| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > قانۇن بىلىملىرى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى

مەنبەسى:     يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-26    كۆرۈلگەن سانى : 

2000 - يىل 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004 - يىل 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى.

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن سورت بايلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، سورت يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، سورت يېتىشتۈرگۈچىلەر ۋە ئۇرۇق ئىشلەپ چىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلار، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئۇرۇق سۈپىتى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇرۇقچىلىقنىڭ كەسىپلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، تېرىقچىلىق ۋە ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى سورت يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئۇرۇق زىرائەت ۋە دەل - دەرەخلەرنىڭ تېرىلىدىغان - تىكىلىدىغان ماتېرىيالى ياكى كۆپەيتىلىدىغان ماتېرىيالىنى، جۈملىدىن دېنى، مېۋىسى ۋە يىلتىزى، غولى، مايسىسى، بىخى، يوپۇرمىقى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
3 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە زىرائەت ئۇرۇقى ۋە دەل - دەرەخ ئۇرۇقى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ زىرائەت ئۇرۇقى ۋە دەل - دەرەخ ئۇرۇقى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
4 – ماددا دۆلەت سورت بايلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىگە ۋە سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپ چىقىرىش، يېڭىلاش، كېڭەيتىپ ئىشلىتىشكە يۆلەك بولىدۇ، سورت يېتىشتۈرۈش بىلەن ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش، تىجارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئىلھام بېرىدۇ، سورت بايلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتى ۋە سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى يېزا ئىگىلىكىنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش فاڭجېنىغا ۋە تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈشى ھەمدە بۇ يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە مالىيە، كرېدىت ۋە باج قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
6 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى يۆلەشكە مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
7 – ماددا دۆلەت ئاساسلىقى ئاپەت يۈز بەرگەن چاغدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قامداش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇرۇقنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. زاپاس ئۇرۇقنى قەرەللىك پرىيوم قىلىش ۋە يېڭىلاپ تۇرۇش لازىم. ئۇرۇقنى زاپاس ساقلاشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

2 – باب سورت بايلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش

8 – ماددا دۆلەت سورت بايلىقىنى قانۇن بويىچە مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سورت بايلىقىنى ئىگىلىۋېلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
دۆلەت نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىدىغان تەبىئىي سورت بايلىقىنى يىغىش ياكى كېسىش مەنئى قىلىنىدۇ. پەن تەتقىقاتى قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن يىغىشقا ياكى كېسىشكە توغرا كەلگەندە، گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.
9 – ماددا دۆلەت سورت بايلىقىنى پىلانلىق يىغىدۇ، رەتلەيدۇ، باھالايدۇ، تىزىملايدۇ، ساقلايدۇ، ئالماشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پىلانلىق پايدىلىنىدۇ، پايدىلانغىلى بولىدىغان سورت بايلىقى كاتولوگىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەتلىك سورت بايلىقى ئامبىرى قۇرۇشى لازىم. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئېھتىياجىغا قاراپ، سورت بايلىقى ئامبىرى، سورت بايلىقى مۇھاپىزەت رايونى ياكى سورت بايلىقى مۇھاپىزەت يېرى تەسىس قىلسا بولىدۇ.
10 – ماددا دۆلەت سورت بايلىقىغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس چېگرا سىرتىغا سورت بايلىقىنى يەتكۈزۈپ بېرىشتە، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى لازىم؛ چېگرىدىن سورت بايلىقىنى كىرگۈزۈش گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

3 – باب سورت يېتىشتۈرۈش ۋە بېكىتىش

11 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق، پەن - تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار ئورۇنلارنى سورت يېتىشتۈرۈش نەزەرىيىسى، تېخنىكىسى ۋە ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.
ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىگە دۆلەت ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
12 - ماددادۆلەت ئۆسۈملۈك يېڭى سورتلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، يېتىشتۈرۈلگەن ياكى بايقالغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئۆسۈملۈك سورتلىرىدىن يېڭى، ئالاھىدە، بىردەك ۋە مۇقىم بولغانلىرىغا ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقى بېرىدۇ، ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. كونكرېت چارىسى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ. يېتىشتۈرۈلگەن سورتلار كېڭەيتىلسە ۋە ئىشلىتىلسە، يېتىشتۈرگۈچى مۇناسىپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە قانۇن بويىچە ئېرىشىدۇ.
13 – ماددا ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۈپەتلىك دەل - دەرەخ ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئورمىنى، سىناق ئورمىنى، سورتلۇق دەرەخ توپلاش رايونى، گېن ئامبىرى قۇرغانلىقتىن ئىقتىسادىي كىرىمى كېمىيىپ كەتكەن ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئۇنى قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەپ بېرىدۇ. 
14 - مادداگېنى يۆتكەلگەن ئۆسۈملۈك سورتىنى يېتىشتۈرۈش، سىناق قىلىش، بېكىتىش ۋە كېڭەيتىشتە، بىخەتەر باھالاش ھەمدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىش لازىم. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
15 - ماددائاساسلىق زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل - دەرەخ سورتىنى كېڭەيتىش ۋە ئىشلىتىشتىن بۇرۇن دۆلەت دەرىجىلىك ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك بېكىتىشتىن ئۆتكۈزۈش لازىم. ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆلكە دەرىجىلىك بېكىتىش ياكى دۆلەت دەرىجىلىك بېكىتىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئاساسلىق زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل - دەرەخ سورتى ئۆلكە دەرىجىلىك بېكىتىشتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئاساسلىق زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل - دەرەخ سورتىنى بېكىتىش چارىسىدە ئادىل، ئاشكارا، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇش پرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم، ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كەسپىي خادىملاردىن تەشكىللەنگەن زىرائەت سورتى ۋە دەل - دەرەخ سورتىنى بېكىتىش ھەيئىتى قۇرىدۇ، ئۇ ئاساسلىق زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل - دەرەخ سورتىنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئېكولوگىيىسى ھەر خىل رايوندا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى رايون بار شەھەرگە، ئاپتونوم ئوبلاستلارغا مۇئەييەن ئېكولوگىيىلىك رايوندا كېڭەيتىش ۋە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئاساسلىق زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل - دەرەخ سورتىنى بېكىتىش خىزمىتىنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
16 – ماددا دۆلەت دەرىجىلىك بېكىتىشتىن ئۆتكەن ئاساسلىق زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل - دەرەخلەرنىڭ سۈپەتلىك سورتى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇۋاپىق كېلىدىغان ئېكولوگىيىلىك رايونلاردا كېڭەيتىلسە بولىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك بېكىتىشتىن ئۆتكەن ئاساسلىق زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل - دەرەخلەرنىڭ سۈپەتلىك سورتى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى مۇۋاپىق كېلىدىغان ئېكولوگىيىلىك رايونلاردا كېڭەيتىلسە بولىدۇ؛ ئۇلارنى قوشنا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر ئېكولوگىيىلىك رايونىدىكى جايلىرى قاراشلىق ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن كىرگۈزسە بولىدۇ.
17 – ماددا بېكىتىشكە تېگىشلىك زىرائەت سورتلىرىدىن بېكىتىشتىن ئۆتمىگەنلىرىدە ئېلان بېرىشكە، تىجارەت قىلىشقا، كېڭەيتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
بېكىتىشكە تېگىشلىك دەل - دەرەخ سورتلىرىدىن بېكىتىشتىن ئۆتمىگەنلىرىنى سۈپەتلىك سورت قاتارىدا تىجارەت قىلىشقا، كېڭەيتىشكە يول قويۇلمايدۇ، بىراق ئىشلەپچىقىرىشقا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىنى دەل - دەرەخ سورتىنى بېكىتىش ھەيئىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈش لازىم.
18 – ماددا بېكىتىشتىن ئۆتمىگەن زىرائەت سورتى ۋە دەل - دەرەخ سورتىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ باشقىچە پىكرى بولسا، ئەسلىدىكى بېكىتىش ھەيئىتىگە ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى بېكىتىش ھەيئىتىگە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
19 – ماددا جۇڭگودا دائىم تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى تىجارەت سورۇنى بولمىغان چەت ئەللىكلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ياكى چەت ئەلنىڭ باشقا تەشكىلاتلىرىدىن سورتنى جۇڭگودا بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى جۇڭگونىڭ قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بار ئۇرۇق تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى ئاپپاراتىغا ۋاكالەتچى بولۇشنى ھاۋالە قىلىشى لازىم.

4 – باب ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش

20 - ماددائاساسلىق زىرائەت ۋە ئاساسلىق دەل - دەرەخ تاۋار ئۇرۇقى ئىشلەپ چىقىرىشىدا ئىجازەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.
ئاساسلىق زىرائەت شالغۇت ئۇرۇقى ۋە ئۇنىڭ ئاتىلىق، ئانىلىق ئۇرۇقى، ئادەتتىكى سورتلارنىڭ ئەسلىي ئۇرۇقى، ئاساسلىق دەل - دەرەخنىڭ سۈپەتلىك سورت ئۇرۇقى ئىشلەپ چىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ؛ باشقا ئۇرۇقلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ.
21 - ماددائۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم:
(1) ئۇرۇق كۆپەيتىشتە ئايرىۋېتىش ۋە يېتىشتۈرۈش شارائىتى بولۇش؛
(2) كارانتىن قىلىنىدىغان كېسەل، ھاشارات زىيىنىدىن خالىي ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش ئورنى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئۇرۇقى ئېلىنىدىغان ئورمىنى بولۇش؛
(3) ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىشقا لايىق مەبلىغى ۋە ئىشلەپ چىقىرىش، پرىيوم قىلىش ئەسلىھەسى بولۇش؛
(4) مۇناسىپ ئۇرۇق ئىشلەپ چىقارغۇچى ۋە پرىيوم قىلغۇچى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بولۇش؛
(5) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.
ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقى بار ئۇرۇققا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار سورت ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى لازىم.
22 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش ئىجازەتنامىسىدە ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۇرۇقنىڭ سورتى، ئورنى ۋە كۈچكە ئىگە مۇددىتى قاتارلىقلار ئەسكەرتىلىشى كېرەك.
ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئېلىپ سېتىش، ئىجارە - ئارىيەت بېرىش مەنئى قىلىدۇ؛ ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇرۇقنى ئىجازەتنامىسىز ياكى ئىجازەتنامىدىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ ئىشلەپ چىقىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. 
23 - مادداتاۋار ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىشتا، ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش تېخنىكا قائىدىسى ۋە ئۇرۇق پرىيوم كارانتىن قائىدىسىنى ئىجرا قىلىش لازىم.
24 - ماددادەل - دەرەخ ئۇرۇقى ئىشلەپ چىقىرىش بازىسىدا ئۇرۇق ئېلىشنى ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش بازىسىنى باشقۇرغۇچىلار ئۇيۇشتۇرىدۇ، ئۇرۇق دۆلەنتىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى بويىچە ئېلىنىدۇ.
پىشمىغان ئۇرۇقنى ئېلىش، ئانا دەرەخنى نابۇت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، سۈپەتسىز ئورمانلىقتىن، ناچار سۈپەتلىك ئانا دەرەختىن ئۇرۇق ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
25 - مادداتاۋار ئۇرۇق ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئىشلەپ چىقىرىلغان ئورۇن، ئىشلەپ چىقىرىلغان يەر مۇھىتى، ئالدىنقى ئېڭىز زىرائىتى، ئاتىلىق، ئانىلىق ئۇرۇقنىڭ مەنبەسى ۋە سۈپىتى، تېخنىكا مەسئۇلى، ئېتىز پرىيوم خاتىرىسى، ئىشلەپ چىقىرىلغان جاينىڭ مېتېئورولوگىيە خاتىرىسى، ئۇرۇقنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىق خاتىرىلىشى كېرەك.

5 – باب ئۇرۇق تىجارىتى

26 - ماددائۇرۇق تىجارىتىدە ئىجازەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئۇرۇق تىجارەتچىلىرى ئالدى بىلەن ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئېلىشى شەرت، ئاندىن مۇشۇ ئىجازەتنامە بىلەن سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا بېرىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشنى ياكى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى بېرىشتە، دەرىجە بويىچە تەستىقلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى ئۇرۇق تىجارەتچىلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ. ئاساسلىق زىرائەت شالغۇت ئۇرۇقى ۋە ئۇنىڭ ئاتىلىق، ئانىلىق ئۇرۇقى، ئادەتتىكى سورتلارنىڭ ئەسلىي ئۇرۇقى، ئاساسلىق دەل - دەرەخنىڭ سۈپەتلىك سورت ئۇرۇقى تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئۇرۇق تىجارەتچىلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ. يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرگەن ھەمدە رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتال سوممىسى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن سوممىغا يەتكەن ئۇرۇقچىلىق شىركەتلىرى ۋە ئۇرۇق ئىمپورت - ئېكسپورت كەسپى  بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ.
27 – ماددا دېھقانلار ئۆزى كۆپەيتىپ، ئۆزى ئىشلىتىدىغان ئادەتتىكى ئۇرۇقنىڭ ئېشىنغانلىرىنى ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئالمايلا سودا بازارلىرىدا ساتسا، ئالماشتۇرسا بولىدۇ، باشقۇرۇش چارىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزۈپ چىقىدۇ.
28 – ماددا پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، مەكتەپلەر، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنىڭ زىرائەت يېڭى سورتى ۋە دەل - دەرەخ سۈپەتلىك سورتىنى تەتقىق قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈشىگە ۋە قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىشىغا، كېڭەيتىشىگە دۆلەت ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
29 – ماددا ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەر تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم:
(1) تىجارەت قىلىدىغان ئۇرۇقنىڭ تۈرى، مىقدارىغا لايىق مەبلىغى ۋە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدىغان ئىقتىدارى بولۇش؛
(2) تىجارەت قىلىدىغان ئۇرۇقنى توغرا پەرقلەندۈرەلەيدىغان، ئۇرۇق سۈپىتىنى پرىيوم قىلالايدىغان ئۇرۇقنى زاپاس ساقلاش، ساقلاش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن خادىمى بولۇش؛
(3) تىجارەت قىلىدىغان ئۇرۇقنىڭ تۈرى، مىقدارىغا لايىق تىجارەت سورۇنى، شۇنىڭدەك پىششىقلاپ ئىشلەش، ئوراش - قاچىلاش، زاپاس ساقلاش، ساقلاش ئەسلىھەسى ۋە ئۇرۇق سۈپىتىنى پرىيوم قىلىدىغان سايمان - ئۈسكۈنىسى بولۇش؛
(4) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.
ئۇرۇق تىجارەتچىلىرىدىن قايتا بۆلۈپ قاچىلىمايدىغان ئوراقلىق، قاچىلاقلىق ئۇرۇقنى مەخسۇس تىجارەت قىلىدىغانلىرى ياكى ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئالغان ئۇرۇق تىجارەتچىلىرىنىڭ يازما ھاۋالىسى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇرۇقىنى ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىدىغانلىرى ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئالمىسىمۇ بولىدۇ.
30 – ماددا ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە رايونىنى ئىجازەتنامە تارقاتقان ئورگان باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بېكىتىدۇ. ئۇرۇق تىجارەتچىلىرىدىن تىجارەت ئىجازەتنامىسىدە بەلگىلەنگەن كۈچكە ئىگە رايوندا تارماق ئاپپارات قۇرىدىغانلىرى ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى قايتا ئالمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئالغان ياكى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن 15 كۈن ئىچىدە شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ۋە ئەسلىي ئىجازەتنامە تارقاتقان ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.
31 – ماددا ئۇرۇق تىجارەت ئىجازەتنامىسىدە ئۇرۇق تىجارىتى دائىرىسى، تىجارەت شەكلى ۋە كۈچكە ئىگە مۆھلىتى، كۈچكە ئىگە رايونى قاتارلىق تۈرلەرنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك.
ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئېلىپ سېتىش، ئىجارە - ئارىيەت بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇرۇقنى ئىجازەتنامىسىز ياكى ئىجازەتنامىدىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ تىجارەت قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
32 – ماددا ئۇرۇق تىجارەتچىلىرى ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى، ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۇرۇقنىڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى، ئاساسلىق ئۆستۈرۈش تەدبىرى، ئىشلىتىش شەرت - شارائىتىغا ئائىت چۈشەندۈرمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسلىھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىشى ھەمدە ئۇرۇق سۈپىتىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك.
ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇرۇق تىجارەتچىلىرىنىڭ ئۆزىگە خوجا ھالدا تىجارەت قىلىش ھوقۇقىغا قانۇنسىز ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
33 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخ ئۇرۇقىنى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى سېتىۋېلىشنى چەكلىگەن دەل - دەرەخ ئۇرۇقىنى سېتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
34 – ماددا سېتىلىدىغان ئۇرۇقنى پىششىقلاش، دەرىجىگە ئايرىش، ئوراش - قاچىلاش لازىم. لېكىن پىششىقلاشقا، ئوراش - قاچىلاشقا بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
چوڭ ئوراقلىق ئۇرۇق ياكى ئىمپورت قىلىنغان ئۇرۇقلارنى بۆلۈپ قاچىلاشقا بولىدۇ؛ بۆلۈپ قاچىلىغاندا، بۆلۈپ قاچىلىغۇچى ئورۇننى ئەسكەرتىپ قويۇش ھەمدە ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە جاۋابكار بولۇش لازىم.
35 – ماددا سېتىلىدىغان ئۇرۇقنىڭ يارلىقى بولۇشى كېرەك. يارلىققا ئۇرۇق تۈرى، سورت نامى، ئىشلەپ چىقىرىلغان جايى، سۈپەت كۆرسەتكۈچى، كارانتىن ئىسپات نومۇرى، ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش ۋە تىجارەت ئىجازەتنامىسى نومۇرى ياكى ئىمپورت تەستىق ھۆججىتى نومۇرى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىش كېرەك. يارلىقتىكى مەزمۇن سېتىلىدىغان ئۇرۇق بىلەن ماس كېلىشى كېرەك.
ئىمپورت ئۇرۇقنى ساتقۇچىلار خەنزۇچە يارلىقنى قوشۇمچە قىلىشى كېرەك.
گېنى يۆتكەلگەن ئۆسۈملۈك سورتى ئۇرۇقىنى ساتقۇچىلار ئېنىق يازما ئەسكەرتىشى ھەمدە ئىشلىتىشتە قوللىنىدىغان بىخەتەر تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىزاھلاپ قويۇشى كېرەك.
36 – ماددا ئۇرۇق تىجارەتچىلىرى ئۇرۇق تىجارىتى ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئۇرۇق مەنبەسى، پىششىقلاش، ساقلاش، توشۇش ۋە سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ھالقىلىرىنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرمىسى، شۇنىڭدەك جاۋابكار كىشى، ئۇرۇقنىڭ قەيەرگە سېتىلىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئېنىق يېزىشى لازىم.
بىر يىللىق زىرائەت ئۇرۇقىنىڭ تىجارەت ئارخىپىنى ئۇرۇق سېتىلىپ ئىككى يىلغىچە ساقلاش لازىم، كۆپ يىللىق زىرائەت ۋە دەل - دەرەخ ئۇرۇقىنىڭ تىجارەت ئارخىپىنى ساقلاش مۆھلىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
37 – ماددا ئۇرۇق ئېلانىنىڭ مەزمۇنى بۇ قانۇندىكى ۋە ئېلانغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئاساسلىق خۇسۇسىيەت تەسۋىرى بېكىتىش ئېلانىدىكى بىلەن بىردەك بولۇشى لازىم.
38 – ماددا ناھىيىدىن يۆتكەيدىغان ياكى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدىغان ئۇرۇقنىڭ كارانتىن گۇۋاھنامىسى بولۇشى كېرەك.

6 – باب ئۇرۇق ئىشلىتىش

39 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرۇقنى ئۆز ئارزۇسى بويىچە سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇنسىز ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
40 – ماددا دۆلەت مەبلەغ سالغان ياكى دۆلەت سالغان مەبلەغ ئاساس قىلىنغان ئورمان بىنا قىلىش تۈرىدە ۋە دۆلەت ئورمانچىلىق ئورۇنلىرى ئورمان بىنا قىلىشتا ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزگەن پىلان بويىچە دەل - دەرەخلەرنىڭ سۈپەتلىك سورتلىرىنى ئىشلىتىش لازىم.
دەل - دەرەخنىڭ سۈپەتلىك سورتىنى كېڭەيتىپ ۋە ئىشلىتىپ ئىھاتە ئورمىنى، ئالاھىدە ئورمان بىنا قىلىشقا دۆلەت يۆلەك بولىدۇ.
41 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرۇق سۈپىتىدىكى چاتاق تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىسا، ئۇرۇق سېتىپ بەرگەن تىجارەتچى تۆلەپ بېرىشى كېرەك، تۆلەم سوممىسى ئۇرۇق سېتىۋېلىش پۇلى، ئالاقىدار ھەق ۋە ئېرىشىدىغان مەنپەئەت زىيىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تىجارەتچى زىياننى تۆلىگەندىن كېيىن، جاۋابكارلىق ئۇرۇق ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ياكى باشقا تىجارەتچىلەردە بولسا، تىجارەتچى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ياكى باشقا تىجارەتچىلەردىن زىياننى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.
42 – ماددا ئۇرۇق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ھەق تەلەپ ماجىراسى تۇغۇلسا، ئالاقىدارلار ئۇنى كېڭىشىش ياكى مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار كېڭىشىش، مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل قىلىشنى خالىمىسا ياكى ھەل قىلالمىسا، ئۆزلىرى ھاسىل قىلغان كېلىشىم بويىچە كېسىم ئاپپاراتىنىڭ كېسىم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

7 – باب ئۇرۇق سۈپىتى

43 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوراش - قاچىلاش، پرىيوم قىلىش، زاپاس ساقلاش قاتارلىقلارنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش چارىسى ۋە ساھە ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.
دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇق سۈپىتىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.
44 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇق سۈپىتىنى پرىيوم قىلىشنى ئۇرۇق سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.
ئۇرۇق سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتى مۇناسىپ تەكشۈرۈش شەرت - شارائىتى ۋە ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى لازىم.
45 – ماددا ئۇرۇق سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتى ئۇرۇق پرىيومچىلىرىنى قويۇشى كېرەك. ئۇرۇق پرىيومچىلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى لازىم:
(1) مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بويىچە ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش؛
(2) ئۇرۇق پرىيوم قىلىش تېخنىكا خىزمىتىنى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولۇش؛
(3)ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بولۇش. 
46 – ماددا ساختا، سۈپەتسىز ئۇرۇقنى ئىشلەپ چىقىرىش، تىجارەت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۇرۇقلار ساختا ئۇرۇق ھېسابلىنىدۇ:
(1) ئۇرۇق ئەمەسلىرى ئۇرۇق قىلىپ كۆرسىتىلگىنى ياكى بۇ سورتتىكى ئۇرۇق ئۇ سورتتىكى ئۇرۇق قىلىپ كۆرسىتىلگىنى؛
(2) ئۇرۇق تۈرى، سورتى، ئىشلەپ چىقىرىلغان جايى يارلىقتا ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغىنى؛
تۆۋەندىكى ئۇرۇقلار سۈپەتسىز ئۇرۇق ھېسابلىنىدۇ:
(1) سۈپىتى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۇرۇقلۇق ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغىنى؛
(2) سۈپىتى يارلىقتا ئەسكەرتىلگەن كۆرسەتكۈچتىن تۆۋەن بولغىنى؛
(3) سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكتىن ئۇرۇقلۇق قىلغىلى بولمايدىغىنى؛
(4) ياۋا ئوت - چۆپ ئۇرۇقىنىڭ نىسبىتى بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتكىنى؛
(5) دۆلەت كارانتىن ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتكەن زىيانداش جانلىقلار بولغىنى.
47 – ماددا يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئىشلەپ چىقىرىش ئېھتىياجى ئۈچۈن دۆلەت ياكى جايلار بەلگىلىگەن ئۇرۇقلۇق ئۆلچىمىدىن تۆۋەن زىرائەت ئۇرۇقىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇرۇق ئىشلىتىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش لازىم؛ دەل - دەرەخ ئۇرۇقىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇرۇق ئىشلىتىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.
48 – ماددا سورت يېتىشتۈرگۈچى ۋە ئۇرۇق ئىشلەپ چىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى ھەمدە باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەر ئۆسۈملۈك كارانتىنىغا ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىشى، ئۆسۈملۈكلەردىكى خەتەرلىك كېسەل، ھاشارات، ياۋا ئوت - چۆپ ۋە باشقا زىيانلىق جانلىقلارنىڭ تارقىلىشى ۋە يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.
ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا كېسەل، ھاشارات زىيىنىغا ئائىت ئەملەش سىنىقى قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

8 – باب ئۇرۇق ئىمپورت – ئېكسپورتى ۋە تاشقى ھەمكارلىقى 

49 – ماددا ئۇرۇقنى ئىمپورت ۋە ئېكسپورت قىلىشتا، كارانتىن قىلىپ، ئۆسۈملۈكلەردىكى خەتەرلىك كېسەل، ھاشارات، ياۋا ئوت - چۆپ ۋە باشقا زىيانلىق جانلىقلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشى ۋە چېگرىدىن چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت، كونكرېت كارانتىن خىزمىتى ئۆسۈملۈكلەرنى چېگرىدىن كىرگۈزۈش - چىقىرىشقا كارانتىن قىلىشقا ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىنىدۇ.
50 – ماددا تاۋار ئۇرۇق ئىمپورت - ئېكسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن سىرت، تاشقى سودىغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇرۇق ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسى ئىجازىتىنىمۇ ئېلىشى لازىم.
چېگرىدىن زىرائەت، دەل - دەرەخ ئۇرۇقى كىرگۈزۈشنى بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى، زىرائەت، دەل - دەرەخ ئۇرۇقىنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنى تەستىقلاش چارىسى ۋە گېنى يۆتكەلگەن ئۆسۈملۈك سورتى كىرگۈزۈشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
51 – ماددا ئىمپورت قىلىنىدىغان تاۋار ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك. دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى بولغانلىرىدا توختامدا پۈتۈشكەن ئۆلچەم ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ.
52 – ماددا چېگرا سىرتىدىكىلەرگە ئۇرۇق ئىشلەپ بېرىش مەقسىتىدە ئۇرۇق ئىمپورت قىلغۇچىلار بۇ قانۇننىڭ 50 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن چېگرا سىرتىدىكىلەرگە ئۇرۇق ئىشلەپ بېرىش توختامى بولۇش، ئىمپورت قىلغان ئۇرۇقنى ئۇرۇق ئىشلەشكىلا ئىشلىتىش لازىم. ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى دۆلەت ئىچىدە سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.
چېگرا سىرتىدىن سىناققا ئىشلىتىلىدىغان زىرائەت ئۇرۇقىنى كىرگۈزگەندە ئايرىپ ئۆستۈرۈش لازىم، ھوسۇلىنىمۇ تاۋار ئۇرۇق قاتارىدا سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.
53 – ماددا ساختا، سۈپەتسىز ئۇرۇقلارنى ۋە دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشقا يول قويۇلمايدىغان ئۇرۇقلارنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
54 – ماددا چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلار، باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەردىن دۆلىتىمىزگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ئۇرۇق تىجارىتى قىلىدىغانلارنى تەستىقلاش تەرتىپى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە بەلگىلەيدۇ.

9 – باب ئۇرۇقچىلىقنى مەمۇرىي باشقۇرۇش

55 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇقچىلىققا دائىر مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگاندۇر. ئۇرۇقچىلىققا دائىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى لازىم.
دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بۇ قانۇننى يولغا قويۇش ئۈچۈن، نەق مەيداننى تەكشۈرسە بولىدۇ.
56 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش، تىجارەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئاپپاراتىنىڭ ئۇرۇقچىلىقنى مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئۇرۇقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئاپپاراتىنى ئادەم ۋە مالىيە جەھەتتە ئايرىۋېتىش شەرت.
57 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا جايدا ئۇرۇق كۆپەيتىدىغانلار قاراشلىق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى باشقا جايدا ئۇرۇق كۆپەيتىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، قاتناش - ترانسپورت تارماقلىرى ئۇرۇق ترانسپورتىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
58 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بۇ قانۇن بويىچە ئالاقىدار كىنىشكا - گۇۋاھنامىلەرنى تارقىتىش خىزمىتىدە، تارقاتقان كىنىشكا - گۇۋاھنامە ئۈچۈن تەننەرخ ھەققى ئالغاندىن سىرت باشقا ھەقلەرنى ئالسا بولمايدۇ.

10 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

59 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختا، سۈپەتسىز ئۇرۇق ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى ئىشلەپ چىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇرۇق ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش ئىجازەتنامىسى، ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
60 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇرۇق ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ياكى ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(1) ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ ياكى ئۇرۇق تىجارىتى  ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ، ئېلىپ سېتىپ، ئىجارە - ئارىيەت ئېلىپ ياكى ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ ئۇرۇق ئىشلەپ چىقارغانلار؛
(2) ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ ياكى ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ، ئېلىپ سېتىپ، ئىجارە - ئارىيەت ئېلىپ ياكى ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ ئۇرۇق تىجارىتى قىلغانلار.
61 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇرۇق ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(1) چېگرا سىرتىدىكىلەرگە ئۇرۇق ئىشلەپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان ئۇرۇقنى دۆلەت ئىچىدە ساتقانلار؛
(2) چېگرا سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن زىرائەت ئۇرۇقىنى سىناق قىلىپ ئالغان ھوسۇلنى دۆلەت ئىچىدە تاۋار ئۇرۇق قاتارىدا ساتقانلار؛
(3) دۆلەت نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىدىغان تەبىئىي سورت بايلىقىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ خۇپىيانە يىغقان ياكى كەسكەنلەر.
62 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:
(1) تىجارەت قىلىدىغان ئۇرۇقنى ئوراش - قاچىلاشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ئورىمىغان، قاچىلىمىغانلار؛
(2) تىجارەت قىلىدىغان ئۇرۇقنىڭ يارلىقى بولمىغانلار ياكى يارلىقىنىڭ مەزمۇنى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەر؛
(3) يارلىقنى ياكى سىناق، پرىيوم سانلىق مەلۇماتلىرىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتكەنلەر؛
(4) ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئارخىپىنى تەييارلاش، ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(5) ئۇرۇق تىجارەتچىلىرىدىن باشقا جايدا قۇرغان تارماق ئاپپاراتىنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.
63 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سورت بايلىقىنى چېگرىدىن چىقارغان ياكى چېگرىدىن كىرگۈزگەنلەرنىڭ سورت بايلىقى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىق ھۆججىتىنى ئالماي تۇرۇپ، سورت بايلىقىنى بىللە ئېلىپ مېڭىپ، توشۇپ چېگرىدىن چىقارماقچى بولغانلارنىڭ سورت بايلىقىنى تاموژنا تۇتۇپ قېلىشى ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى لازىم.
64 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بېكىتىشكە تېگىشلىك بولسىمۇ، بېكىتىشتىن ئۆتكۈزۈلمىگەن ئۇرۇقنى تىجارەت قىلغان، كېڭەيتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇقنى تىجارەت قىلىش، كېڭەيتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇرۇق ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
65 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پىشمىغان ئۇرۇقنى يىغقان، ئانا دەرەخنى نابۇت قىلغان ياكى سۈپەتسىز ئورمان ۋە سۈپەتسىز ئانا دەرەختىن ئۇرۇق يىغقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇق يىغىش قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، يىغقان ئۇرۇقنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە يىغقان دەل - دەرەخ ئۇرۇقى قىممىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
66 – ماددا بۇ قانۇننىڭ 33 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دەل - دەرەخ ئۇرۇقىنى سېتىۋالغانلارنىڭ ئۇرۇقىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىۋالغان دەل - دەرەخ ئۇرۇقى باھاسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
67 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش بازىسىدا كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىغا ئائىت ئەملەش سىنىقى قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سىناقنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
68 – ماددا ئۇرۇق سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتلىرىدىن ساختا پرىيوم ئىسپاتى بەرگەنلىرى ئۇرۇق ئىشلەپ چىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار بىلەن بىللە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئۇرۇق سۈپىتى پرىيوم ئاپاراتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك جاۋابكارلىرىمۇ قانۇن بويىچە مەمۇرىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
69 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆز ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا ئۇرۇق سېتىۋېلىش، ئىشلىتىشكە زورلاپ زىيانغا ئۇچراتقانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
70 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شەرت - شارائىت ھازىرلىمىغان ئۇرۇق ئىشلەپ چىقارغۇچىلار، ئۇرۇق تىجارەتچىلىرىگە ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ياكى ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى بەرسە، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
71 – ماددا ئۇرۇقچىلىقنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى خادىملاردىن نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغانلىرى ياكى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۇرۇق ئىشلەپ چىقارغان، ئۇرۇق تىجارىتى قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
72 – ماددا ئالاقىدارلاردىن مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىمىزگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزدى، دەپ قارىغانلىرى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
73 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇق تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلغاندىن كېيىن، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىش ياكى ئۆزگەرتىش ھەققىدە سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم.

11 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

74 – ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز - ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:
(1) سورت بايلىقى: يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئۇل ماتېرىياللارنى، جۈملىدىن زىرائەتلەرنىڭ ئۆزلەشمە ئۇرۇقلىرى، ياۋا ئۇرۇقلىرىنى كۆپەيتىش ماتېرىياللىرى ھەمدە يۇقىرىقى كۆپەيتىش ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ سۈنئىي يارىتىلغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىرسىيەت ماتېرىياللىرىنى كۆرسىتىدۇ؛
(2)سورت: سۈنئىي يېتىشتۈرۈلگەن ياكى بايقالغان ھەمدە ياخشىلاش ئارقىلىق فورماتسىيىلىك خۇسۇسىيىتى بىلەن بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، ئىرسىي خۇسۇسىيىتى نىسپىي مۇقىم بولغان ئۆسۈملۈكلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ؛
(3) ئاساسلىق زىرائەتلەر: شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، سېرىق پۇرچاق ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز ئالدىغا بېكىتكەن بىردىن ئىككىگىچە باشقا زىرائەتنى كۆرسىتىدۇ؛
(4)سۈپەتلىك دەل - دەرەخ ئۇرۇقى: بېكىتىشتىن ئۆتكەن دەل - دەرەخ ئۇرۇقلىرىدىن مەھسۇلاتى، ماسلىشىشچانلىقى، تاقابىلچانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە مەلۇم رايوندا ھازىر ئاساسلىق ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ماتېرىياللاردىن روشەن ھالدا ياخشى بولغان كۆپەيتىش ماتېرىيالى ۋە تېرىش - تىكىش ماتېرىيالىنى كۆرسىتىدۇ؛
(5) يارلىق: ئۇرۇق ئورۇسىغا، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئىچى - سىرتىغا مۇقىملاشتۇرۇلغان مۇئەييەن نەقىش ۋە يازما چۈشەندۈرمىنى كۆرسىتىدۇ.
75 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئاساسلىق دەل - دەرەخنى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئاساسلىق دەل - دەرەختىن باشقا سەككىز خىلدىن ئاز ئاساسلىق دەل - دەرەخنى بېكىتسە بولىدۇ.
76 – ماددا ئوت - چۆپ ئۇرۇقى، يېمەكلىك زەمبۇرۇغ ئۇرۇقىنىڭ سورت بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بۇ قانۇندىن پايدىلىنىلىدۇ.
77 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان ئۇرۇققا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا شەرتنامىلەردە بۇ قانۇندىكىگە ئوخشىمايدىغان بەلگىلىمە بولسا، خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ لېكىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پىكرىدە قېلىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا.
78 – ماددا بۇ قانۇن 2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 1989 - يىل 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇق باشقۇرۇش نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165