ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 8 – سېنتەبىر مەستلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىلدىكى دېلولاردىكى گۇماندارلارنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىش ۋە جازا بېرىش ئۆلچىمىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرلىككە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەستلىكتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ ۋەقە سادىر قىلغان شوپۇر ۋەقە سادىر قىلغاندىن كېيىن ئاپتوموبىلنى داۋاملىق ھەيدەپ، خەۋپلىك ئاقىۋەتنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويۇپ، ئېغىر ئۆلۈم – يېتىم پەيدا قىلىپ، خەتەرلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرسە، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 115 – ماددىسى 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايىتى بېكىتىلىپ، 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشتە، جىنايى قىلمىشنىڭ ئېغىرلىقى ئاساس قىلىنىدۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنى تۆلەپ بەرگەن – بەرمىگەنلىكى ئاساس قىلىنمايدۇ. مەنبە:‹‹قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن ئېلىندى |