| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > كومپىيوتىر بىلىملىرى

تور كۆرگۈچ قېتىۋېلىشنى ھەل قىلىش

مەنبەسى:  ئۇزنوكىيا بلوگى     يوللىغۇچى: زەپەرجان ئالىم     يوللانغان ۋاقتى : 2010-02-03    كۆرۈلگەن سانى : 

تور تىزگىنلەنگەندىن بۇيان شىنجاڭ رايونىدا تورغا چىقىپ بەزى تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، تور كۆرگۈ قېتىۋالىدىغان، خېلى ئۇزۇنغىچە ئىنكاس بولمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈشكە باشلىدى، بولۇپمۇ بۇ خىل ئەھۋال Windows XP3 ئىشلەتكەن كومپيۇتېرلاردا خېلى ئېغىر. شۇ سەۋەبتىن بۇ خىل مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئاددى قورالنى يوللاپ قويدۇم تۆۋەندىكىچە: تور كۆرگۈ قېتىۋېلىشىنىڭ سەۋەبى: ئەسلىدە كومپيۇتېرغا قاچىلانغان Flash قىستۇرمىسى Macromedia غا (Adobe تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان) ئۆزىنىڭ نەشىر نومۇرىنى يوللايدۇ، ھەمدە يېڭىلاش تەلەپ ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللايدۇ، ئەمما بىز تەرەپتە تور تىزگىنلەكلىك. ئۇ توختىماستىن بىر ئىلتىماس ئۇچۇر يوللاۋېرىدۇ، بۇ دېگەنلىك Flash قىستۇرمىسى تور بېكەتنى مەۋجۇد بولمىغان بىر ئادرېسقا مەجبۇرى بەلگىلەش ئۈچۈن توختىماستىن ئۇچۇر يوللايدۇ. ئىشقىلىپ بەت يۈزىدە Flash ئىشلىتىلگەن بەتنىڭ ھەممىسى Flash قىستۇرمىسىنى يېڭىلاش ئۈچۈن توختىماستىن ئۇچۇر ئۇزىتىش ئېلىپ بارىدۇ، بۇ ھۆججەت سېستىمىنىڭ مۇھىم قىسمىغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغاچقا، ۋىرۇسخورلار ۋە 360 قاراۋۇلى ئۇنىڭ ئۇچۇر ئۇزىتىشىغا نىسبەتەن چەكلەش ئېلىپ بارمايدۇ، بولمىسا يېڭىلاش مەغلۇب بولىدىغان گەپ! شۇ سەۋەپتىن تور كۆرگۈدە يالغان قېتىۋېلىش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ، بۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: باشلاش تىزىملىكىدىن 运行 نى بېسىپ تۆۋەندىكى ئادرېسنى بېسىپ ئىجرا قىلىمىز: C:WINDOWSsystem32driversetc ئىچىدىكى hosts دېگەن ھۆججەتنى 记事本 دا ئېچىپ ئەڭ ئاخىرقى قۇرغا تۆۋەندىكى بىر قۇر كودنى قوشۇپ قويىمىز: 127.0.0.1 fpdownload2.macromedia.com ھۆججەتنى ساقلىغاندىن كېيىن تور كۆرگۈنى قايتا قوزغاتساقلا بولىدۇ. يۇقارقىسى يالغان قېتىۋېلىش ھادىسىسنىڭ پرىنسىپى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى. بىر قىسىم تورداشلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلىش ۋە بىر قىسىم كومپيۇتېرلارغا hosts ھۆججىتىگە نىسبەتەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزگىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس قورال تۈزۈپ قويدۇم. پروگرامما Visual C# 2005 مۇھىتىدا تۈزۈلگەچكە، NetFrameWork 2.0 ۋە يۇقىرى مۇھىتتا ئىجرا بولىدۇ. Net مۇھىتىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرىۋېلىشقا بولىدۇ: http://soft.xj163.cn/downinfo/5626.html قورالنىڭ سىغىمى ۋە ئاممىباپلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ خەنزۇچە تۈزۈلدى، قوزغاتقاندىن كېيىن 修复 كۇنۇپكىسى بېسىلسىلا بولدى، بەلكىم بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ تەنقىد-پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمەن. 修复网页假死工具 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.uznokia.cn/down/修复网页假死工具.rar

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165