| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > كومپىيوتىر بىلىملىرى

كومپيۇتېر سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كىتىشى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسسۇلى

مەنبەسى: ئۇستاز تورى    يوللىغۇچى: تۇردى غۇجائەھمەد    يوللانغان ۋاقتى : 2009-08-31    كۆرۈلگەن سانى : 

سىز كومپيۇتېرىڭىز سۈرئىتىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئاستىلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتامسىز ؟ تىزلىتىشنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟ تۆۋەندە مەن كومپيۇتېر سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىش سەۋەبى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە توختالماقچى .

. 1 كومپيۇتېر ئىچكى ساقلىغۇچىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇش . 

كومپيۇتېر قوزغالغاندا قاتتىق دېسكىغا ساقلانغان مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە بەزى سىستېما بىلەن بىرلىكتە قوزغۇلىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئچكى ساقلىغۇچقا چىقىپ ئىجرا بولىدۇ . ئەگەر ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ سىغىمى كىچىك بولسا ئىجرا بولۇش تەرتىپى بويىچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن قاتتىق دېسكا ئوتتورىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قېتىم سانى كۆپيىپ سۈرئەت ئاستىلاشنى كەلتۈرۈش چىقىرىدۇ.

بىراق ھازىرقى مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا ئىچكى سىغىم يېتىشمىگەندە قاتتىق دېسكا بوشلۇقىنى مەۋھۇم ئىچكى ساقلىغۇچ قىلىپ ئىشلىتىش ئىقتىدارى بولسىمۇ، لېكىن سۈرئىتى ھەقىقىي ئىچكى ساقلىغۇچىنىڭ سۈرئىتىگە قارىغاندا كۆپ ئاستا بولىدۇ.

ئادەتتە     / windows200 مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ كومپيۇتېر ئىچكى ساقلىغۇچقا بولغان تەلىپى ئەڭ ئاز بولغاندا 64 مېگابايىت بولسىمۇ، لېكىن بىر قانچە پروگرامما تەڭ ئىجرا بولغاندا 128 مېگابايىت بوشلۇقمۇ يېتىشمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئىچكى ساقلىغۇچنى 256 مېگابايىت غا كۆپەيتىش ، ئەگەر سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ، فىلىم ۋە ئېلان ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان بولسا 512 مېگابايىت ياكى تېخىمۇ يۇقىرى بولغىنى ياخشى . ئۇنىڭدىن باشقا ، ھازىر كومپيۇتېر سېتىۋالغۇچىلار ئارىسىدا قارغۇچىلارچە بىر تەرەپ قىلغۇچ ( cpu) سۈرئىتىنى قوغلىشىدىغان ، ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئەھۋال مەۋجۇت . شۇڭلاشقا cpu نىڭ سۈرئىتى يېتەرلىك بولغاندا ئىچكى ساقلىغۇچنى ئامال بار چوڭايتىش كېرەك .

. 2 مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن تەڭ قوزغىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئازايتىش

كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدا بىز داۋاملىق يېڭى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ تۇرىمىز. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاپتوماتىك قوزغىلىدىغان بولۇپ تەڭشىلىپ قالىدۇ. مەسلەن ، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالى ، مۇزىكا ۋە فىلىم قويۇش يۇمشاق دېتاللىرى ، رەسىم تۇتۇش يۇمشاق دېتاللار سىستېما بىلەن بىرلىكتە قوزغىلىپ يۇمشاق دېتاللار سىستېما بىلەن بىرلىكتە قوزغىلىپ يۇمشاق دېتاللار سىسستېما بىلەن بىرلىكتە قوزغىلىپ ئىچكى ساقلىغۇچنى ئىگلەپ تۇرىدۇ. كۆپەيگەنسېرى ئىچكى ساقلىغۇچ يېتىشمەسلىك ۋە cpu بايلىقىنى ئىگىلەش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋىرۇس ئۆلتۇرۈش يۇمشاق دېتالىدىن باشقىلىرىنىڭ سىستېما بىلەن تەڭ قوزغىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق . شۇڭلاشقا مۇشۇنداق پروگراممىلارنى تىزگىنلەش ، سىستېما بىلەن تەڭ قوزغىلىش ئىقتىدارىنى توختىتىش كېرەك . لازىم بولغاندا  بۇيرۇق بېرىپ قوزغۇتۇپ ئىشلەتسەك بولىۋېرىدۇ .( ئادەتتە ؛ ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىڭى كورۇنۇپ تۇرغان يۇمشاق دېتاللار قوزغۇلۇش ھالىتىدىكى دېتاللار )

كومپيۇتېرىمىزغا قاچىلانغان ، سىستېما بىلەن تەڭ ئىجرا بولىدىغان پروگراممىلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈش ۋە ئاپتوماتىك قوزغىلىش پروگراممىلارنىڭ تىزىملىكىنى كۆرۈش ۋە ئاپتوماتىك قوزغىلىش ئىقتىدارىنى چەكلەش ئۈچۈن باشلاش * تىزىملىكىدىكى ئىجرا قىلىش * كۆزنىكىگە msconfig نى يېزىپ ئىجرا قىلىمىز . ئاندىن كۆرۈنگەن رامكىدىكى قوزغىلىش * تۈرىنى باسساق ئاپتوماتىك قوزغىلىدىغان پروگرممىلار تىزىملىكى كۆرۈنىدۇ . قايسىسىنىڭ ئاپتوماتىك قوزغىلىش ئىقتىدارىنى چەكلىمەكچى بولساق شۇنىڭ ئالدىكى تاللاش بەلگىسىنى ئ.ۆچۈرگەندىن كېيىن جەزىملەشتۈرۈش * كۇنۇپكىسىنى باسىمىز .
ئەسكەرتىش : msconfig پروگراممىسى   * /windows98 نىڭ ئىچىدە بولغاچقا بىۋاستە ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ . لېكىن   */window200 لاردا بولمىغاچقا
*/window200
لاردىن كۆجۈرېۋېلىپ ئىشلىتىڭ .
. 3 قاتتىق دېسكىنى تازىلاش ۋە بوشلۇقنى رەتلەش
كومپيۇتېرنى ئىشلەتكەنسېرى قاتتىق دېسكىسىغا ھۆججەت يېزىش ۋە ئۆجۈرۈش قېتىم سانى كۆپيىش سەۋەبىدىن ئارلىقتا پەيدا بولىدىغان ۋاقتىلىق ھۆججەتلەرمۇ كۆپيىپ كېتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن قاتتىق دېسكىدىكى بوشلۇقنى ئارتۇقچە ئىگىلىگەندىن باشقا بوشلۇق پارچىسى * ھاسىل قىلىپ قاتتىق دېسكىنىڭ ئوقۇپ - يېزىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ . شۇڭلاشقا قەرەللىك ھالدا قاتتىق دېسكىدىكى كېرەكسىز ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش قاتتىق دېسكىنىڭ بوشلۇق پارچىلىرىنى رەتلەپ تۇرۇش كېرەك(بوشلۇق پارچىلىرىنى رەتلەش ئېلىپ بارغاندا چوقۇم توك مەنبەسىنىڭ مۇقىم بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك بولمىغاندا قاتتىق دېسكىدىكى  بىر قىسىم ھۆججەتلەر ئۆچۈپ كېتىدۇ . .)
. 4 ۋىرۇس تازىلاش
ئەگەر كومپيۇتېر سۈرئىتى تويۇقسىزلا ئاستىلاپ كەتسە ، تولا خاتالىق كۆرۈلسە كۆپىنچە ھاللاردا ۋىرۇسنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولىدۇ.  شۇڭا سىز  ھەرخىل ۋېروس تازلاش يۇمشاق دېتاللىرىدىن كومپيۇتېرنى تازلاپ تۇرىشىڭىز ، ئۆزلىگىدىن پەيدا بولۇپ قالغان بىر قىسىم ھۆججەت ، تور بەتلەرنى ئۆز ۋاختىدا ئۆچۈرۈپ تاشلىشىڭىز لازىم .
. 5 ئارتۇقچە سەپلىمە ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىش
كومپيۇتېرنى ئىشلىتىش داۋامىدا ھەر خىل يۇمشاق دېتالارنى قاچىلاپ ئۆچۈرۈپ تۇرىمىز، لېكىن بەزىدە مەشغۇلاتتىكى خاتالىق، توك كىتىش، سېستىمىدا مەسىلە كۆرۈلۈش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تىزىملاش جەدىۋىلىدىكى سەپلىمە ئۇچۇرلىرى ۋە ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر ئۆچۈرۈلمەي قالىدۇ، بۇلارمۇ كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىگە خىلى كۆپ تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا سىز كومپيۇتېردىن يۇمشاق دېتال ئۆچۈرگەندە ئەڭ ياخشىسى ئۆچۈرۇش يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىڭ بەك بولمىغاندا ئۆزنىڭ ئۆچۈرۈش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ ، بولمىسا بىر قىسىم ھۆججەتلىرى قاتتىق دېسكا رايۇنلىرىدا ساقلىنىپ قېلىپ بوشلۇق ئىگىلەپ كومپيۇتېرنىڭ سۈرىتىنى ئاستىلتىۋېتىدۇ .
.6 تۆۋەنرەك نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش
ھازىر يۇمشاق دېتالنىڭ تەرەققىياتى ۋە نەشىرنىڭ يېڭىلىنىشى تىزلىشىپ ئىقتىدارلىرىمۇ يۇقىرىلاۋاتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قاتتىق دېتالغا بولغان تەلەپمۇ يۇقىرى بولىۋاتىدۇ . شۇڭلاشقا بۇرۇن سېتىۋالغان كومپيۇتېر بولسا ھازىرقى يېڭى نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلىساق تەبىئىيلا كومپيۇتېرنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كېتىشى ئانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس . ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزدا ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان بولسىڭىز ، يەنىلا ھاجىتىڭىز چىقالايدىغان ، تۆۋەنرەك نەشىردىكى سىستېما ۋە يۇمشاق دېتالنى قاچىلىغىنىڭىز مۇۋاپىق . بۇنداق بولغاندا سۈرئەت يۇقىرى بولۇپ، ئىش ئۈنۈمىڭىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن باشقا سۈرئەت ۋە سىغىم يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان خاتالىقلاردىنمۇ ساقلانغىلى بولىدۇ . يىغىپ ئېتقاندا  يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنغان ياخشى .ئىشلىتىشنى ئۇقمىساقمۇ ياكى ئۆزىمىز داۋاملىق لازىم قىلمىساقمۇ بىر قىسىم يۇقۇرى نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنى كومپىيوتېرىمىزغا قاچىلىۋېلىشىمىزنىڭ ئورنى يوق ، شۇڭا ئەھۋالغا قاراپ بىر قىسىم دېتللارنىڭ ئوتۇرھال نەشىرىنى قاچىلىغان ياخشى . (ئەسكەرتىش :  ۋېروس تازلاش يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەڭ يېڭى ، يۇقۇرى نەشىرنى قاچىلاڭ ، ۋاختى ئۆتۈپ كەتكەن ، تۆۋەن نەشىردىكى ۋېروس تازلاش يۇمشاق دېتالىنى كومپيۇتېردا ساقلىغاندىن  ئۆچۈرۋەتكىنىڭىز ياخشى چۈنكى ۋېروسنىڭ يېڭىلىنىش بەك تېز  ۋاختى ئۆتكەن ۋېروس تازلاش يۇمشاق دېتالى بىلەن ئۆچۈرگىلى بولمايدۇ )

مەنبە : ئۇستاز تورى                    تۇردى غۇجائەھمەد   رەتلىدى

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165