| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > قانۇن بىلىملىرى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى

مەنبەسى:     يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-26    كۆرۈلگەن سانى : 

1990 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1990 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 36 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى
1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 - ماددابۇ قانۇن ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، مېيىپلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، مېيىپلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مېيىپلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا باراۋەر، تولۇق قاتنىشىشى، ئىجتىمائىي ماددىي مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2 - ماددامېيىپلار دېگەندە پسخولوگىيە، فىزىئولوگىيە، بەدەن قۇرۇلمىسى جەھەتتە تەشكىللەش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى يوقاتقان ياكى نورمال ئىش قىلالمايدىغانلار، مەلۇم پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقاتقانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
مېيىپلار كۆرۈش، ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارى، بەدەن تۈزۈلۈشى، ئەقلىي، روھىي جەھەتتىكى مېيىپلىك، كۆپ خىل مېيىپلىك ياكى باشقا مېيىپلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مېيىپلىك ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
3 - ماددامېيىپلار سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا پۇقرالار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.
مېيىپلارنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ئىززەت - ئابرۇيى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
مېيىپلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
4 - ماددادۆلەت ياردەم بېرىش ۋە يار - يۆلەكتە بولۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مېيىپلارغا ئالاھىدە يار - يۆلەكتە بولۇپ، مېيىپلىقنىڭ تەسىرىنى ۋە سىرتقى توسالغۇلارنى ئازايتىپ ياكى تۈگىتىپ، مېيىپلارنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
5 - ماددادۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپ ھەربىيلەرنى، ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن مېيىپ بولغان خادىملارنى، دۆلەتنىڭ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش يولىدا مېيىپ بولغان باشقا خادىملارنى ئالاھىدە كاپالەتلەندۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ئۇلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ ۋە نەپىقە بېرىدۇ.
6 - مادداھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلار ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا، ئۇلارغا كېتىدىغان خىراجەتنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى، بىر تۇتاش پىلانلاپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ماسلاشتۇرۇپ تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلار ئىشلىرىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشى لازىم.
گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي جەھەتتە تەدبىر قوللىنىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇپ، مېيىپلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كونكرېت ئورگاننى گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مېيىپلار بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، مېيىپلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىگە ئاساسەن، مېيىپلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
7 - مادداپۈتۈن جەمئىيەت سوتسىيالىستىك ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مېيىپلارنى چۈشىنىشى، ھۆرمەتلىشى، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى، مېيىپلارنىڭ ئىشلىرىنى قوللىشى كېرەك.
ئىدارە - ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ۋە شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى مېيىپلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
مېيىپلار خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان دۆلەت خادىملىرى ۋە باشقا خادىملار شەرەپلىك بۇرچىنى ئادا قىلىپ، مېيىپلار ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى كېرەك.
8 - مادداجۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭ جايلارىدىكى تەشكىلاتلىرى مېيىپلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىشى، مېيىپلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى ۋە مېيىپلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيىلەپ، مېيىپلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.
مېيىپلار بىرلەشمىسى ھۆكۈمەت ھاۋالە قىلغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، مېيىپلار خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، مېيىپلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى لازىم.
9 - ماددامېيىپلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن باققۇچىسى مېيىپلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
مېيىپلارنىڭ ھامىيسى ھامىيلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھامىيلىق قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
مېيىپلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ھامىيسى مېيىپلارنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.
مېيىپلارنى خورلاش ۋە ئۇلارنى تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
10 - ماددامېيىپلار قانۇنغا رىئايە قىلىشى، ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئاممىۋى تەرتىپكە رىئايە قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاقنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.
مېيىپلار ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىلگىرىلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، مۇستەقىل ياشاپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
11 - ماددادۆلەت مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پىلانلىق قانات يايدۇرۇپ، مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىدۇ، بېجىرىم تۇغۇش، ئوبدان تەربىيىلەش ۋە مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىدۇ، ئومۇملاشتۇرىدۇ. ئىرسىيەت كېسەللىكى، دورا بىلەن زەھەرلىنىش، ۋەقە، ئاپەت، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ۋە مېيىپلىك پەيدا قىلىدىغان باشقا ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇپ، قانۇن، مىزانلارنى تۈزىدۇ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، تەدبىر قوللىنىپ، مېيىپلىكنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
12 - مادداسوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان مېيىپلارنى، مېيىپلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، مېيىپلارنىڭ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مېيىپلارغا خىزمەت قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەقدىرلەيدۇ.

2 – باب سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

13 - ماددادۆلەت ۋە جەمئىيەت سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مېيىپلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياكى ئۇنى تولۇقلىشىغا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ياردەملىشىدۇ.
14 - مادداسالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، ھازىرقى زامان سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتلىرىنى تايانچ، ئىجتىمائىي رايونلار بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساس قىلىنىپ، مېيىپلار ئائىلىسىنى يار - يۆلەك قىلىش، ئەمەلىي ئىشلىتىشكە بولىدىغان، يولغا قويۇش ئاسان بولغان، كۆپ ئۈنۈم بېرىدىغان، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەزمۇنىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ھەم سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر يېڭى تېخنىكا تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇش، ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە قوللىنىش ئارقىلىق مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش كېرەك.
15 - مادداھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار دوختۇرخانىلاردا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۆلۈمى )ئىشخانا( نى پىلانلىق تەسىس قىلىپ، زۆرۈر بولغان مەخسۇس سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاپپاراتلىرى قۇرۇپ، داۋالاش، مەشىق قىلدۇرۇش، ئىلمىي تەتقىقات خادىملىرىنى تەربىيىلەش ۋە تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار شەھەر - يېزىلاردىكى ئىجتىمائىي رايونلاردا مۇلازىمەت تورى، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش تورى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مېيىپلارنى، مېيىپلارنىڭ ئائىلىلىرىنى ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ، ئىجتىمائىي رايونلاردا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
مېيىپلارنى تەربىيىلەش ئورگانلىرى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار، مېيىپلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان باشقا ئورگانلار پائال شارائىت يارىتىپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
مېيىپلار كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى خادىملارنىڭ، پىدائىي خىزمەتچىلەرنىڭ ھەم ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قابىلىيىتىنى، ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ۋە ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ مەشىق قىلىشى كېرەك.
گوۋۇيۈەن ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىق تۈرلىرىنى باسقۇچ بويىچە بېكىتىپ، پىلان تۈزۈپ، كۈچ تەشكىللەپ يولغا قويۇشى لازىم.
16 - مادداتېببىي ئىنستىتۇتلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەر سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئائىت دەرسلەرنى، كەسىپلەرنى پىلانلىق يولغا قويۇپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كەسپىي ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشى لازىم.
دۆلەت ۋە جەمئىيەت تۈرلۈك شەكىللەرنى قوللىنىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى تېخنىكا جەھەتتە تەربىيىلىشى كېرەك؛ مېيىپلار، مېيىپلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، مۇناسىۋەتلىك خادىملار ۋە پىدائىي خىزمەتچىلەر ئارىسىدا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىش كېرەك.
17 - مادداھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى، تۇرمۇشتىكى ياردەمچى جابدۇقلار، ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بۇيۇملار ۋە باشقا قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىش، ياساش، تەمىنلەش ۋە ئۇلارنى رېمونت قىلىش مۇلازىمىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە ئۇنى قوللىشى كېرەك.

3 – باب تەربىيىلەش

18 - ماددادۆلەت مېيىپلارنىڭ تەربىيىلىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلارنىڭ تەربىيىلىنىشىنى دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەشكىلىي قىسمى سۈپىتىدە بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۇنىڭغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.
دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر مېيىپ بالىلار بىلەن ئۆسمۈرلەرگە مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇش كېرەك.
دۆلەت مەجبۇرىي مائارىپنى قوبۇل قىلغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ ھەم ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، پارچە - پۇرات خىراجەت ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ھەقنى ئازايتىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىدۇ. دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تەسىس قىلىپ، نامرات مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
19 - ماددامېيىپلار مائارىپى مېيىپلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى تەلەپلەر بويىچە يولغا قويۇلىدۇ:
(1) ئىدىيىۋى تەربىيە، مەدەنىيەت، مائارىپ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە تولۇقلاش ھەم كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسىنى كۈچەيتىش؛
(2) مېيىپلىكنىڭ تۈرى ۋە مېيىپلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، ئادەتتىكى مائارىپ شەكلى ياكى ئالاھىدە مائارىپ شەكلىنى قوللىنىش؛
(3) ئالاھىدە مائارىپ دەرسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، دەرسلىك، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، مەكتەپكە كىرىش يېشى ۋە مەكتەپتىكى ۋاقتى قاتارلىق جەھەتلەردە جانلىق بولسا بولىدۇ.
20 - ماددامېيىپلار مائارىپىدا ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئۆستۈرۈش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئومۇملاشتۇرۇش نۇقتىلىق فاڭجېن قېلىنىپ، مەجبۇرىي مائارىپ بىلەن كەسپىي تېخنىكا مائارىپى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇلۇپ، مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيە قانات يايدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مائارىپ تەدرىجىي راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.
21 - ماددادۆلەت مېيىپلار مائارىپ ئورگىنى تەسىس قىلىدۇ ھەم ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مەكتەپ ئېچىشقا، ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىئانە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
22 - ماددائادەتتىكى مائارىپ ئورگانلىرى ئادەتتىكى مائارىپنى قوبۇل قىلالايدىغان مېيىپلارغا قارىتا تەربىيىنى يولغا قويىدۇ.
ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەرىجىلىك مەكتەپلەر ئۆگىنىش شارائىتىغا ماسلىشالايدىغان مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ ئادەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەر دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىگە توشقان، ئىمتىھانغا قاتناشقان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، مېيىپ ئىكەن دەپ قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ رەت قىلغانلار بولسا، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ياكى مېيىپلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ھامىيسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەكتەپكە قوبۇل قىلىشنى بۇيرۇشى كېرەك.
ئادەتتىكى بالىلار مائارىپ ئورگانلىرى تۇرمۇشقا كۆنەلەيدىغان مېيىپ بالىلارنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
23 - ماددامېيىپ بالىلار مائارىپ ئورگانلىرى، ئادەتتىكى بالىلار مائارىپ ئورگانلىرى تەسىس قىلغان مېيىپ بالىلار سىنىپلىرى، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى سىنىپلىرى، مېيىپ بالىلار پاراۋانلىق ئورگانلىرى، مېيىپ بالىلارنىڭ ئائىلىلىرى مېيىپ بالىلارغا قارىتا ئوقۇشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيىنى يولغا قويۇشى لازىم.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تۆۋەن دەرىجىلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى ۋە ئادەتتىكى مەكتەپلەر تەسىس قىلغان سىنىپلار ئادەتتىكى مائارىپنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بولغان مېيىپ بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە قارىتا مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇشى كېرەك.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى، ئادەتتىكى مەكتەپلەر تەسىس قىلغان مائارىپ سىنىپلىرى ۋە مېيىپلار كەسپىي تېخنىكا مائارىپ ئورگانلىرى شەرتكە توشىدىغان مېيىپلارغا قارىتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت مائارىپىنى، كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنى يولغا قويىدۇ.
24 - مادداھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى، مېيىپلار تۇرۇشلۇق ئورۇنلار ۋە جەمئىيەت مېيىپلار ئارىسىدا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىش ۋە باشقا چوڭلار مائارىپىنى يولغا قويۇپ، مېيىپلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.
25 - ماددادۆلەت پىلانلىق ھالدا ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل ئالاھىدە دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىنى، كەسىپلەرنى يولغا قويىدۇ، ئادەتتىكى دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىدە ئالاھىدە مائارىپ سىنىپ (بۆلۈم) لىرىنى تەسىس قىلىپ، ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەيدۇ ۋە يېتىشتۈرىدۇ. ئادەتتىكى دارىلمۇئەللىمىن مەكتەپلىرىدە مائارىپ دەرسىنى تەسىس قىلىدۇ ياكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى سۆزلەپ، ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى زۆرۈر بولغان مائارىپ بىلىملىرىنى ئىگىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە بارماق تىلى تەرجىمانلىرى ئالاھىدە مائارىپ ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
26 - مادداھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئەمالار يېزىقى، بارماق تىلى تەتقىقاتىنى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىش، ئالاھىدە مائارىپ دەرسلىكلىرىنى يېزىلىش ۋە نەشر قىلىنىش، ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتۇش قوراللىرىنى ھەم باشقا ياردەمچى بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىنىش، ئىشلەپ چىقىرىلىش ۋە ئۇلار بىلەن تەمىنلەشنى ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.

4 – باب ئەمگەك - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

27 - ماددادۆلەت مېيىپلارنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلارنىڭ ئەمگەك - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مېيىپلارنىڭ ئەمگەك - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
28 - ماددامېيىپلارنى ئەمگەك - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا مەركەزلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش فاڭجېنى يولغا قويۇلۇپ، ئېتىبار بېرىش ۋە يار - يۆلەكتە بولۇش، ئاسراش تەدبىرلىرى قوللىنىلىپ، كۆپ خىل ۋاسىتە، كۆپ خىل قاتلام، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق مېيىپلارنى ئەمگەك - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇش، مۇقىملاشتۇرۇش، مۇۋاپىقلاشتۇرۇش كېرەك.
29 - ماددادۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلار پاراۋانلىق كارخانىسى، مېيىپلار ئىشلەيدىغان ئورۇن ۋە مېيىپلارنى داۋالايدىغان ئورگان، ئۇۋىلاپ داۋالاش ئورگانلىرى ۋە باشقا پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى كارخانا ۋە كەسپىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، مېيىپلارنى مەركەزلىك ھالدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
30 - ماددادۆلەت ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەشكىللەش، يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئىدارە - ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا ۋە كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى مەلۇم نىسبەت بويىچە مېيىپلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم ئۇلارغا مۇۋاپىق ئىش تۈرى ۋە ئىش ئورنى تاللاپ بېرىشى كېرەك. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كونكرېت نىسبەتنى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بەلگىلىسە بولىدۇ.
31 - مادداھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مېيىپلارنى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ سودا ۋە مۇلازىمەت ئىشلىرى بىلەن ياكى يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.
32 - مادداجايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار يېزىلاردىكى مېيىپلارنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە باشقا شەكىلدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەمگەكلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە يار - يۆلەكتە بولۇشى كېرەك.
33 - ماددادۆلەت مېيىپلارنى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى كارخانا ۋە كەسپىي تەشكىلاتلاردىن ۋە شەھەر - يېزىلاردىكى مېيىپ يەككە ئەمگەكچىلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى قوللىنىدۇ ھەم ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش، تېخنىكا، مەبلەغ، ماددىي ئەشيا، ئورۇن قاتارلىق جەھەتلەردە يار - يۆلەكتە بولىدۇ.
جايلاردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مېيىپلارنىڭ ئىشلىشىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى بەلگىلەپ، مېيىپلار پاراۋانلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاۋۋال ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم بەزى مەھسۇلاتلىرىنى تەدرىجىي ھالدا مېيىپلار پاراۋانلىق كارخانىلىرىنىڭ مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.
ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئىشچى - خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش كۆرسەتكۈچلىرىنى چۈشۈرگەندە، بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ مەلۇم نىسبىتىنى مېيىپلارغا ئاجرىتىشى لازىم.
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يەككە سودا - سانائەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغان مېيىپلار توغرىسىدا، ئاۋۋال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، تىجارەت كىنىشكىسى بېرىشى ھەم ئورۇن، قەرز پۇل قاتارلىق مەسىلىلەردە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېزا مېيىپلىرىغا ئىشلەپچىقىرىش - مۇلازىمەت، تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىشى لازىم.
34 - ماددادۆلەت مېيىپلارنىڭ پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى كارخانا ۋە كەسپىي تەشكىلاتلارنىڭ مال - مۈلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇشتىكى خوجايىنلىق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچراتقۇزمايدۇ.
ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش، رەسمىيلەشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، ئۇنۋان باھالاش، ئەمگەك ھەققى بېرىش، تۇرمۇش پاراۋانلىقى، ئەمگەك سۇغۇرتىسى قاتارلىق جەھەتلەردە مېيىپلارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.
ئالىي، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن دۆلەت تەقسىم قىلغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۇنىڭ مېيىپلىكىنى باھانە قىلىپ قوبۇل قىلىشنى رەت قىلماسلىقى كېرەك. رەت قىلسا ئالاقىدار كىشىلەر مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ ئورۇننى مېيىپ ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇش كېرەك.
مېيىپ ئىچى - خىزمەتچىلەر تۇرۇشلۇق ئورۇن مېيىپ ئىشچى - خىزمەتچىنى ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئەمگەك قىلىش شارائىتى ۋە ئەمگەك مۇھاپىزىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
35 - ماددامېيىپ ئىشچى - خىزمەتچىلەر تۇرۇشلۇق ئورۇن مېيىپ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنى تېخنىكىسى جەھەتتە تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

5 – باب مەدەنىيەت تۇرمۇشى

36 - ماددادۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلارنى تۈرلۈك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ياردەملىشىپ، مېيىپلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
37 - ماددامېيىپلارنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلىنىپ، ئىجتىمائىي ئاممىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بىلەن بىرىكىپ، ھەر خىل مېيىپلارنىڭ ئوخشاشمىغان ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇشى، مېيىپلار بۇ پائالىيەتكە كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇرۇلۇشى كېرەك.
38 - ماددادۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ:
(1) رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژۇرنال، كىتاب قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مېيىپلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مېيىپلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش؛
(2) ئەمالار ئوقۇشلۇقى، ئەمالارنىڭ ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقى، گاسلار ئوقۇشلۇقى، ئەقلىي جەھەتتىكى ئاجىزلار ئوقۇشلۇقى قاتارلىقلارنى يېزىش ۋە نەشر قىلىش، تېلېۋىزىيىدە بارماق تىلى پروگراممىسىنى يولغا قويۇش، قىسمەن كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە چۈشەندۈرۈشلەرنى كۆپەيتىش ئىشنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا يار - يۈلەكتە بولۇش؛
(3)مېيىپلارنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىنى، ئالاھىدە سەنئەت ماھارىتى كۆرسىتىش ۋە ئالاھىدە تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈش، زور خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە ۋە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا قاتنىشىشىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا يار - يۆلەكتە بولۇش؛
(4)مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش ۋە باشقا ئاممىۋى پائالىيەت ئورۇنلىرى مېيىپلارغا ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىش ۋە ئېتىبار بېرىش، پىلانلىق ھالدا مېيىپلار پائالىيەت سورۇنلىرىنى قۇرۇش.
39 - ماددادۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلارنى ئەدەبىيات - سەنئەت، مائارىپ، ئىلىم - پەن، تېخنىكا ۋە باشقا خەلققە پايدىلىق بولغان ئىجادىي ئەمگەكلەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە ياردەملىشىدۇ.

6 – باب پاراۋانلىق

40 - ماددادۆلەت ۋە جەمئىيەت يار - يۆلەكتە بولۇش، قۇتقۇزۇش ۋە باشقا پاراۋانلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مېيىپلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ.
41 - ماددادۆلەت ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشىدا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولغان مېيىپلارغا كۆپ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق مۇۋاپىق قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىدۇ.
دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى بولمىغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن باققۇچىسى بولمىغان، تۇرمۇشىنى قامداش مەنبەسى بولمىغان مېيىپلارنى بەلگىلىمە بويىچە باقىدۇ ۋە قۇتقۇزۇش بېرىدۇ.
42 - ماددامېيىپلار تۇرۇشلۇق ئورۇنلار، شەھەر - يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار، مېيىپلارنىڭ ئائىلىسى، مېيىپلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىشى ۋە ياردەملىشىشى كېرەك.
43 - مادداجايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جەمئىيەت پاراۋانلىق ئورۇنلىرىنى ۋە باشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يىغىپ تەربىيىلەش ئورگانلىرىنى قۇرۇپ، بەلگىلىمە بويىچە مېيىپلارنى يىغىپ تەربىيىلىشى ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەدرىجىي ياخشىلىشى كېرەك.
44 - مادداجامائەت مۇلازىمەت ئورگانلىرى مېيىپلارنى ئەلا مۇلازىمەت ۋە ياردەمچى خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
مېيىپلار جامائەت قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىلىشى ۋە ئېتىبار بېرىلىشى كېرەك، ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرۈلىدىغان ياردەمچى ئۈسكۈنىلەردىن ئېلىنىدىغان ھەق كەچۈرۈم قىلىنىشى كېرەك.
ئەمالار شەھەر ئىچىدىكى كوچا ئاپتوبۇسى، تراللىبۇس، يەر ئاستى پويىز، كىچىك پاراخوتلىرىغا ھەقسىز ئولتۇرالايدۇ. ئەمالار ئوقۇشلۇقى پوچتا ئارقىلىق يەتكۈززۈلگەندە ھەق ئېلىنمايدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىك ۋە يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى مېيىپلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى، جامائەت ئىشلىرى خىراجىتىنى ۋە باشقا ئىجتىمائىي سېلىقنى كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن ئازايتىشى ياكى كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلارغا باشقا جەھەتتە ئېتىبار بېرىش ۋە يار - يۆلەكتە بولۇشنى تەدرىجىي كۆپەيتىشى كېرەك.

7 – باب مۇھىت

45 - ماددادۆلەت ۋە جەمئىيەت تەدرىجىي ياخشى مۇھىت يارىتىپ، مېيىپلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ.
46 - ماددادۆلەت ۋە جەمئىيەت شەھەر كوچىلىرىنى ۋە ئىمارەتلىرىنى مېيىپلارغا قۇلايلىق قىلىپ لايىھىلەشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، توسالغۇسىز بولۇش تەدبىرلىرىنى تەدرىجىي يولغا قويىدۇ.
47 - ماددادۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپلار بىلەن باشقا پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلار ئىشلىرىنى ۋە مېيىپلارغا يار - يۆلەكتە بولغانلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، مېيىپلارنىڭ توختىماي ئىلگىرىلەش روھىنى نامايان قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئىجتمائىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
48 - مادداھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 3 - يەكشەنبە كۈنى مەملىكەت بويىچە مېيىپلارغا ياردەم بېرىش كۈنى بولىدۇ.

8 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

49 - ماددامېيىپلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىغاندا، دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
50 - ماددادۆلەت خادىملىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي، مېيىپلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزسە، شۇ كىشى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ئۇنى خاتالىقىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.
51 - ماددامېيىپلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپ، مال - مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچراتقان ياكى باشقا زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىشى ياكى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
52 - ماددامېيىپلارنىڭ مېيىپلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ياكى باشقا قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە چاڭ سېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ.
مېيىپلارنى زوراۋانلىق قىلىش ياكى باشقا شەكىل ئارقىلىق ئاشكارا ھاقارەتلىگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 145 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلىرى ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامىنىڭ 22 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.
مېيىپلارنى خورلىغانلار ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامىنىڭ 22 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 182 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بولمىغان مېيىپلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار بولسىمۇ، ئەمما بېقىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار ياكى مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بولمىغان مېيىپلارنى تاشلىۋەتكەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 183 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
ئەقلىي ۋە روھىي جەھەتتە مېيىپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان مېيىپلارنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلەر باسقۇنچىلىق قىلغانلار قاتارىدا قارىلىپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 139 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

9 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

53 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك نىزاملارنى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە يولغا قويىدۇ.
54 - ماددابۇ قانۇن 1991 - يىل 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165