| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > قانۇن بىلىملىرى

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى سىجىل تاپشۇرۇلمىسا، ئاتچوت قىلىش تەسىرگە ئۇچرايدۇ

مەنبەسى:     يوللىغۇچى: تۇردى غۇجائەھمەد    يوللانغان ۋاقتى : 2009-09-24    كۆرۈلگەن سانى : 

  داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇ خىل ھەقنى تاپشۇرۇش ئۈچ ئايدىن ئارتۇق(ئۈچ ئاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۈزۈلۈپ قالسا، سوغۇرتىلانغۇچى ھەقنى سىجىل ئىككى يىل تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن داۋالىنىش چىقىمىنى تولۇق نىسبەت بويىچە ئاتچوت قىلدۇرالايدۇ.

     17 – سېنتەبىر سائەت 9:00 دىن 10:00 غىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جياڭجۇ، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ۋە ئىش ھەققى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ لى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ شيۇچىڭ، تېببىي داۋالاش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى تاڭ خېڭيې، ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەركىزىي تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى شىڭۋېي ئۈرۈچى كەچلىك گېزىتىنىڭ ساھە ئىستىلى قىزىق لىنىيىلىك تېلېفون قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدا تېلېفوندا مەسلىھەت سورىغان ئاھالىلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مەسلىھەت سورىغانلارنىڭ ئارىسىدا داۋالىنىش ھەققى تاپشۇرۇشنى ئۈزۈپ قويۇشنىڭ داۋالىنىش چىقىمىنى ئاتچوت قىلدۇرۇشقا تەسىرى بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى سورىغانلار بىر قەدەر كۆپ بولغان.

     تاڭ خېڭيى مۇنداق دېدى: ‹‹ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئاساسەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇش ئۈچ ئايدىن ئارتۇق(ئۈچ ئاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۈزۈلۈپ قالسا، ‹توختاپ تۇرۇش ۋاقتى› بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلىدۇ. ھەق تاپشۇرۇشنى باشلىغاندىن كېيىنكى يەتتە ئايدىن 12 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، سۇغۇرتىلانغۇچى %30 ئاتچوت تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 13 ئايدىن 23 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا %60 ئاتچوت تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 24 ئايغا توشقاندىن كېيىن تەمىناتتىن تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ››.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

               ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن : تۇردى غۇجائەھمەد
 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165