىڭ دورىدىن قورقۇش پىسخىكىسىنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.بۇ خىل دورىلارنى بىمارلارمۇ خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ ۋە ۋاقتى-ۋاقتىدا ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    دورا ئىچىش ۋاقتىنى توغرا ئىگەللەش.قىسقا ۋاقىت ئۈنۈم بېرىدىغان دورىلارنى كۈندە كۆپ قېتىم ئىچكەندىلا،ئاندىن داۋالاش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؛ئۇزۇن ۋاقىت ئۈنۈم بېرىدىغان دورىلارنى كۈندە بىر قېتىم ئىچسىلا بولىدۇ.قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئەتتىگىنى ئاچ قورساققا ئىچىش،قان مېيىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى كەچلىك تاماقتىن ئىلگىرى ئىچىش،قان پىلاستىنكىلىرىغا قارشى دورىلارنى ئاخشىمى  ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچىش كېرەك. مۇشۇنداق دورا ئىچىش ۋاقتىنى توغرا ئىگىلىۋالغاندىلا،دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قېلىش،كۆپ ئىچىۋېلىش ھادىسلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

    قوشۇمچە دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك.كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ياكى كېسەللىك ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى داۋالىنىش مەزگىلىدە،بىر قانچە خىل دورا ئىچىۋاتقان بولسا،مەلۇم مەزگىل ئىچىدە يەنە باشقا قوشۇمچە دورىلارنى ئىچمەسلىكى كېرەك.

مەنبە : ماتېرىيالدىن  

تۇردى غۇجائەھمەد تەييارلىغان

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165