خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مى يوڭشېڭ يېقىندا مۇنداق دېدى: ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغۇچىلارغا تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىن ياردەم بېرىلىدۇ: بىرىنچى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىدا شەخسلەر تۆلەيدىغان خىراجىتى مۇۋاپىق ھەل قىلىنىدۇ. ئىككىنچى، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالىنىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن تۆلەيدىغان خىراجىتى ھەل قىلىنىدۇ. ئۈچىنچى، قىيىنچىلىقى بارلار يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ۋە شەھەر – بازار ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شەخسلەر تۆلەيدىغان قىسمىغا بەلگىلىك نىسبەت بويىچە ياردەم بېرىلىدۇ. تۆتىنچى، راك قاتارلىق ئېغىر كېسەللەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ، بۇنداق كېسەللەرنى داۋالاشقا خىراجەت كۆپ كېتىدۇ. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ئېغىر كېسەللەرگە بىر قېتىملىق ياردەم بېرىش، داۋالاش سوممىسى يۇقىرى بولغان تەقدىردىمۇ، ئىمكانقەدەر ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.
مەنبە: ‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى›› دىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتاباشقۇرۇش ئىدارىسىدىن : تۇردى غۇجائەھمەد |