| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > قانۇن بىلىملىرى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوتلاق قانۇنى

مەنبەسى:     يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-26    كۆرۈلگەن سانى : 

1985- يىل 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2002 - يىلى 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 - يىغىنىدا تۈزىتىلدى
1 -باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1- ماددا بۇ قانۇن ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، زامانىۋى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2 -ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئوتلاق پىلانلاش، قوغداش، بەرپا قىلىش، ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا تەتبىقلىنىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئوتلاق تەبىئىي ئوتلاق ۋە سۈنئىي ئوتلاقنى كۆرسىتىدۇ.
3 -ماددا دۆلەت ئوتلاقنى ئىلمىي پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك قوغداش، نۇقتىلىق بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش فاڭجېنىنى يولغا قويۇپ، ئوتلاقتىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى ۋە ئېكولوگىيە، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
4 -ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش جەھەتتىكى تەشۋىق - تەربىيىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
5 -ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئوتلاققا دائىر قانۇن - نىزاملارغا رىئايە قىلىش، ئوتلاقنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، ئوتلاققا دائىر قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش، ئوتلاققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىش ھوقۇقىمۇ بار.
6 -ماددا دۆلەت ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش، ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى كۆزىتىش جەھەتتىكى ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش، ئىلغار تېخنىكا ۋە ئىلغار نەتىجىلەرنى كېڭەيتىش، پەن - تېخنىكا ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
7 -ماددا دۆلەت ئوتلاقنى باشقۇرۇش، قوغداش، بەرپا قىلىش، ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.
8 -ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدىكى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى لازىم. كونكرېت نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئېھتىياجغا قاراپ مەخسۇس ياكى قوشۇمچە خادىملارنى قويسا بولىدۇ.

2- باب ئوتلاق ھوقۇق تەۋەلىكى

9 -ماددا ئوتلاق دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، قانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.
ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئوتلاقنى ئىگىلىۋېلىشى، ئېلىپ سېتىشىغا ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
10 -ماددا دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاق ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئورۇن، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قانۇن بويىچە بېكىتىپ بېرىلسە بولىدۇ.
ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچى ئورۇنلار ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.
11 -ماددا ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئورۇن ۋە كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قانۇن بويىچە بېكىتىپ بېرىلگەن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تىزىملاپ، پايدىلىنىش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىپ، ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقلاردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بېكىتىلمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى رويخەتكە ئالىدۇ ھەمدە قوغداش، باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تىزىملاپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىپ، ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
ئوتلاق ھوقۇق تەۋەلىكىنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتىشتە ئوتلاق ھوقۇق تەۋەلىكىنىڭ تىزىم ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك.
12 -ماددا قانۇن بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئوتلاق ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
13- ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاق ياكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قانۇن بويىچە بېكىتىپ بېرىلگەن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتتىكى ئائىلىلەر ئۆز ئالدىغا ياكى بىرلىشىپ ھۆددە ئېلىپ باشقۇرسا بولىدۇ.
ئوتلاق ھۆددە مەزگىلىدە ھۆددە ئالغۇچى پايدىلىنىۋاتقان ئوتلاقنى تەڭشەشكە بولمايدۇ، ئايرىملىرىنى ھەقىقەتەن مۇۋاپىق تەڭشەشكە توغرا كەلسە، دېھقان، چارۋىچىلار يىغىنىغا قاتناشقان شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ياكى دېھقان، چارۋىچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت.
كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاق ياكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قانۇن بويىچە بېكىتىپ بېرىلگەن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات سىرتىدىكى ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشىغا بېرىشتە دېھقان، چارۋىچىلار يىغىنىغا قاتناشقان شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ياكى دېھقان، چارۋىچىلار ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش شەرت.
14 -ماددا ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشتا، ھۆددە بەرگۈچى بىلەن ھۆددە ئالغۇچى يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. ئوتلاق ھۆددىگەرلىك توختامى ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى، ھۆددە بېرىلگەن ئوتلاقنىڭ تۆت تەرەپ چېگرىسى، كۆلىمى، دەرىجىسى، ھۆددە مۇددىتى، ئۇنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتى، ھۆددە بېرىلگەن ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ئورنى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. ھۆددە مۇددىتى توشقاندا، ئەسلىي ھۆددە ئالغۇچى ئوخشاش شەرت ئاستىدا ئاۋۋال ھۆددە ئېلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەر ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ھۆددىگەرلىك توختامىدا پۈتۈشكەن پايدىلىنىش ئورنى بويىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.
15 -ماددا ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ئۇنى ئىختىيارىي ۋە ھەقلىق بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن، قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ.
ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، قوبۇل قىلغۇچى چارۋىچىلىق ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى ھەمدە ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ھۆددىگەرلىك توختامىدا پۈتۈشكەن پايدىلىنىش ئورنى بويىچە مۇۋاپىق پايدىلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
ئوتلاق ھۆددە ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە ھۆددە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، ھۆددە ئالغۇچى بىلەن قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئۆتۈنۈش توختامىدا پۈتۈشكەن ئۆتۈنۈش مۆھلىتى ئەسلىي ھۆددە توختامىدىكى قېپقالغان مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
16 -ماددا ئوتلاق ئىگىدارلىق ھوقۇقى، پايدىلىنىش ھوقۇقى توغرىسىدىكى تالاش - تارتىشنى ئالاقىدارلار كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ، كېلىشەلمىسە مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ. شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋە شەخسلەر بىلەن ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشنى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ ئالاقىدارلار مۇناسىۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا قايىل بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
ئوتلاق ھوقۇق تەۋەلىكى تالاش - تارتىشىنى ھەل قىلىشتىن ئىلگىرى ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ ئوتلاقتىن پايدىلىنىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىگە، ئوتلاق ۋە ئوتلاقتىكى ئەسلىھەلەرنى بۇزۇۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

3 -باب پىلانلاش

17 -ماددا دۆلەت ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا بىر تۇتاش پىلانلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماق بىلەن بىرلىكتە، بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇننىڭ ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.
تەستىقلانغان ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تەڭشەش ياكى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش شەرت.
18- ماددا ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسلىنىش ھەمدە تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك:
(1) ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، ئوتلاقتىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛
(2) ھازىرقى ئوتلاقنى ئاساس قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، بىر تۇتاش پىلانلاش، تۈرلەر بويىچە يېتەكلەش؛
(3) قوغداشنى ئاساس قىلىش، بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىش، تۈركۈم بويىچە ياخشىلاش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش؛
(4) ئېكولوگىيىلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى بىرلەشتۈرۈش.
19 -ماددا ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش نىشان - تەدبىرلىرى، ئوتلاقنىڭ فۇنكسىيىلىك رايونلارغا بۆلۈنۈشى ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، تۈرلۈك كەسپىي يىرىك پىلان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
20 -ماددا ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇشى، مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانى، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش يىرىك پىلانى، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يىرىك پىلانى، سۇ بايلىقى يىرىك پىلانى، ئورمانچىلىق كەلگۈسى يىرىك پىلانى، شەھەر ئومۇمىي پىلانى، يېزا - بازار يىرىك پىلانى ھەمدە باشقا ئالاقىدار يىرىك پىلانلار بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇشى لازىم.
21 -ماددا ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تەستىقلانغان ھامان قاتتىق ئىجرا قىلىش شەرت.
22 -ماددا دۆلەت ئوتلاق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئوتلاقنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسى ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىلار تەكشۈرۈشكە مەدەت بېرىشى، ماسلىشىشى ھەمدە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.
23 -ماددا مەملىكەتنىڭ ئوتلاق دەرىجىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاق دەرىجىسىنى ئوتلاق تەكشۈرۈش نەتىجىسى، ئوتلاق سۈپىتىگە قاراپ، ئوتلاق دەرىجىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىدۇ.
24 -ماددا دۆلەت ئوتلاق ستاتىستىكا تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك ستاتىستىكا تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئوتلاقنى ستاتىستىكىلاش، تەكشۈرۈش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئوتلاقنىڭ كۆلىمى، دەرىجىسى، ئوت - چۆپ مىقدارى، چارۋا سىغىمچانلىقى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە ستاتىستىكىلاپ، ئوتلاق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ.
ئوتلاق ستاتىستىكا ماتېرىياللىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.
25 -ماددا دۆلەت ئوتلاقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكولوگىيىسىنى كۆزىتىش سىگنال سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاقنىڭ كۆلىمى، دەرىجىسى، يېپىنچا ئۆسۈملۈك قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، تەبىئىي ئاپەت ۋە بىئولوگىيىلىك ئاپەت قاتارلىق ئاساسىي ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ، شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش ۋە سىگنال، ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلەيدۇ.

4- باب بەرپا قىلىش

26 -ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاق قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشى، ئوتلاق قۇرۇلۇشىنى قوللىشى كېرەك.
دۆلەت ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مەبلەغ سېلىپ ئوتلاق بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىم مەبلەغ سالسا، شۇ مەنپەئەتلىنىش پرىنسىپى بويىچە، مەبلەغ سېلىپ ئوتلاق بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
27 -ماددا دۆلەت ئوتلاق بەرپا قىلىش، تەبىئىي ئوتلاقنى ياخشىلاش ۋە يەم - چۆپ بازىسى بەرپا قىلىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئوتلاقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ.
28 -ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاق قاشالاش، يەم - چۆپ زاپىسى تەييارلاش، قورۇ - قوتان ۋە چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت، ئىلھام بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاق سۇچىلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللىشى، ئوتلاقنى تېجەشلىك سۇغىرىشى، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ شارائىتىنى ياخشىلىشى لازىم.
29 -ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى بويىچە، ئوت - چۆپ ئۇرۇق بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، سۈپەتلىك ئوت - چۆپ سورتىنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش ۋە كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىشى لازىم.
يېڭى ئوت - چۆپ سورتىنى مەملىكەتلىك ئوت - چۆپ سورتلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتىنىڭ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئېلان قىلغاندىن كېيىن كېڭەيتىش شەرت. چېگرا سىرتىدىن ئوت - چۆپ ئۇرۇقى كىرگۈزۈشتە، قانۇن بويىچە تەستىقلىتىش شەرت.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوت - چۆپ ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، كارانتىن قىلىش ۋە پېرىيوم قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئوت - چۆپ ئۇرۇقىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
30 -ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوت ئاپىتى ئەھۋالىنى كۆزىتىش، ئوت مۇداپىئە ماددىي ئەشيا زاپىسى، ئوت مۇداپىئە بەلۋېغى قاتارلىق ئوتلاق ئوت مۇداپىئە ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پىلانلىق ئېلىپ بېرىپ، ئوت مۇداپىئە ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
31 -ماددا چېكىنگەن، قۇملاشقان، شورلاشقان، چۆللەشكەن ۋە سۇ، تۇپراق ئېقىپ كەتكەن ئوتلاقنى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن تىزگىنلەش رايونلىرىغا ئايرىپ، مەخسۇس تىزگىنلەشنى تەشكىللىشى لازىم.
ئوتلاقنى كەڭ كۆلەمدە ھەر تەرەپلىمە ياخشىلاش دۆلەتنىڭ زېمىن رەتلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
32 -ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا ئوتلاقنى ياخشىلاش، ئوت - چۆپ تېرىش ۋە ئوت - چۆپ ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ تۇتۇپ قېلىشى، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش تارمىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى لازىم.

5- باب پايدىلىنىش

33 -ماددا ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلار ئوتلاقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى، ئوتلاقنىڭ چارۋا سىغىمچانلىقىنى ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك؛ ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلار ئوت - چۆپ تېرىش ۋە يەم - چۆپ تەييارلاش، يەم - چۆپ تەمىنات مىقدارىنى كۆپەيتىش، چارۋىلارنى تەڭشەپ بىر تەرەپ قىلىش، پادا قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، چارۋىلارنىڭ قولدىن چىقىرىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مال - چۆپ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشى كېرەك.
ئوتلاقنىڭ چارۋا سىغىمچانلىق ئۆلچىمى ۋە مال - چۆپ تەڭپۇڭلۇقىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىدۇ.
34 -ماددا چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىلار چارۋىلارنى رايونلار بويىچە نۆۋەتلەشتۈرۈپ بېقىپ، پادىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوتلاقتىن تەكشى پايدىلىنىشى كېرەك.
35 -ماددا دۆلەت دېھقانچىلىق، يېرىم دېھقانچىلىق - يېرىم چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ۋە شارائىتى بار چارۋىچىلىق رايونلىرىدا چارۋىنى قوتاندا بېقىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئوتلاقنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچى بېقىلىۋاتقان چارۋا تۈرى ۋە سانىغا ئاساسەن يەم - چۆپ تەڭشىشى، تەييارلىشى، سىلوسلاش، يەم - چۆپ پىششىقلاش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىپ، چارۋىنى تەبىئىي ئوتلاقتىلا باقىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىشى كېرەك.
چارۋا بېقىش مەنئى قىلىنغان، توختىتىپ تۇرۇلغان، نۆۋەتلەشتۈرۈلگەن ئوتلاقتا چارۋىنى قوتاندا بېقىۋاتقانلارغا دۆلەت ئاشلىق ۋە مەبلەغ ياردىمى بېرىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ھوقۇق بەرگەن ئالاقىدار تارماق تۈزىدۇ.
36 -ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چاپمىلىق ۋە ياۋا ئوت - چۆپ ئۇرۇق بازىسىدىكى ئوت - چۆپنى ئورۇش مەزگىلى، ئوت - چۆپ ئۇرۇقىنى يىغىش مەزگىلى، ئېڭىزنىڭ ئېگىزلىكى ۋە ئورۇش - يىغىش دەرىجىسىنى مۇۋاپىق بەلگىلەپ، نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئورۇشى ۋە يىغىشى لازىم.
37 -ماددا تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئوتلاقنى ۋاقتىنچە تەڭشەپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى بويىچە، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ ئوتلاقتىن ناھىيە ھالقىپ ۋاقتىنچە تەڭشەپ پايدىلىنىشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدار ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئورتاق يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ.
38 -ماددا كان ئاچقاندا ياكى قۇرۇلۇش قىلغاندا ئوتلاقنى ئىگىلىۋالماسلىق ياكى ئاز ئىگىلەش لازىم؛ ئوتلاقنى ھەقىقەتەن ئىگىلەشكە ياكى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، يەر باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە قۇرۇلۇش يېرى تەستىق رەسمىيىتى ئۆتەش شەرت.
39 -ماددا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى قۇرۇلۇشقا ئېلىپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆلەم بېرىش كېرەك. دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ئوتلاقنى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ئوتلاقنى ھۆددە ئالغۇچىغا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تۆلەم بېرىش كېرەك.
ئوتلاقنى قۇرۇلۇشقا ئېلىپ ئىشلىتىشتە ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك. ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىنى ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىمە بويىچە، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىدۇ، ھەقنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۇتۇپ قېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى ئېلىش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ باھا مەسئۇل تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ.
40 -ماددا ئوتلاقنى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.
ئوتلاقنى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئىككى يىلدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە ھەمدە ۋاقىتلىق ئىگىلەپ ئىشلىتىلگەن ئوتلاقتا مەڭگۈلۈك ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى سېلىشقا بولمايدۇ؛ ئىشلىتىش مۇددىتى توشقاندا، يەر ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەمدە ۋاقتىدا قايتۇرۇشى شەرت.
41 -ماددا ئوتلاقتا ئوتلاقنى قوغداش ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئەسلىھەلەرنى سېلىش ئۈچۈن ئوتلاقنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەستىقلايدۇ، ئوتلاقتا چارۋىچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز باشقا قۇرۇلۇشلارنى سېلىشقا توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە قۇرۇلۇش يېرىنى تەستىقلاش رەسمىيىتى بېجىرىش شەرت.
ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئوتلاقنى قوغداش ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى:
(1) ئوت - چۆپ ئۇرۇقى، يەم - چۆپ ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش ئەسلىھەلىرى؛
(2) قوتان، نەسىللەشتۈرۈش ئورنى، يۇڭ قىرقىش ئورنى، ۋاننىلاش كۆلچىكى، ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ ئەسلىھەلىرى؛
(3) پەن تەتقىقات، سىناق ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرى؛
(4) ئوتلاق ئوت مۇداپىئەسى ۋە سۇغىرىش ئەسلىھەلىرى.

6 -باب قوغداش

42- ماددا دۆلەت ئاساسىي ئوتلاقنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. تۆۋەندىكى ئوتلاقلارنى ئاساسىي ئوتلاق قىلىپ ئايرىپ، قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك:
(1) مۇھىم يايلاق؛
(2) چاپمىلىق؛
(3) چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ئوتلۇق، تېرىقچىلىقتىن بوشىتىپ ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈلگەن يەر، شۇنىڭدەك سۈپەتلىك ئوتلۇق، ئوت - چۆپ ئۇرۇقى بازىسى؛
(4) كىلىمات تەڭشەش، سۇ مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈش، سۇ - تۇپراقنى ساقلاش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئوينايدىغان ئوتلاق؛
(5) دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھاياتلىق مۇھىتى قىلىنغان ئوتلاق؛
(6) ئوتلاق پەن تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش سىناق بازىسى؛
(7) گوۋۇيۈەن ئاساسىي ئوتلاق دەپ ئايرىشنى بەلگىلىگەن باشقا ئوتلاقلار.
ئاساسىي ئوتلاقنى قوغداش، باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزىدۇ.
43 -ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايوننى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، تۆۋەندىكى رايونلاردا ئوتلاق تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايون قۇرسا بولىدۇ:
(1) ۋەكىل ئوتلاق تىپى بولغان رايون؛
(2) قىممەتلىك، ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك جايلاشقان رايون؛
(3) مۇھىم ئېكولوگىيىلىك رولغا ۋە ئىقتىسادىي پەن تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئوتلاق.
44 -ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاقتىكى قىممەتلىك، ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ياۋا ئۆسۈملۈك ۋە گېرمپلازما بايلىقىنى قوغداش، باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك.
45 -ماددا دۆلەت ئوتلاقتا ئوت - چۆپكە قاراپ چارۋا بېكىتىش، مال - چۆپنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئوتلاق چارۋا سىغىمچانلىق ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئوتلاقنىڭ چارۋا سىغىمچانلىقىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ بېكىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوتلاقتا زىيادە چارۋا بېقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
46 -ماددا ئوتلاقتا يەر ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ. يەر ئېچىلغان ئوتلاقلاردىن سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئېغىر بولغان، قۇملىشىۋاتقان، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش زۆرۈر بولغانلىرىدا پىلانلىق، تەدرىجىي ھالدا ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ قۇملىشىپ، شورلىشىپ، چۆللىشىپ كەتكەنلىرىنى سۈرۈك ئىچىدە تىزگىنلەش كېرەك.
47 -ماددا ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن، قۇملاشقان، شورلاشقان، چۆللەشكەن ئوتلاق ۋە ئېكولوگىيىسى ناچار جايلاردىكى ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش ۋە توختىتىپ تۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.
48 -ماددا دۆلەت تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەرگە قانۇن بويىچە ئوت - چۆپ تېرىش ۋە ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى توختىتىپ تۇرۇشنى قوللايدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىدۇ.
گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان يىرىك پىلان دائىرىسىدە تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەرگە ئوت - چۆپ تېرىغان دېھقان، چارۋىچىلارغا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاشلىق، نەق پۇل، ئوت - چۆپ ئۇرۇقى خىراجەت ياردىمى بېرىلىدۇ. تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەرگە ئوت - چۆپ تېرىلىپ بولغاندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ تىزىملايدۇ، يەرنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۆتىگەنلەرگە ئوتلاق ئىگىدارلىق ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ.
49 -ماددا چۆل، يېرىم چۆل ۋە ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن، قۇملاشقان، شورلاشقان، چۆللەشكەن، سۇ - تۇپراق ئېقىپ كەتكەن ئوتلاق، شۇنىڭدەك ئېكولوگىيىسى ناچارلاشقان رايونلاردىكى ئوتلاقتا ئۆسۈملۈك كولاش ۋە ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.
50 -ماددا ئوتلاقتىن توپا، شېغىل، تاش ئېلىشتا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك؛ قېزىلما بايلىق ئېچىشتا، قانۇن بويىچە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش لازىم.
ئوتلاقتا تەستىق ئارقىلىق بۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنى قىلغانلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە دائىرىدە رۇخسەت قىلىنغان ئېلىش ئۇسۇلى بويىچە مەشغۇلات قىلىشى ھەمدە ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى قوغداش تەدبىرى قوللىنىشى لازىم.
باشقىلار پايدىلىنىۋاتقان ئوتلاقتا بۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەرنى قىلغانلار ئالدى بىلەن ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىنىڭمۇ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.
51 -ماددا ئوتلاققا ئوت - چۆپ ياكى يەم - خەشەك زىرائەتلىرىنى تېرىشتا، ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئەمەل قىلىش كېرەك؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتلاقنىڭ قۇملىشىشى ۋە سۇ - تۇپراق ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
52 -ماددا ئوتلاقتىكى تىجارەتلىك ساياھەت پائالىيىتىدە ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ئەمەل قىلىش ھەمدە ئالدى بىلەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك.
ئوتلاقتىكى تىجارەتلىك ساياھەت پائالىيىتىدە ئوتلاق ئىگىسى، ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچى ۋە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈشكە، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
53 -ماددا ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئۆچۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە مەزگىلىنى بەلگىلەپ، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە، ئوت ئۆچۈرۈش لايىھىسىنى تۈزۈپ، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى لازىم.
54 -ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوتلاقتىكى چاشقان، كېسەللىك، ھاشارات ئاپىتى ۋە زەھەرلىك، زىيانلىق ئوت - چۆپلەرنى يوقىتىش، تىزگىنلەشنى، تەشكىللەش باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەدبىر قوللىنىپ ئوتلاقتىكى چاشقان ئاپىتى، كېسەللىك، ھاشارات ئاپىتى ۋە زىيانلىق ئوت - چۆپلەرنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، ھەر تەرەپلىمە تۈگىتىش، تىزگىنلەش چارىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە كېڭەيتىشنى تەشكىللىشى كېرەك.
ئوتلاقتا ئۆتكۈر زەھەرلىك، كۆپ ساقلىنىپ قالىدىغان ۋە ئىككىلەمچى زەھەرلەش ئېھتىمالى بولغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
55 -ماددا ئاپەت ۋە خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش، چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يولدىن چىقىپ ئوتلاقتا مېڭىپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ. گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر تۈپەيلىدىن ئوتلاقتا مېڭىشقا توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا مېڭىش رايونى ۋە مېڭىش يۆنىلىشى لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ، ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن مېڭىش كېرەك.

7 -باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

56 -ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئوتلاق كۆلىمى چوڭراق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىدۇ. ئۇ، ئوتلاققا دائىر قانۇن، نىزاملارنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ، ئوتلاققا دائىر قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ سىياسىي ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرى خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك.
57 -ماددا ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:
(1) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن ئوتلاقنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئائىت ھۆججەت ۋە ماتېرىياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش، ماتېرىياللارنى كۆرۈش ياكى كۆپەيتىش؛
(2) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەردىن ئوتلاقنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىش؛
(3) قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللار كۆرۈلگەن نەق مەيدانغا كىرىپ سۈرەت تارتىش، سىنغا ئېلىش ۋە تەكشۈرۈش؛
(4) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ياكى شەخسلەرنى ئوتلاققا دائىر قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇش.
58 -ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرىنى تەربىيىلەش ۋە سىناشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
59- ماددا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەدەت بېرىشى، ماسلىشىشى كېرەك؛ ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلىشىغا ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى لازىم.
60 -ماددا ئوتلاققا دائىر قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ ئالاقىدار ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىدىن مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقارمىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى مەمۇرىي بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى بىۋاسىتە چىقىرىدۇ.

8 -باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

61 -ماددا ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خادىملىرى ۋە دۆلەت ئورگىنىدىكى باشقا ئالاقىدار خادىملاردىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنغا ئەمەل قىلماي ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سەزسىمۇ بىر تەرەپ قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
62 -ماددا ئوتلاقنى ياخشىلاش، ئوت - چۆپ تېرىش ۋە ئوت - چۆپ ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغى ياكى ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىپ، ئىشلىتىۋېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
63 -ماددا ئوتلاقنى ئېلىپ ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تەستىقلاش ھوقۇقى يوق ئورۇن ۋە شەخسلەردىن ئوتلاقنى ئېلىپ ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى قانۇنسىز تەستىقلىغانلىرى، ئوتلاقنى ئېلىپ ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ قانۇنسىز تەستىقلىغانلىرى ياكى ئوتلاقنى ئېلىپ ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپ ھالدا تەستىقلاپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. ئوتلاقنى ئېلىپ ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى قانۇنسىز تەستىقلىغان ھۆججەت بىكار قىلىنىدۇ. قانۇنسىز تەستىق بىلەن ئېلىپ ئىشلىتىلگەن، پايدىلىنىلغان ئوتلاق قايتۇرۇۋېلىنىدۇ، قايتۇرۇشنى رەت قىلغانلار ئوتلاقتىن قانۇنسىز پايدىلانغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
ئوتلاقنى ئېلىپ ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى قانۇنسىز تەستىقلاپ ئالاقىدارلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
64 -ماددا ئوتلاقنى ئېلىپ - سېتىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قانۇنسىز ئۆتۈنۈپ بېرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
65 -ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ ياكى ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن تەستىقلىتىۋېلىپ ئوتلاقتىن قانۇنسىز پايدىلىنىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنسىز پايدىلىنىۋاتقان ئوتلاقنى قايتۇرۇشقا خىزمەت ھوقۇقى بويىچە بۇيرۇيدۇ، ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوتلاقنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇلۇش يېرى قىلىۋالغانلارنى قانۇنسىز پايدىلىنىۋاتقان ئوتلاقتا يېڭىدىن قۇرغان ئىمارەت ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى چېقىپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە ئوتلاقتىن قانۇنسىز پايدىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئالتە ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 12 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
66 -ماددا ئوتلاقتا قانۇنسىز يەر ئېچىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى سۈرۈك ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز پۇل - مېلى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسىگە ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
67 -ماددا چۆللۈك، يېرىم چۆللۈك ۋە ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن، قۇملاشقان، شورلاشقان، چۆللەشكەن، سۇ - تۇپرىقى ئېقىپ كەتكەن ئوتلاق شۇنىڭدەك ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ناچار جايلاردىكى ئوتلاقتا ئۆسۈملۈك كولاش ياكى ئوتلاق، يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز مال - مۈلكى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسى ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
68 -ماددا ئوتلاقتا قۇم، تاش، توپىنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ ياكى بەلگىلەنگەن ۋاقىت، ئورۇن ۋە كولاش ئۇسۇلىغا خىلاپ ھالدا ئالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى سۈرۈك ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنسىز پۇل - مېلى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسى ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
69 -ماددا بۇ قانۇننىڭ 52 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوتلاقتا تىجارەتلىك ساياھەت پائالىيىتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىپ، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى سۈرۈك ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا قوشۇمچە ئوتلاق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئالتە ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 12 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسى ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
70 -ماددا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يولدىن چىقىپ ئوتلاقتا ھەيدەش ياكى گېئولوگىيىلىك چارلاش، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتا بېكىتىلگەن يۈرۈش رايونى ياكى لىنىيىسىگە قارىماي ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكنى سۈرۈك ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە ئوتلاق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، توققۇز ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئوتلاق ئىگىسى ياكى ئوتلاقتىن پايدىلانغۇچىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
71- ماددا ۋاقىتلىق ئىگىلىگەن ئوتلاقتا مەڭگۈلۈك ئىمارەت ۋە قۇرۇلما سالغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە چېقىشقا بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ چاقمىغانلارنى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي چاقتۇرىدۇ، كېتەرلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئوتلاقنى ۋاقىتلىق ئىگىلىگەن ئورۇنلاردىن ۋاقىتلىق ئىگىلەش مۇددىتى توشقاندا ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خىزمەت ھوقۇقى بويىچە سۈرۈك ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، كېتەرلىك خىراجەتنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
72 -ماددا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، ئوتلاقنى قوغداش، بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
73 -ماددا بۇ قانۇندىكى مال - چۆپنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، بېقىلىدىغان چارۋا سانىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتلاق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن چارۋا سىغىمچانلىق ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرنى تۈزەتكۈزۈش ياكى جازالاش تەدبىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇ.

9- باب قوشۇمچە پرىنسىپ

74 -ماددا بۇ قانۇننىڭ 2 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدا ئېيتىلغان تەبىئىي ئوتلاق ئوتلۇق يەر، ئوتلۇق تاغ ۋە ئوتلۇق ئېدىرلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سۈنئىي ئوتلۇق ياخشىلانغان ئوتلۇق ۋە تېرىقچىلىقتىن بوشىتىپ ئوت - چۆپ تېرىلغان يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شەھەر، بازارلاردىكى چىملىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
75 -ماددا بۇ قانۇن 2003 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.



 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165