| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > قانۇن بىلىملىرى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قانۇنى

مەنبەسى:     يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-26    كۆرۈلگەن سانى : 

1992 - يىل 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1992 - يىل 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 58 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 - ماددابۇ قانۇن ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئەر - ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاياللارنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇن ۋە ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.
2 - ماددائاياللار سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
دۆلەت ئاياللارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئالاھىدە ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئاياللارنى ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش تۈزۈمىنى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
ئاياللارنى كەمسىتىش، خارلاش، ناكار قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
3 - ماددائاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، شەھەر - يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلارنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان تەشكىلاتلىرى بۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى لازىم.
دۆلەت ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشىگە زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
4 - مادداگوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. كونكرېت ئاپپاراتلار توغرىسىدا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.
5 - مادداجۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاياللىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسى ئىچىدە ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
6 - ماددادۆلەت ئاياللارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىشىگە، ئۆزىگە ئىشىنىشىگە، ئۆز كۈچىگە تايىنىشىغا، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىغا، قانۇندىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
ئاياللار دۆلەت قانۇنىغا، ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلىشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.
7 - مادداھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

2 – باب سىياسىي ھوقۇق

8 - ماددادۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
9 - ماددائاياللار ھەر خىل يوللار ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.
10 - ماددائاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە مۇۋاپىق ساندا ئايال ۋەكىللەر بولۇشى ھەم ئايال ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتى پەيدىنپەي كۆپەيتىلىشى لازىم.
11 - ماددادۆلەت ئايال كادىرلارنى پائال يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار كادىرلارنى ئىشقا قويغاندا، ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئايال رەھبىرىي كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشكە، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
12 - مادداھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرى دۆلەت ئورگانلىرىغا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا ئايال كادىرلارنى تونۇشتۇرسا بولىدۇ.
13 - ماددائالاقىدار تارماقلار ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى تەنقىد ياكى مۇۋاپىق تەكلىپلەرنى ئاڭلىشى ۋە قوبۇل قىلىشى، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەنلىك توغرىسىدىكى ئەرز - شىكايەت ۋە پاش قىلىش مەسىلىلىرىنى ئالاقىدار تارماقلار پاكىتلىرىنى ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ بېسىپ قويۇشىغا ياكى زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشىغا بولمايدۇ.

3 – باب مەدەنىيەت، مائارىپ ھوقۇق - مەنپەئىتى

14 - ماددادۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر مەدەنىيەت، مائارىپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
15 - ماددامەكتەپلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشى، ئاياللارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش، يۇقىرى مەكتەپلەرگە چىقىش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش تەقسىماتى، ئىلمىي ئۇنۋان ئېلىش، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
16 - ماددامەكتەپلەر ياش - ئۆسمۈر قىزلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مائارىپ، باشقۇرۇش، مۇئەسسەسە قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ، ياش - ئۆسمۈر قىزلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
17 - ماددائاتا - ئانىلار ياكى ئۇلارنىڭ ھامىيلىرى ئوقۇش يېشىغا يەتكەن ئۆسمۈر بالا قىزلارنىڭ مەجبۇرىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.
جىددىي كېسەللىك ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر  بالا قىزلارنى مەكتەپكە بەرمىگەن ئاتا - ئانىلار ياكى ئۇلارنىڭ ھامىيلىرىغا شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەنقىدىي تەربىيە بېرىشى ھەم ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنى ئۆسمۈر بالا قىزلىرىنى مەكتەپكە بېرىشكە بۇيرۇشى لازىم.
ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈر بالا قىزلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۆسمۈر بالا قىزلارنىڭ شۇ جايدا بەلگىلەنگەن يىل چەكلىمىسى بويىچە مەجبۇرىي مائارىپنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
18 - مادداھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئاياللار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىق، چالا ساۋاتلىقلارنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە ساۋاتسىزلىق تۈگىتىلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تەربىيىلەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەشكىلىي شەكىل ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى كونكرېت يولغا قويۇشقا ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە نازارەتچىلىك قىلىشى لازىم.
19 - مادداھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنى كەسپىي مائارىپ ۋە تېخنىكا تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم.
20 - ماددادۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە كارخانا كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشى، ئاياللارنىڭ ئىلىم - پەن، تېخنىكا، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە باشقا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

4 – باب ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتى

21 - ماددادۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر ئەمگەك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
22 - مادداھەرقايسى ئورۇنلار ئىشچى - خىزمەتچى ئالغاندا ئاياللارغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئىش تۈرى ياكى ئىش ئورۇنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا جىنسىي ئايرىمىسى تۈپەيلىدىن ئاياللارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا ياكى ئاياللارنى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈۋېلىشقا بولمايدۇ.
16 ياشقا توشمىغان قىزلارنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
23 - ماددائەر - ئاياللارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىلىدۇ.
تۇرالغۇ ئۆي تەقسىماتى ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇش جەھەتتە ئەرلەر بىلەن ئاياللار باراۋەر بولىدۇ.
24 - مادداۋەزىپە، دەرىجە، كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئاياللارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.
25 - مادداھەرقانداق ئورۇن ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئاياللارنىڭ خىزمەت ۋە ئەمگەكتىكى بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك، ئاياللارنى ئاياللار شۇغۇللىنىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان خىزمەت ياكى ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
ئاياللار ھەيز مەزگىلى، ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.
26 - مادداھەرقانداق ئورۇننىڭ نىكاھلىنىش، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئېمىتىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىشىگە ياكى ئەمگەك توختامىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلىۋېتىشىگە بولمايدۇ.
27 - ماددادۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ۋە تېببىي داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ياشانغان، كېسەل بولغان ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان ئاياللارنىڭ ماددىي ياردەمگە ئېرىشىشىگە شەرت - شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

5 – باب مال - مۈلۈك ھوقۇق -مەنپەئىتى

28 - ماددادۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر مال - مۈلۈك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
29 - ماددانىكاھلىنىش، ئائىلىدىكى ئورتاق مال - مۈلۈك مۇناسىۋىتىدە ئاياللارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
30 - ماددايېزىلاردا مەسئۇلىيەت ئېتىزى، ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزى قاتارلىقلارنى بۆلگەندە، ئۆي ئورنى تەستىقلىغاندا، ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
ئاياللار نىكاھلانغان، نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت ئېتىزى، ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزى ۋە ئۆي ئورنى يېرى قاتارلىقلار كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.
31 - ماددائاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغان مال - مۈلۈككە مىراسخورلۇق قىلىش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ئوخشاش تەرتىپتىكى قانۇنىي مىراسخورلار ئىچىدە ئاياللارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ.
جورىسى قازا قىلىپ كەتكەن ئاياللار مىراس ئالغان مال - مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئارىلىشىغا بولمايدۇ.
32 - مادداجورىسى قازا قىلىپ كەتكەن ئاياللار قېيناتىسى، قېينانىسى ئالدىدا ئاساسلىق بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا، قېيناتا، قېينانىنىڭ بىرىنچى تەرتىپتىكى قانۇنىي مىراسخورى بولىدۇ. ئۇنىڭ مىراسخورلۇق ھوقۇقى پەرزەنتلىرىنىڭ ۋارىسلىق مىراسخورلۇقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

6 – باب جىسمانىي ھوقۇق


33 - ماددادۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر جىسمانىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
34 - ماددائاياللارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى - تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ. قانۇنسىز ھالدا نەزەربەند  قىلىش ۋە باشقا قانۇنسىز ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى تارتىۋېلىش ياكى چەكلەش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئاياللارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.
35 - ماددائاياللارنىڭ ساغلام ياشاش ھوقۇقى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ. قىز بوۋاقلارنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش، تاشلىۋېتىش، ناكار قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ قىز تۇغقان ئاياللارنى ھەم تۇغماس ئاياللارنى كەمسىتىش، خارلاش مەنئى قىلىنىدۇ؛ خۇراپىي زورلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ ئاياللارنى ناكار قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ياشانغان ئاياللارنى خورلاش، باقماي تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.
36 - ماددائاياللارنى ئالداپ سېتىش، تۇتقۇن قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئالداپ سېتىلغان، تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى سېتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى قۇتۇلدۇرۇشى لازىم. ئالداپ سېتىۋېتىلگەن، تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلىرىنى ھەرقانداق كىشىنىڭ كەمسىتىشىگە بولمايدۇ. شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى لازىم. 
37 - ماددائىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
ئاياللارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئۇيۇشتۇرۇش، زورلاش، ئالداپ ئېزىقتۇرۇش، سولاپ بېرىش، ئاياللارنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا تونۇشتۇرۇش، ياللىۋېلىش، ئاياللارنى باشقىلار بىلەن ئويناشقا سولاپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.
38 - ماددائاياللارنىڭ سۈرەت ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن  قوغدىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، پايدا ئېلىش مەقسىتىدە ئېلان، سودا ماركىسى، كۆرگەزمە دېرىزىلىرى، كىتاب - ژۇرناللاردا ئاياللارنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
39 - ماددائاياللارنىڭ نام - شۆھرەت ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھاقارەت قىلىش، تۆھمەت قىلىش، خۇپىيانە سىرىنى سىرتقا يېيىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ نام - شۆھرىتى ۋە كىشىلىك غۇرۇرىغا زىيان يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

7 – باب نىكاھ، ئائىلە ھوقۇق -مەنپەئىتى

40 - ماددادۆلەت ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن باراۋەر نىكاھلىنىش، ئائىلە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
41 - ماددادۆلەت ئاياللارنىڭ نىكاھتا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىش، نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىش مەنئى قىلىنىدۇ.
42 - ماددائايال تەرەپ پىلانلىق تۇغۇتتىكى تەلەپلەر بويىچە ھامىلىدار بولۇشنى توختاتسا، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن ئالتە ئايغىچە ئەر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىش تەلىپىنى قويۇشقا بولمايدۇ. ئايال تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىش تەلىپىنى قويغانلار ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەر تەرەپنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
43 - ماددائاياللارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەر - ئايالنىڭ ئورتاق مال - مۈلكىدىن جورىسى بىلەن باراۋەر بەھرىمەن بولىدىغان ئىگىلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى ئىككى تەرەپنىڭ كىرىم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.
44 - ماددادۆلەت نىكاھتىن ئاجراشقان ئاياللارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيگە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.
ئەر - ئايالنىڭ ئورتاق ئۆي - جايى بولسا، نىكاھتىن ئاجراشقاندا ئۆي - جاينى بۆلۈشۈش ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ. پۈتۈشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، ئايال تەرەپ ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئېتىبار قىلىش پرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ باشقا پۈتۈمى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئەر - ئايال ئورتاق ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئۆي بولسا، نىكاھتىن ئاجراشقاندا، ئايال تەرەپنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى ئايال تەرەپ ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش پرىنسىپى بويىچە كېلىشىم ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئەر - ئايالنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى ئەر تەرەپ ئىشلەۋاتقان ئورۇندا بولسا، نىكاھتىن ئاجراشقاندا ئايال تەرەپنىڭ تۇرىدىغان جايى بولمىسا، ئەر تەرەپ شەرتلىك ھالدا ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىشى كېرەك.
45 - ماددائاتا - ئانا ھەر ئىككى تەرەپ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى ھامىيلىقىغا ئېلىش ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولىدۇ.
ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا ياكى باشقا ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى ھامىيلىقىغا ئېلىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان بولسا، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئانىسىنىڭ ھامىيلىقىغا ئېلىش ھوقۇقىغا ئارىلىشىشىغا بولمايدۇ.
46 - ماددانىكاھتىن ئاجراشقاندا، ئايال تەرەپ تۇغماسلىق ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇغۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا، پەرزەنتلىرىنى بېقىش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا پەرزەنتلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە پايدىلىق بولۇش شەرتى ئاستىدا ئايال تەرەپنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىگە ئېتىبار بېرىش كېرەك.
47 - ماددائاياللارنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بالا تۇغۇش، بېقىش ھوقۇقى بولىدۇ، شۇنداقلا تۇغماسلىق ئەركىنلىكىمۇ بولىدۇ.
تۇغۇت يېشىدىكى ئەر - ئايال ئىككى تەرەپ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويماقچى بولسا، ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەر، ئۈنۈملۈك تۇغۇتتىن ساقلىنىش دورا سايمانلىرى ۋە تېخنىكىسى بىلەن تەمىن ئېتىشى، تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان ئاياللارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

8 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق


48 - ماددائاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغۇچى ئالاقىدار باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشقا ھوقۇقلۇق.
ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغۇچى ئاياللار تەشكىلاتىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ، ئاياللار تەشكىلاتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغان ئايالنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم.
49 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەنلەرگە، باشقا قانۇن، نىزاملاردا جازا بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ قانۇن، نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.


50 - ماددائاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇسا ھەم كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار خادىملارغا مەمۇرىي چارە كۆرسە بولىدۇ:
)1( ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار بولغان ئەرز - شىكايەت، پاش قىلىش مەسىلىلىرىنى ئىتتىرىپ قويۇش، ئارقىغا سۆرەش، بېسىپ قويۇپ بىر تەرەپ قىلماسلىق؛
)2( قانۇن، نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئاياللارنى قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش ياكى ئاياللارنى قوبۇل قىلىش شەرتىنى ئۆستۈرۈۋېلىش؛
)3( ئۆي تەقسىم قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسىنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش؛
)4( نىكاھلىنىش، ھامىلىدار بولۇش، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئېمىتىش قاتارلىقلارنى باھانە قىلىپ ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىش؛
)5( مەسئۇلىيەت ئېتىزى، ئوزۇقلۇق ئاشلىق ئېتىزى قاتارلىقلارنى بۆلۈش، ئۆي ئورنى تەستىقلاشتا ئەر - ئايال باراۋەر بولۇش پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش؛
)6( ئوقۇشقا كىرىش، يۇقىرى مەكتەپكە چىقىش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش تەقسىماتى، ئۇنۋان بېرىش، چەت ئەلدە ئوقۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش؛
ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرى ئۈستىدىن ئەرز بەرگەن، شىكايەت قىلغان، پاش قىلغانلاردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلارنى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ياكى ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا بېرىدۇ. دۆلەت خادىملىرى ئۆچ ئېلىپ زەربە بېرىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 146 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
51 - ماددائاياللارنى باشقىلار بىلەن ئويناشقا ياللىغان، سولاپ بەرگەنلەر ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامىنىڭ 19 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 160 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
52 - ماددائاياللارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپ، مال - مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقان ياكى باشقا زىيان پەيدا قىلغانلار قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىشى ياكى باشقا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

9 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

53 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئالاقىدار نىزام تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويسا بولىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن، يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن پرىنسىپلارغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىلگەن ياكى تولۇقلانغان بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛ ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەرنىڭ بەلگىلىمىسى ئۆلكە ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.
54 - ماددابۇ قانۇن 1992 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165