| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > كومپىيوتىر بىلىملىرى

WORDدىن پايدىلىنىپ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا ئارخىپ تەھرىرلەش

مەنبەسى: روھلان تور بىكىتى    يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2010-01-06    كۆرۈلگەن سانى : 

سىز بەلكىم WORDنى ئىشلىتىپ ئارخىپ بىر تەرەپ قىلىشقا پىششىق بولىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما تۆۋەندىكى بىر قانچە كۇنۇپكىنى ئىشلىتىپ باققانمۇ؟

سىز بىر قانچە بەتلىك ئارخىپ تەھرىرلەۋاتقان ۋاقىتتا يىرىم يولدا ساقلاشنى توختىتىپ، كىلەر قىتىم ئارخىپنى ئىچىپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز سىز يەنىلا سىرىلما تاياقچىنى سىرىش ئارقىلىق ئالدىنقى قىتىم ئاخىرلاشقان ئورۇننى ئىزدەمسىز؟

1. [Shift + F5] بىرىكمە كۇنۇپكا سىز ئالدىنقى قىتىم ساقلاپ قويغان ئارخىپنى ئاچقاندىن كىيىن، سىرىلما تاياقچىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ بۇ بىرىمە كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، ئۇ نۇر بەلگىنى تىز سۈرئەتتە ئالدىنقى قىتىم دىسكىغا ساقلىغان ئورۇنغا ئەكىلىپ بىرىدۇ. سىز نۇر بەلگە بار ئورۇندىن باشلاپ ئارخىپقا ئۆزلۈكسىز ئۆزگەرتىشكە كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.

2. سىز مائۇسنى سىرىپ يۆتكەش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ يۆتكەش مەشغۇلىيتى ئىلىپ بارغانمۇ؟ ئەگەر مائۇستىن پايدىلىنىپ ئارخىپنىڭ مەلۇم بۆلۈكىنى يۈتكەۋاتقان ۋاقىتتا ئىھتىياتسىزلىقتىن مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى بىسىۋالغان قولىمىزنى قويۇۋەتسەك يۆتكەۋاتقان بۆلەكنىڭ قەيەرگە قىستۇرۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي قالىمىز. بۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكى كۇنۇپكىلاردىن پايدىلانساق مەشغۇلات ئىنتايىن ئاددىيلىشىدۇ.

[Shift + F2]بىرىكمە كۇنۇپكىنى باسساق ھالەت سىتونىدا «قەيەرگە كۆچۈرىسىز؟» دىگەن ئۇچۇر چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا نۇر بەلگىنى كۆچۈرمەكچى بولغان ئورۇنغا ئەكىلىپ، مائۇسنى چەكسەك، نۇر بەلگە ئۇزۇن كاۋاك سىزىققا ئۆزگۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا Enter كۇنۇپكىسىنى ئۇرۇۋەتسەكلا تاللىغان بۆلەك نۇر بەلگىنى ئەكەلگەن ئورۇنغا كۈچۈرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇسۇل ئارقىلىقمۇ ئارخىپنى كۆچۈرۈشكە بولىدۇ. ئاۋۋال بىز كۆچۈرمەكچى بولغان ئارخىپنى تاللاپ [C +[Ctrlكۇنۇپكىسىنى باسىمىز. ئاندىن نىشان ئورۇننى تاللاپ [V +[Ctrl كۇنۇپكىسىنى باسساق تاللانغان مەزمۇن نىشان ئورۇنغا كۆچۈرىلىدۇ.

3. ماقالە تەھرىرلەۋاتقان ۋاقىتتا  [[Delete كۇنۇپكىسى ياكى  [ [Backspace كۇنۇپكىسى ئارقىلىق كۈچۈرۈش مەشغۇلاتىنى ئىلىپ بارغاندا خەت ئۆچۈرلۈپ سالغان ئەھۋال بولغانمۇ؟

ئەمەلىيەتتە بىز يۇقارقى 2 كۇنۇپكىدىن سىرىت يەنە [X +[Ctrl كۇنۇپكىسى ئارقىلىقمۇ ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتىنى ئىلىپ بارالايىمىز. ئۇنىڭ ياخشى ئالاھىدىلىكى بولسا ئاۋۋال كۆچۈرمەكچى بولغان قىسمىنى كىسىپ چاپلاش تاختىسىغا ساقلىۋالىدۇ. ئەگەر خاتا كۆچۈرۈلۈپ قالسا ئۇنى كىسىپ چاپلاش تاختىسىغا يۆتكەپ قايتۇرۇپ ئەكىلىپ چاپلىۋىلىشقا بولىدۇ. بولۇپمۇ كۆپ بۆلەكلىك مەزمۇنلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇشقا قولايلىق. ئۇنىڭدىن باشقا قورال سىتونىدىكى «ئەسلىگە قايتۇرۇش» كۇنۇپكىسىمۇ ئىنتايىن قولايلىق. WORD2000 بولسا 100قىتىملىق مەشغۇلاتنى خاتىرلىۋىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، پەقەت خەتنى خاتىرلەپ قالماسىتىن سۈرەت، جەدۋەل قاتارلىق مەشغۇلاتلارمۇ ئوخشاشلا ئۈنۈملۈك بۇنداق بولغاندا ھەر قانداق مەشغۇلاتتا خاتالىق كۆرۈلسە دەرھال تۇتىۋىلىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.

4. ھەرىپ- بەلگە ۋە ئابزاسقا نىسبەتەن فورماتلاش ئىلىپ بىرىلىۋاتقان ۋاقىتتا سىز نۆۋەتتىكى ھەرىپ بەلگە ۋە ئابزاسنىڭ ھالىتىگە قانداق ھۆكۈم قىلالايسىز؟

 [Shift + F1]بىرىكمە كۇنۇپكا، بۇ كۇنۇپكىنى باسساق، مائۇس ئىستىرىلكىسى، سۇئال بەلگىسى بىلەن بىللە كەلگەن ئوقيا شەكىللىك ئىستىرىلكىدىن پايدىلىنىپ ماقالىنىڭ مەلۇم بۆلۈكىنى ھەرىپنى چەكسەك بۇ دەرھال ھەرىپ ۋە مۇشۇ ھەرىپ تۇرىۋاتقان ئابزاسىنىڭ چۈشەندۈرلىشى چىقىدۇ. بۇ سىز فۇرماتلاش ئىلىپ بىرىۋاتقان مەشغۇلاتنىڭ چۈشەندۈرلىشى [[

Esc كۇنۇپكىسى ئارقىلىق بۇ چۈشەندۈرۈشىتىن چىكىنىپ چىقىمىز.

مەنبەسى:روھلان تور بىكىتى

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165