Windows. 1قا ۋاقتىدا توقۇلما قاچىلاپ تۇرۇش كېرەك. ئۇسۇلى: IE نىڭ ئىچىدىكى << ئۈسكۈنە >> ئىچىدىكى Windows Update نى ئېچىپ ھەمدە قەدەم باسقۇچ بويىچە يېڭىلايمىز. Windows قا توقۇلما قاچىلاش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، نۇرغۇنلىغان ۋىرۇسلار Windows نىڭ يوچۇقىدىن كىرىدۇ. . 2 بىخەتەر بولمىغان تور بېكەتلىرىنى كۆرمەسلىك كېرەك. << Windows نىڭ بىخەتەرلىك خۇسۇسىيىتى >> نىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئالى دەرىجىگە كۆتۈرۈش كېرەك. ئۇسۇلى: IE نىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى كىچىك يەر شارى بەلگىسىگە قوش چېكىپ، كۆڭۈلدىكى قىممەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىمىز. ئاندىن جەزىملەشتۈرىمىز. سەۋەبى، تور بەت ئىشلىتىدىغان باشقۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى توسىمىز. بەزى تور بەتلەر نورمال باشقۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، ناخشا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش تور بەتلىرى. بۇ ۋاقىتتا << Windows نىڭ بىخەتەرلىك خۇسۇسىيىتى >> ئوتتۇرا دەرىجىگە چۈشۈرسەك بولىدۇ. . 3 توردىن چۈشۈرۈش ۋە يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاشنىڭ ئالدىدا چوقۇم ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش، چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاچماسلىق. سەۋەبى: بەلكىم توردىن چۈشۈرگەن نەرسىلەر ۋىرۇس بولغان يۇمشاق دېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولمايدۇ، لېكىن، باشقىلار تەرىپىدىن ۋىرۇس يوقتۇرۇلغان ئېھتىماللىقنى چىقىرىۋېتىشىمىزگە بولمايدۇ. توردىن ماتېرىيال چۈشۈرگەندە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن چۈشۈرۈشىمىز كېرەك. . 4 ۋىرۇس ئامبىرىنى دائىملىق يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك. سەۋەبى: ۋىرۇسنىڭ يېڭىلىنىشى ئۆزلۈكسىز بولىدۇ، ۋىرۇس ئامبىرىنى يېڭىلىغاندىلا ئاندىن يېڭى ۋىرۇسلارنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. IE. 5 نىڭ ياردەم ئۈسكۈنىلىرىنى بەك كۆپ قاچىلىماسلىق كېرەك. IE نىڭ ياردەم ئۈسكۈنىلىرى توقۇنۇش بولۇشىمۇ مۇمكىن، ھەم ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ بەلگىلىك ئورنىنى ئىگىلەيدۇ. . 6 كۆپلىگەن ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالى قاچىلىمىساقمۇ بولىدۇ. ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئورنىنى ئارتۇق ئېگىلەيدۇ. . 7 كومپيۇتېرغا نىسبەتەن بەلگىلىك تونۇش بولسا، قولدا تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەكشۈرسەكمۇ بولىدۇ. سىستېما دىسكىسىدىكى Autoexe.batwinws ئىچىدىكى Msconfig.exe ۋە تىزىملاش جەدۋىلىنىڭ Run قوزغىتىش ماددىسىدا << يېڭىدىن يۈكلەنگەن تۈر >> بايقالسا ۋىرۇس بولۇشى مۇمكىن. . 8 مۇھىم ھۆججەتلەرنى سىستېما دىسكىسىغا قويماسلىقىمىز كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە زاپاس قىلىۋېلىشىمىز كېرەك. . 9 سىستېما دىسكىسىغا ئوبراز ھۆججىتى قىلىۋېلىشىمىز كېرەك. ئەگەر يېڭى ۋىرۇسقا يولۇققاندا، ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالىمۇ ئۆلتۈرەلمىسە، ئوبراز ھۆججەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بىز پەقەت ۋاقتىدا تولۇقلىما قاچىلاپ، ۋىرۇس ئامبىرىنى دائىملىق يېڭىلاپ ۋە ھەر خىل تەييارلىقلارنى پۇختا قىلساقلا ۋىرۇسلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنالايمىز.
مەنبە : ئۇستاز تورى تۇردى غۇجائەھمەد رەتلىدى |