| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > قانۇن بىلىملىرى

باج تىزىملاشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

مەنبەسى: شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى    يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2010-02-18    كۆرۈلگەن سانى : 

باج تىزىملاش باج ئورگىنى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ باج تاپشۇرۇشقا ئالاقىدار تۈرلەرنى قانۇن بويىچە تىزىملاش ھەمدە باج تاپشۇرغۇچىغا باج تىزىملاش گۇۋاھنامىسى بېرىش پائالىيىتىدۇر. باج تىزىملاش، باج تاپشۇرغۇچىنىڭ باج تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنىڭ 1 - قەدىمىدۇر. باج تىزىملاش دائىرىسى: كارخانا، كارخانىنىڭ سىرتتا تەسىس قىلغان شۆبە، تارماق ئاپپاراتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سورۇنى، يەككە سودا - سانائەتچىلەر ۋە ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپىي ئورۇنلار تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئالاقىدار كىنىشكىلارنى ئېلىپ، باج ئورگىنىغا بېرىپ باج تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. باج تىزىملاش تىجارەت باشلاشنى تىزىملاش، تىزىم ئۆزگەرتىش ۋە تىزىمنى ئۆچۈرۈش دەپ ئايرىلىدۇ. تىجارەت باشلاشنى تىزىملاش باج تاپشۇرغۇچى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تارقاتقان تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان كۈندىن باشلاپ، 30 كۈن ئىچىدە تىجارەت كىنىشكىسى، كود گۇۋاھنامىسى، ئالاقىدار توختام، نىزام، كېلىشىمنامە، بانكا سچوت نومۇرى ئىسپاتى، كىملىك، پاسپورت ياكى باشقا قانۇنلۇق كىنىشكىلىرى شۇنىڭدەك باج ئورگىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان باشقا ئالاقىدار كىنىشكا، ماتېرىياللارنى ئېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جايىدىكى مەسئۇل باج ئورگىنىغا بېرىپ، باج تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ئىلتىماسنى يازما شەكىلدە بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە سۇنۇش بىر تۇتاش باج تىزىملاش جەدۋىلىنى ئەينەن تولدۇرۇش ۋە يوللاش لازىم. باج ئورگىنى باج تاپشۇرغۇچى يوللىغان باج تىزىملاش جەدۋىلى ۋە بەرگەن گۇۋاھنامە، ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئۇنى تەكشۈرۈپ بولۇشى، تىزىملاش بەلگىلىمىسىگە چۈشكەنلىرىنى تىزىملاپ، بىرلىككە كەلگەن فورمىدىكى باج تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى بېرىشى كېرەك. باج ئورگىنى باج تىزىملاش شەرتىگە چۈشمىگەن باج تاپشۇرغۇچىغا ئۇنى تولۇقلاشنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ياكى باج تاپشۇرغۇچىغا ئۇنى تىزىملىمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى لازىم. تىزىم ئۆزگەرتىش باج تاپشۇرغۇچىنىڭ تىزىم مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، باج ئورگىنىغا تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش شەرت. باج تاپشۇرغۇچى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىدا رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملاتقان بولسا، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى تىزىم ئۆزگەرتكەن كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئالاقىدار كىنىشكىلارنى ئېلىپ ئەسلىدىكى باج تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى لازىم. تىزىمدىن ئۆچۈرۈش باج تاپشۇرغۇچىنىڭ تىزىم مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، جۈملىدىن تارقىلىپ كېتىش، ۋەيران بولۇش، بىكار قىلىش ۋە باشقا ئەھۋال كۆرۈلۈپ، باج تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە ئاخىرلاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىپ تىزىم ئۆچۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن، ئالاقىدار كىنىشكىلارنى ئېلىپ، ئەسلىدىكى باج تىزىملاش ئورگىنىغا تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ باج تاپشۇرغۇچى تىزىم ئۆچۈرتكۈزۈشتىن بۇرۇن، باج ئورگىنىغا بېرىپ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج، باج كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى، جەرىمانە، ھېسابتىن كۆتۈرگۈزۈش تالونى ۋە باشقا ئالاقىدار باج كىنىشكىلىرىنى تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك. باج تاپشۇرغۇچى باج تىزىمىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئۆچۈرگۈزۈشتە، باج ئورگىنىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىشى لازىم، باج تىزىمىنى ئۆزگەرتىش ياكى ئۆچۈرگۈزۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار تىجارەت باشلاپ باج تىزىملاش رەسمىيىتىنى ئۆتىمىگەنلەرگە ئوخشاش قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. كەسپىي مەسئۇل: شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى ئىشخانا ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى شىمالىي ئازادلىق يولى 3 - قورۇ

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165