UNICODEدىگىنىمىزunited codeدىگەننىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،ئۇيغۇرچە مەنىسى بىرلىككە كەلگەن كود دىگەنلىكتور.ھەممىزگە ئايان،كومپىيوتېردا ئىشلەتكەن ھەرقانداق نەرسە،جۈملىدىن سان،ھەرىپ ۋە ھەرخىل بەلگۈلەر كومپىيوتېر ئىچكى قىسمىغا بارغاندا سان سىپىفر بىلەن ئىپادىلىنىلىدۇ.UNICODEئىجات قىلنىشتىن بۇرۇن ،كومپىيوتېردا پەقەت 0~255گىچە بولغان ئارلىقتا ھەرىپ ۋە سانلارغا نۇمۇر بېرىپ ئۇنى كومپىيوتىردا ھىساپلاش ئېلىپ بېرىشتىكى "كىملىك"قىلغان . مەسىلەن dosمەشغۇلات سېتىمىسىدا مۇشۇ تېخنىكا قوللۇنىلغان. بۇنداق ئۇسۇل ئېنگىلىزچە مەشغۇلات سېستىمىسنىڭ ئىھتىياجىدىن چىققان بولسىمۇ، فىرانسوسزچە ، گىرمانچە ، ئەرەپچەdosمەشغۇلات سېتىمىسنى ياسىغاندا قۇلايسىزلىق كىلىپ چىققان. چۈنكى ھەرقانداق مەشغۇلات سېتىمىسدا ئېنگىلىزچە ھەرىپ بولمىسا بولمايدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئېنگىلىزچە ھەرىپ ۋە سانلار 127دانە نۇمورنى ئىشلىىتپ بولغان.باشقا تىللار ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە چۇقۇم 128دىن255گىچە بولغان نۇمۇرنىلا ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەن.مانا بۇ بىز بىلىدىغان ASCII. دىمەك ASCIIدا پەقەت 256دانە ھەرىپ ياكى سانغا نۇمۇر بەرگىلى بولىدۇ.windows,unix,os2مەشغۇلات سېستىمىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ ،unicodeئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ،مەشغۇلات سېتىمىلىرىدا ئىشلىتىشكە باشلىغان.windowsدا ئىشلىتىدىغان unicodeئىككى بايىتتىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ(ASCIIبولسا بىر بايىتتىن تۈزۈلگەن يەنى 8خانىلىق ئىككىلىك سانلار قاتارىدىكى سان)،ئىپادىيەلەيدىغان ھەرىپىنىڭ سانى 2نىڭ 16دەرىجىسى دىگەنلىكتور.بۇنداق بولغاندا جەمئى ئىپادىيەلەيدىغان ھەرىپ سانى 65536دانە بۇلۇپ دۇنىيادىكى ھەرقانداق مىللەتنىڭ يېزىقىدا ئىشلىتىدىغان ھەرىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتىدۇ.unixمەشغۇلات سېتىمىلىرىدا بولسا unicode ئۆلچىمى 3 بايتتىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ ئىپادىيەلەيدىغان ھەرىپ سانى تېىخمۇ كۆپ.unicode نىڭ تۆھپىىسى بولسا مەيلى ئىشلەتكىنىڭىز قانداق تىل،قانداق مەشغۇلات سېتىمىسى ۋە ياكى قانداق پىروگىرامما بولسۇن، ئۇلارغا بىردىن بىر قوللىنىدىغان "كىملىك"نۇمۇرى بەلگۈلىگەن. |