| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > ساغلاملىق بىلىملىرى

قان قەنتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى

مەنبەسى:     يوللىغۇچى: تۇردى غۇجائەھمەد     يوللانغان ۋاقتى : 2009-08-19    كۆرۈلگەن سانى : 

قان قەنتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى

 * ھەر كۈنى بىر ئىستاكان ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى ئىچىپ بېرىش ، 250گرام ياغسىز سۈزمە يەپ بېرىش : سۈتتە ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەردىكى بەزى ماددىلار ئۈنۈملۈك ھالدا يېمەكلىك قەنتلەرنىڭ قان قەنتىگە ئايلىنىشىنى ئازايتىدۇ.

    *كەچلىك تاماقتا پالەك يەپ بېرىش:پالەك تەركىبىدە ماگنىي ئىلمىنتى مول بولۇپ، ئۈنۈملۈك ھالدا دىئابىت كېسەللىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    *ئاز–ئازدىن كۆپ غىزالىنىش : بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق غىزانى بۆلۈپ ، بىر نەچچە قېتىم يېيىش شۇنداق قىلغاندا، بىر قېتىمدا كۆپ مىقداردا گلۇكۈزا قوبۇل قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۈنىڭ بىلەن بىرگە قەنتنىڭ جىددىي ئۆرلەپ كېتىشى ۋە ئىنسۇلىننى كۆپ مىقداردا قويۇپ بېرىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  *ھەر كۈنى پىيادە يول مېڭىپ بېرىش: پىيادە مېڭىپ بېرىش ئارقىلىق دىئابىت كېسەللىكى بىلەن ئۆلۇپ كېتىش خەۋىپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

  *تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش : ئادەمنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەندە،قان قەنتى جددىي تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. لېكىن قورسىقى ئېچىپ ئۆتۇپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن غىزالانسا،بەدىنى تۇيۇقسىز كۆپ مىقداردىكى گلۇكوزىنى قوبۇل قىلىپ،ئىنسۇلىن بېزى تېخىمۇ كۆپ ئىنسۇلىننى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ،يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.

     *بالدۇر يېتىپ،بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۇرۇش: ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا،قان قەنتى ۋە ئىنسۇلىننىڭ سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇپ ئادەتتىن تاشقىرى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

    *ھەر كۈنى 100گرام سېرىق پۇرچاق يەپ بېرىش: بىر كۈندە 100 گرام سېرىق پۇرچاق يەپ بەرسە،قان قەنتى ۋە ئىنسۇلىننىڭ سەۋىيىسىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.

    *مۇۋاپىق ھالدا يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ بېرىش:مەسلەن،كۈنجۇت،ئۆرۈك مېغىزى،كۆممىقوناق ئۇنى،لامىنارىيە،سۇلۇ يارمىسى،سۈپۈرگە قوناق مېغىزى،كەرەپشە، كۈدە، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلار،ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى تالانىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ،مۇۋاپىق ھالدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە،غىزالىنىشتىن كېيىنكى قان قەنتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

مەنبە : ماتېرىيالدىن                   تۇردى غۇجائەھمەد تەييارلىغان

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165