| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > قانۇن بىلىملىرى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى

مەنبەسى:     يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-26    كۆرۈلگەن سانى : 

2002 - يىل 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2002 - يىلى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ70 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ


1 - ماددابۇ قانۇن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلغۇچى ئورۇن )تۆۋەندە بىردەك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى دېيىلىدۇ( نىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ؛ ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىكى، تۆمۈر يول قاتنىشى بىخەتەرلىكى، سۇ قاتنىشى بىخەتەرلىكى، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرىغا شۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.
3 - ماددابىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشتا بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.
4 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بۇ قانۇنغا ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر باشقا قانۇن، نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.
5 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ.
6 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلىرى قانۇن بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كاپالىتىگە ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى لازىم.
7 - ماددائىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا قاتناشتۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم.
8 - مادداگوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا ساقلانغان چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇشى، ھەل قىلىشى كېرەك.
9 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بۇ قانۇن بويىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بۇ قانۇنغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئالاقىدار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئالاقىدار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
10 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە بىنائەن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بېكىتىشى ھەمدە پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاراپ، ئۇنى مۇۋاپىق پەيتتە تۈزىتىشى لازىم.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى شەرت.
11 - مادداھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن، نىزاملار ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
12 - مادداقانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا تېخنىكا مۇلازىملىقى قىلىدىغان ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە كەسپىي نىزامغا ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئۇلارغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى جەھەتتە تېخنكا مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.
13 - ماددادۆلەت ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىدىكى جاۋابكارلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
14 - ماددادۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش پەن - تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىلغار تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشقا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.
15 - ماددادۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن، خەتەردىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

2 - بابئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كاپالىتى

16 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ھەمدە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىشى كېرەك؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىمىغانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشىغا بولمايدۇ.
17 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرى شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ:
)1( شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش؛
)2( شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە - تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى تۈزۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىش؛
)3( شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛
)4( شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئۇنى تەكشۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش؛
)5( شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم لايىھىسىنى تۈزۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلىش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش؛
)6( ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى ۋاقتىدا، ئەينەن دوكلات قىلىش.
18 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلاشقا كېتىدىغان مەبلەغ سېلىنمىسى بولۇشى، ئۇنىڭغا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى، ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى شەخسىي تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچى كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە ئۇلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىنىدىغان زۆرۈر مەبلەغ سېلىنمىسى يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە جاۋابكار بولۇشى لازىم.
19 - مادداكانچىلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇش قىلىش ئورۇنلىرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى مەخسۇس خادىم قويۇشى كېرەك.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن كەسىپكارلىرى 300 دىن ئاشىدىغانلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات تەسىس قىلىشى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى مەخسۇس خادىم قويۇشى لازىم؛ كەسىپكارلىرى 300 گە يەتمەيدىغانلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى مەخسۇس ياكى قوشۇمچە خادىم قويۇشى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىملىقىنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئالاقىدار قۇرۇلۇش تېخنىكا سالاھىيىتى بار قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىمىغا ھاۋالە قىلىشى لازىم.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىمىغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مۇلازىملىقىنى ھاۋالە قىلغان بولسا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش جاۋابكارلىقىنى يەنىلا شۇ ئورۇن ئۈستىگە ئالىدۇ.
20 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە مۇناسىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇشى شەرت.
خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى ۋە كانچىلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇش قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى خادىملىرىدىن ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى بويىچە سىناقتىن ئۆتكەنلىرى ۋەزىپىگە قويۇلسا بولىدۇ. سىناقتىن ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.
21 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيىلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى، ئۇلارنىڭ زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمىنى ھازىرلىشىغا، ئالاقىدار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە - تۈزۈملىرى ۋە بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىنى پىششىق بىلىشىگە، ئىش ئورنىنىڭ بىخەتەر مەشغۇلات ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيىلەش ۋە يېتىشتۈرۈشتە لاياقەتلىك بولمىغان كەسىپكارلارنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىپ شۇ ئىش ئورنىدا ئىشلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
22 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى يېڭى ھۈنەر، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال ياكى يېڭى ئۈسكۈنە ئىشلىتىشتە بىخەتەرلىك تېخنىكا خۇسۇسىيىتىنى چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئۈنۈملۈك بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە كەسىپكارلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تەربىيىلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى شەرت.
23 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىكى ئالاھىدە مەشغۇلات خادىملىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە بىنائەن، بىخەتەرلىك مەشغۇلاتى بويىچە مەخسۇس تەربىيىلىنىشى ۋە يېتىشتۈرۈلۈشى شەرت. ئالاھىدە مەشغۇلات سالاھىيەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىش ئورنىدا ئىشلىسە بولىدۇ.
ئالاھىدە مەشغۇلات خادىملىرىنىڭ دائىرىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.
24 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى يېڭى سالىدىغان، ئۆزگەرتىدىغان، كېڭەيتىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى )تۆۋەندە قۇرۇلۇش تۈرلىرى دېيىلىدۇ( نىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھىلىنىشى، تەڭ سېلىنىشى، تەڭ ئىشلەپچىقىرىشقا، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى شەرت. بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى مەبلىغىنى قۇرۇلۇش تۈرى تەخمىنەن  چوتىغا كىرگۈزۈش لازىم.
25 - مادداكانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى دەلىللەش ۋە بىخەتەرلىكنى باھالاش لازىم.
26 - مادداقۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى لايىھىلىگۈچى شەخس ۋە ئورۇن بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى لايىھىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھە لايىھىسىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىۋەتلىك تارماققا تەكشۈرتۈش لازىم، تەكشۈرگۈچى تارماق ۋە ئۇنىڭ تەكشۈرگۈچى خادىمى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
27 - مادداكانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار تەستىقلانغان بىخەتەرلىك ئەسلىھە لايىھىسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىشى ھەمدە بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى شەرت.
كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرى ۋە خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش تۈرى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش شەرت؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغۇچى ئورۇن ياكى شەخس تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نەتىجىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
28 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى خەتەر ئامىلى كۆپرەك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرگە روشەن بىخەتەرلىك سىگنال بەلگىسى ئورنىتىشى لازىم.
29 - ماددابىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى بويىچە لايىھىلەش، ياساش، ئورنىتىش، ئىشلىتىش، تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە بىراك قىلىش لازىم.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى دائىم ئاسراپ ھەمدە قەرەللىك تەكشۈرۈپ، نورمال ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم، ئاسراش، تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى خاتىرىلەش ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خادىم ئىمزا قويۇشى كېرەك.
30 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىشلىتىدىغان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىلىدىغان، خەتىرى چوڭراق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر ۋە خەتەرلىك بۇيۇم قاچىلاش، توشۇش قوراللىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، كەسپىي ئورۇن ئىشلەپچىقىرىشى ھەمدە ئۆز كەسپىي سالاھىيەت كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ كۆزىتىش، تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك، بىخەتەر ئىشلىتىش كىنىشكىسى ياكى بىخەتەرلىك بەلگىسى ئالغاندىن كېيىن، ئىشلىتىلسە بولىدۇ. كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
ھايات بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان، خەتىرى چوڭراق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ ئىجرا قىلىدۇ.
31 - ماددادۆلەت ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنىلەردە شاللىۋېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن، ئىشلىتىشنى چەكلىگەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
32 - مادداخەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، توشۇش، ساقلاش، ئىشلىتىش ياكى بىر تەرەپ قىلىش، تاشلاشنى ئالاقىدار ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ ھەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، توشۇش، ساقلاش، ئىشلىتىش ياكى تاشلاندۇق خەتەرلىك بۇيۇمنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئالاقىدار قانۇن، نىزام ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى، مەخسۇس بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىشى، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلىشى لازىم.
33 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى چوڭ خەۋپ مەنبەسىنى تىزىملاپ ئارخىپ تۇرغۇزۇشى، قەرەللىك كۆزىتىپ، باھالاپ، نازارەت قىلىپ تىزگىنلىشى ھەمدە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى تۈزۈشى، كەسىپكارلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا جىددىي ئەھۋالدا قوللىنىدىغان تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى شۇ ئورۇندىكى چوڭ خەۋپ مەنبەسى ۋە ئالاقىدار بىخەتەرلىك تەدبىرى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.
34 - مادداخەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش، ئىشلىتىش سېخلىرى، دۇكانلىرى، ئىسكىلاتلىرى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياتىقى بىلەن بىر ئىمارەت ئىچىدە بولماسلىقى ھەم ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياتىقى بىلەن بىخەتەر ئارىلىق قالدۇرۇشى لازىم.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنلىرى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياتىقىغا جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن، بەلگىسى روشەن، راۋان چىقىش ئېغىزى قويۇلۇشى كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنلىرى ياكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياتىقىنىڭ چىقىش ئېغىزىنى ئېتىۋېتىش، توسۇپ قويۇش مەنئى قىلىنىدۇ.
35 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى پارتلىتىش، كىران بىلەن قاچىلاشتەك خەتەرلىك مەشغۇلاتلارنى قىلىشتا، نەق مەيداننىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىشقا ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
36 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلارغا شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە - تۈزۈمى ۋە بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەمدە كەسىپكارلىرىغا مەشغۇلات سورۇنى ۋە خىزمەت ئورنىدىكى خەتەر ئامىلى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ۋە جىددىي تەدبىرىنى ئەينەن بىلدۈرۈشى كېرەك.
37 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلىرىغا دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇمى بېرىشى ھەمدە ئىشلىتىش قائىدىسى بويىچە تۇتۇش، ئىشلىتىش توغرىسىدا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، تەربىيە بېرىشى كېرەك.
38 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى خادىملار شۇ ئورۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى دائىم تەكشۈرۈشى؛ تەكشۈرۈشتە بايقالغان بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى؛ بىر تەرەپ قىلالمىغانلىرىنى شۇ ئورۇندىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ قويۇش لازىم.
39 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇمى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەلىم - تەربىيە خىراجىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم.
40 - ماددائىككىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنى بىر مەشغۇلات رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشتا، قارشى تەرەپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ۋە قوللىنىدىغان بىخەتەرلىك تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەمدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى مەخسۇس خادىمنى بېكىتىپ، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشى، ماسلاشتۇرۇشى لازىم.
41 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنى ۋە ئۈسكۈنىسىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ياكى مۇناسىپ سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان ئورۇن ياكى شەخسكە ھۆددە ياكى ئىجارە بېرىشىگە بولمايدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنىنى كۆپ ئورۇن ھۆددە، ئىجارە ئالغان بولسا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ھۆددە، ئىجارە ئالغۇچى ئورۇنلار بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەخسۇس كېلىشىمى ئىمزالىشى ياكى ھۆددە، ئىجارە توختامىدا ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى پۈتۈشۈشى؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ھۆددە، ئىجارە ئالغۇچى ئورۇنلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، باشقۇرۇشى لازىم.
42 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە چوڭ بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى دەرھال قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى لازىم، ۋەقە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان مەزگىلىدە خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلىشقا بولمايدۇ.
43 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى قانۇن بويىچە ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، كەسىپكارلىرى ئۈچۈن سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى لازىم.

3 – باب كەسىپكارلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى

44 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلىرى بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىدا كەسىپكارلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، كەسپىي خەۋپ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى، شۇنىڭدەك كەسىپكارلىرى ئۈچۈن ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىدىغانلىقىنى ئېنىق يېزىشى كېرەك.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسە تالاپىتىدە قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان جاۋابكارلىقنى يوققا چىقىرىش ياكى يېنىكلىتىش توغرىسىدا ھەر قانداق شەكىلدە كېلىشىم تۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
45 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلىرى مەشغۇلات سورۇنى ۋە ئىش ئورنىدىكى خەۋپ ئامىلى، مۇداپىئە تەدبىرىنى ۋە جىددىي تەدبىرنى بىلىشكە، شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ھەققىدە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق.
46 - مادداكەسىپكارلار ئۆز ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەنقىدلەش، پاش قىلىش، ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىقنى ۋە قاراملىق بىلەن ئىشلەشكە زورلاشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلاردىن شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەنقىد قىلغان، پاش قىلغان، ئەرز قىلغان ياكى قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىقنى، قاراملىق بىلەن ئىشلەشكە زورلاشنى رەت قىلغانلىرىنىڭ مائاشى، پاراۋانلىق تەمىناتلىرىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە ياكى ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
47 - مادداكەسىپكارلار جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىددىي ئەھۋالنى سەزگەندە، مەشغۇلاتنى توختىتىشقا ياكى مۇمكىن بولغان جىددىي تەدبىر قوللانغاندىن كېيىن، مەشغۇلات سورۇنىدىن چېكىنىشكە ھوقۇقلۇق.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىددىي ئەھۋالدا مەشغۇلاتنى توختاتقانلىقى ياكى جىددىي چېكىنىش تەدبىرى قوللانغانلىرىنىڭ مائاشى، پاراۋانلىق تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە ياكى ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
48 - ماددائىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغان كەسىپكارلار ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، ئالاقىدار ھەق تەلەپ قانۇنلىرى بويىچە تۆلەمگە ئېرىشىش ھوقۇقىمۇ بولسا، شۇ ئورۇندىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
49 - مادداكەسىپكارلار مەشغۇلات جەريانىدا، شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە - تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى، باشقۇرۇشقا بويسۇنۇشى، ئەمگەك مۇھاپىزەت بۇيۇملىرىنى توغرا تۇتۇشى ۋە ئىشلىتىشى كېرەك.
50 - مادداكەسىپكارلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەلىم - تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، خىزمىتىدە زۆرۈر بولغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمىنى ئىگىلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى لازىم.
51 - مادداكەسىپكارلار ھادىسە خەۋپى ياكى باشقا خەتەر ئامىلىنى بايقىغاندا، دەرھال نەق مەيداندىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خادىمىغا ياكى شۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلىغا دوكلات قىلشى كېرەك؛ دوكلات ئالغۇچى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.
52 - ماددائىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى بىخەتەرلىك ئەسلىھەسىنى ئاساسىي گەۋدە بىلەن تەڭ لايىھىلەش، تەڭ سېلىش، تەڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش ۋە پىكىر بېرىشكە ھوقۇقلۇق.
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇن، نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، كەسىپكارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قوماندانلىق قىلغانلىقى، قاراملىق بىلەن ئىشلەشكە زورلىغانلىقىنى ياكى ھادىسە خەۋپىنى سەزگەندە، ھەل قىلىش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ جاۋاب بېرىشى لازىم؛ كەسىپكارلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋالنى سەزگەندە، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىغا ئۇلارنى تەشكىللەپ خەتەرلىك سورۇندىن چېكىندۈرۈش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى شەرت.
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە ھادىسىنى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش، ئالاقىدار تارماقلارغا بىر تەرەپ قىلىش پىكرى بېرىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

4 – باب بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

53 - مادداناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلارنى خىزمەت مەسئۇلىيىتى بويىچە ئىش تەقسىم قىلىۋېلىشقا تەشكىللەپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك چوڭ ھادىسىلىرى ئوڭاي يۈز بېرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشى، ھادىسە خەۋپىنى سەزسە، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
54 - ماددابۇ قانۇننىڭ 9 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق )تۆۋەندە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق دېيىلىدۇ( ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىلىدىغان ئىشلاردىن تەستىقلىتىشقا )جۈملىدىن تەستىقلاش، ئىجازەت بېرىش، رويىخەتكە ئېلىش، ئىسپات بېرىش، كىنىشكا بېرىش قاتارلىقلار. تۆۋەندىمۇ شۇنداق( ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىدە، قەتئىي تۈردە ئالاقىدار قانۇن، نىزام ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتى ۋە تەرتىپى بويىچە تەكشۈرۈشى؛ ئالاقىدار قانۇن، نىزام ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى تەستىقلىماسلىقى ياكى ئۆتكۈزۈۋالماسلىقى لازىم. قانۇن بويىچە تەستىقلانمىغان ياكى تەكشۈرۈشتە ئۆتەلمىگەن ئورۇنلاردىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلغانلىرىنى مەمۇرىي تەستىقلاشقا مەسئۇل تارماق سەزگەن ياكى پاش قىلىشنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان دەرھال چەكلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. مەمۇرىي تەستىقلىغۇچى تارماق قانۇن بويىچە تەستىقلانغان ئورۇنلاردىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى قايتا ھازىرلىمىغانلىرىنى سەزسە، ئەسلى تەستىقنى بىكار قىلىشى لازىم.
55 - ماددابىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىلىدىغان ئىشلارنى تەكشۈرۈش، ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ تەكشۈرۈلگۈچى، ئۆتكۈزۈۋېلىنغۇچى ئورۇنلاردىن كۆرسىتىلگەن ماركىدىكى مەھسۇلاتنى ياكى كۆرسىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئورنىنىڭ بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىسى، سايمىنى ياكى باشقا مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.
56 - ماددابىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارنى ۋە دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:
)1( ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىغا كىرىپ تەكشۈرۈش، ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، ئالاقىدار ئورۇن ۋە كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەش؛
)2( تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقىغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى نەق مەيداندا تۈزىتىش ياكى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىش؛ قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىشكە تېگىشلىك قىلمىشلارغا بۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىش؛
)3( تەكشۈرۈشتە بايقالغان ھادىسە، خەۋپنى دەرھال تۈگىتىشكە بۇيرۇش؛ زور خەۋپنى تۈگىتىشتىن بۇرۇن ياكى تۈگىتىش جەريانىدا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمىسا، مەشغۇلات قىلغۇچىلارنى خەتەرلىك رايوندىن چېكىنىشكە بۇيرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى ياكى ئىشلىتىشنى ۋاقتىدا توختىتىشقا بۇيرۇش؛ زور ھادىسە خەۋپى تۈگىتىلگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ۋە ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئىشلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛
)4( بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قاراش ئاساسى بولغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، سايمانلارنى پېچەتلەش ياكى تۇتۇپ قېلىش ھەمدە 15 كۈن ئىچىدە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش قارارى چىقىرىش.
نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
57 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ )تۆۋەندە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر دېيىلىدۇ( قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ.
58 - ماددابىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك.
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر نازارەت قىلىپ تەكشۈرش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتا، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىدىغان ئىناۋەتلىك كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى شەرت؛ تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتى ۋە كەسىپ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.
59 - ماددابىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرگۈچىلەر تەكشۈرۈش ۋاقتى، ئورنى، مەزمۇنى، بايقىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىدىن خاتىرە قالدۇرۇشى ھەمدە ئۇنىڭغا تەكشۈرگۈچى بىلەن تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويۇشى كېرەك؛ تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇلى ئىمزا قويۇشنى رەت قىلسا، تەكشۈرگۈچىلەر ئەھۋالنى خاتىرىلەپ قويۇشى ھەمدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمەت مەسئۇلىيىتى بار تارماققا دوكلات قىلىشى كېرەك.
60 - ماددابىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلار نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە ئۆزئارا ماسلىشىشى، بىرلىكتە تەكشۈرۈشى كېرەك؛ ئايرىم تەكشۈرۈش زۆرۈر بولسا، ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈشى، سېزىلگەن بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدىن باشقا ئالاقىدار تارماقلار بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئۇلارغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەمدە خاتىرىلەپ قويۇشى، ئۆتكۈزۈۋالغان تارماق ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
61 - ماددامەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى مەمۇرىي تەپتىش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تەپتىشلەيدۇ.
62 - ماددابىخەتەرلىك باھالاش، ئىسپات بېرىش، ئۆلچەش، تەكشۈرۈشنى ئۈستىگە ئالغان ئاپپارات دۆلەت بەلگىلىگەن سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىشى ھەمدە ئۆزى چىقارغان بىخەتەرلىك باھالاش، ئىسپات بېرىش، ئۆلچەش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
63 - ماددابىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق پاش قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىشى، پاش قىلىش تېلېفونى، خەت ساندۇقى ياكى ئېلېكترونلۇق يوللانما ئادېرسىنى ئاشكارىلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر ئەرزنى قوبۇل قىلىشى كېرەك؛ ئەرز قىلىنغان ئىشلارنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن، يازما ماتېرىيال تەييارلىشى، تۈزىتىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئالاقىدار مەسئۇللارغا ئىمزا قويدۇرۇشى ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
64 - مادداھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس ھادىسە خەۋپىنى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماققا دوكلات قىلىش ياكى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
65 - مادداشەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدا ھادىسە خەۋپىنى ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك.
66 - مادداناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى زور ھادىسە خەۋپىنى دوكلات قىلىش ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. كونكرېت مۇكاپاتلاش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىدۇ.
67 - ماددائاخبارات، نەشرىيات، رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىق - تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈستىدىن جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكنى يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بار.

5 – باب ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە
تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش

68 - مادداناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ، شۇ مەمۇرىي رايوندىكى پەۋقۇلئاددە زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدە جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھىسىنى تۈزۈشى، جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.
69 - مادداخەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى ۋە كانچىلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورۇنلىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى قۇرۇش كېرەك؛ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت بۆلۈمى كىچىكرەك بولۇپ جىددىي قۇتقۇزۇش تەشكىلاتى قۇرمايدىغانلار جىددىي قۇتقۇزۇش قوشۇمچە ئىشلەيدىغان خادىملارنى بەلگىلىشى كېرەك.
خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى ۋە كانچىلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورۇنلىرى زۆرۈر بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش سايمان - ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلىشى ھەمدە ئۇنى دائىم ئاسرىشى، نورمال ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
70 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نەق مەيداندىكى ئالاقىدار خادىملار دەرھال شۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.
ئورۇن مەسئۇلى ھادىسە دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تېزدىن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ قۇتقۇزۇشقا ئۇيۇشتۇرۇشى، ھادىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، تالاپەت ۋە مال- مۈلۈك زىيىنىنى ئازايتىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماققا دەرھال ئەينەن دوكلات قىلشى كېرەك، ئەھۋالنى يوشۇرۇشقا، يالغان مەلۇم قىلىشقا ياكى مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرۈشكە، ھادىسە نەق مەيدانىدىكى ئالاقىدار دەلىل - ئىسپاتلارنى بۇزۇۋېتىشكە، يوقىتىۋېتىشكە بولمايدۇ.
71 - ماددابىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ھادىسە دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ھادىسە ئەھۋالىنى يۇقىرىغا دەرھال مەلۇم قىلىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماق ۋە ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھادىسە ئەھۋالىنى يوشۇرۇشىغا، يالغان مەلۇم قىلىشىغا ياكى مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.
72 - ماددائالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقنىڭ مەسئۇلى زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى توغرىسىدا دوكلات ئالغاندىن كېيىن، ھادىسە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا دەرھال يېتىپ بېرىپ، قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.
ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس ھادىسىدىن قۇتقۇزۇشنى قوللىشى، ئۇنىڭغا ماسلىشىش ھەمدە تولۇق قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
73 - مادداھادىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىش پرىنسىپى بويىچە، ھادىسە سەۋەبىنى ۋاقتىدا، توغرا ئېنىقلاپ، ھادىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھادىسە ساۋىقىنى يەكۈنلەپ، تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە ھادىسە جاۋابكارىنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. ھادىسىنى تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزۈپ چىقىدۇ.
74 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدا يۈز بەرگەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدىن تەكشۈرۈشتە جاۋابكارلىق ھادىسىسى دەپ بېكىتىلگەنلىرىدە، ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇننىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېنىقلىغان ھەمدە قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرگەندىن سىرت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار مەمۇرىي تارماقنىڭ جاۋابكارلىقىنىمۇ ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغان، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى بۇ قانۇننىڭ 77 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىش لازىم.
75 - مادداھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ھادىسىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىشىغا ۋە ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
76 - مادداناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندا يۈز بەرگەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئەھۋالىنى قەرەللىك ستاتىستىكىلاپ تەھلىل قىلىشى ھەمدە جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

6 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

77 - ماددابىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش مەمۇرىي چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
)1( قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر ئىشلارنى تەستىقلاش ياكى ئۆتكۈزۈۋېلىش؛
)2( قانۇن بويىچە تەستىقلاتمىغان، ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان ئورۇنلارنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلغانلىقىنى بايقىغان ياكى ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىكار قىلماسلىق ياكى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلماسلىق؛
)3( قانۇن بويىچە تەستىقلانغان ئورۇننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىقىنى سەزگەندە، ئەسلى تەستىقنى بىكار قىلماسلىق ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا بىر تەرەپ قىلماسلىق.
78 - ماددابىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلاردىن تەكشۈرۈلگۈچى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغۇچى ئورۇنلارغا كۆرسىتىلگەن بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى، سايمانلىرى ياكى باشقا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالىسەن، دەپ تەلەپ قويغانلىرىنى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش، ئۆتكۈزۈۋېلىشتا ھەق ئالغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە، ئالغان ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
79 - ماددابىخەتەرلىك باھالاش، ئىسپات بېرىش، ئۆلچەش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئاپپاراتلاردىن يالغان ئىسپات بېرىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوق ياكى 5000 يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە ئايرىم ياكى قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم، باشقا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولغان ئاپپاراتلارنىڭ مۇناسىپ سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.
80 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئاپپاراتى، ئاساسلىق مەسئۇلى، سەخسىي تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچىلاردىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك مەبلەغقە كاپالەتلىك قىلىشتا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىيالماسلىقىغا سەۋەبچى بولغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە، كېرەكلىك مەبلەغ ئاجرىتىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىيالماسلىقىغا سەۋەبچى بولغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە، كېرەكلىك مەبلەغ ئاجرىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بېرىشكە سەۋەبچى بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمىسا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىغا ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ، شەخسىي تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
81 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ. سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىسە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلىرىغا ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ ياكى 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىلگەن ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلگەنلىرىنىڭ جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان ياكى چارە كۆرۈلگەن كۈندىن باشلاپ 5 يىلغىچە ھېچقانداق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
82 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:
)1( بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلماسلىق ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خادىمى قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق؛
)2( خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى ۋە كانچىلىق بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلار بەلگىلەنگەن سىناقتىن ئۆتەلمەسلىك؛
)3( كەسىپكارلارنى تەربىيىلەش - يېتىشتۈرۈشتە بۇ قانۇننىڭ 21 -، 22 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق، كەسىپكارلىرىغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى بىلدۈرۈشتە بۇ قانۇننىڭ 36 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق؛
)4( ئالاھىدە مەشغۇلاتچىلارنى مەخسۇس بىخەتەرلىك مەشغۇلاتى بويىچە تەربىيىلەشتە ھەمدە ئالاھىدە مەشغۇلات لاياقەتنامىسى ئېلىپ ئىش ئورنىدا مەشغۇلات قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق.
83 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى قۇرۇلۇش ياكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
)1( كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھە لايىھىسى بولمىسا ياكى بىخەتەرلىك ئەسلىھە لايىھىسى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار تارماقنىڭ تەكشۈرۈشىدىن، ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسا؛
)2( كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇشلارنى قىلغۇچى ئورۇنلار تەستىقلانغان بىخەتەرلىك ئەسلىھە لايىھىسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلمىسا؛
)3( كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساقلايدىغان، قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا ياكى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، بىخەتەرلىك ئەسلىھە تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن بولسا؛
)4( چوڭراق خەتەر ئامىلى بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرگە روشەن بىخەتەرلىك سىگنال بەلگىسى ئورناتمىغان بولسا؛
)5( قۇراشتۇرغان، ئىشلەتكەن، تەكشۈرگەن، ئۆزگەرتكەن ۋە بىراكقا چىقارغان بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىسا؛
)6( بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى دائىم ئاسرىمىغان، رېمونت قىلمىغان ۋە قەرەللىك تەكشۈرمىگەن بولسا؛
)7( كەسىپكارلارغا دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى بويىچە ئەمگەك مۇھاپىزىتى بۇيۇمى بەرمىگەن بولسا؛
)8( ئالاھىدە ئۈسكۈنە ۋە خەتەرلىك بۇيۇملارنى قاچىلاش، توشۇش قوراللىرىنى كەسپىي سالاھىيەتكە ئىگە ئاپپاراتنىڭ تەكشۈرۈشى، ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكۈزمەي، بىخەتەر ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى ياكى بىخەتەرلىك بەلگىسى ئالماي ئىشلەتكەن بولسا؛
)9( دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن، ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەن بولسا.
84 - مادداقانۇن بويىچە تەستقلاتماي خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان، ساقلىغانلار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى تاقىۋېتىلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە ئايرىم ياكى قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
85 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
)1( خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش، ئىشلىتىشتە مەخسۇس بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورناتماسلىق، ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماسلىق ياكى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قوبۇل قىلماسلىق؛
)2( زور خەتەر مەنبەلىرىنى تىزىملاپ ئارخىپ تۇرغۇزماسلىق ياكى باھالىماسلىق، نازارەت قىلماسلىق ياكى جىددىي تەدبىر لايىھىسى تۈزمەسلىك؛
)3( پارتلىتىش، كىران بىلەن قاچىلاش قاتارلىق خەتەرلىك مەشغۇلاتتا، نەق مەيداننىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس باشقۇرغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرماسلىق.
86 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تۈرى، سورۇنى، ئۈسكۈنىلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتى ياكى مۇناسىپ سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان ئورۇن ياكى شەخسلەرگە ھۆددە بەرگەن ياكى ئىجارە بەرگەنلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرىلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى 5 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا ئايرىم ياكى قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ باشقىلارغا زىيان سالغانلار ھۆددە ئالغۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ھۆددە ئالغۇچى، ئىجارە ئالغۇچى ئورۇنلار بىلەن مەخسۇس بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزمىگەن ياكى ھۆددە، ئىجارە توختامىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق بەلگىلىمىگەن ياكى ھۆددە، ئىجارە ئالغان ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرمىغان، باشقۇرمىغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ.
87 - ماددائىككىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن بىر مەشغۇلات رايونىدا قارشى تەرەپنىڭ بىخەتەر ئىشلەچپىقىرىشىغا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشتا، بىخەتەر ئىشلەچپىقىرىشنى باشقۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈمىگە ياكى بىخەتەرلىكنى تەكشۈرىدىغان ۋە ماسلاشتۇرىدىغان مەخسۇس بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچى بېكىتمىگەنلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ.
88 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىشقا بويرۇلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
)1( خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش، ئىشلىتىش سېخلىرى، ماگىزىنلىرى، ئىسكىلاتلىرى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياتىقى بىلەن بىر بىنادا بولۇش ياكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياتىقى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن بولماسلىق؛
)2( ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياتىقىغا جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، بەلگىسى ئېنىق، راۋان چىقىش ئېغىزى قويماسلىق ياكى ئىشلەچپىقىرىش تىجارەت سورۇنى ياكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ياتىقىنىڭ چىقىش ئېغىزىنى ئېتىپ، توسۇپ قويۇش.
89 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، كەسىپكارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىدىكى تالاپەتتە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك جاۋابكارلىقنى يوققا چىقارغان ياكى يېنىكلەتكەن بولسا، شۇ كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولمايدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى، شەخسىي تىجارەتكە مەبلەغ سالغۇچىغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
90 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ كەسىپكارلىرىدىن باشقۇرۇشقا بويسۇنماي، ئىشلەپچىقىرىش قائىدە - تۈزۈملىرىگە ياكى مەشغۇلات قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورنى تەنقىد - تەربىيە بېرىدۇ، ئالاقىدار قائىدە - تۈزۈملەر بويىچە چارە كۆرىدۇ، زور ھادىسە پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
91 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن شۇ ئورۇندا زور ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىمىگەن ياكى ھادىسە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە خىزمەت ئورنىدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلغان ياكى قېچىپ كەتكەنلىرىگە ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرۈلىدۇ، قېچىپ كەتكەنلەرگە 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان ياكى مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلىرىگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
92 - ماددائالاقىدار يەرلىك ھۆكۈمەت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارماقلاردىن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى يوشۇرغان، يالغان مەلۇم قىلغان ياكى مەلۇم قىلىشنى كېچىكتۈرگەنلەرنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
93 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن بۇ قانۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزام، دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان، توختىتىپ تەرتىپكە سېلىنغان بولسىمۇ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىرى تاقىۋېتىلىدۇ، ئالاقىدار تارماق ئۇلارنىڭ كىنىشكىلىرىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلىشى كېرەك.
94 - ماددابۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى بېرىشنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماق قارار قىلىدۇ؛ تاقىۋېتىش مەمۇرىي جازاسى بېرىشنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قارار قىلىشىغا يوللايدۇ؛ توختىتىپ قويۇش مەمۇرىي جازاسى بېرىشنى ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن قارار قىلىدۇ. ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا مەمۇرىي جازا بېرىشنى قارار قىلىدىغان ئورگان ھەققىدە باشقا بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
95 - ماددائىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسىدە تالاپەت پەيدا قىلغان، باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىسا ياكى مەسئۇل خادىم قېچىپ كەتسە، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ.
ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى جاۋابكارلىرىدىن قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئىجرا تەدبىرى قوللانغان بولسىمۇ، زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا يەنىلا تۆلەم بېرەلمىگەنلىرى تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىشى كېرەك؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچى جاۋابكارنىڭ باشقا مال - مۈلكى بارلىقىنى بايقىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجرا قىلىپ بېرىشىنى ھەر ۋاقىت ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

7 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

96 - ماددابۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
خەتەرلىك بۇيۇم ئاسان يانىدىغان، پارتلايدىغان بۇيۇم، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇم، رادىئوئاكتىپلىق بۇيۇم قاتارلىق جىسماني بىخەتەرلىك ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بۇيۇمنى كۆرسىتىدۇ.
زور خەتەر مەنبەسى خەتەرلىك بۇيۇمنى ئۇزاق مۇددەت ياكى ۋاقىتلىق ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، ئىشلىتىش ياكى ساقلاشنى ھەمدە خەتەرلىك بۇيۇم مىقدارى كىرىتىك مىقدار بىرلىكى )جۈملىدىن سورۇن ۋە ئەسلىھە( گە تەڭ كېلىش ۋە ئېشىپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ.
97 - ماددابۇ قانۇن 2002 - يىل 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165