كومپيۇتېردا ۋىرۇس پەيدا بولغانلىقنىڭ بېشارىتى ئەگەر سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ھادىسە كۆرۈلسە، سىز دەرھال ئاپپاراتنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. . 1 كومپيۇتېرنىڭ ئىشلەش سۈرئىتى ئادەتتىكىدىن ئاستا بولۇپ قالسا. . 2 كومپيۇتېرنىڭ تەرتىپلىك ئېچىلىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە. . 3 نورمال بولمىغان خاتا ئۇچۇر پەيدا بولۇپ قالسا. . 4 سىستېمىلارنىڭ خاتىرىلەش سىغىمچانلىق مىقدارى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتسە. . 5 قاتتىق دېتالدىن پايدىلىنىش بوشلۇقى ئۇشتۇمتۇت ئازىيىپ كەتسە. . 6 ئىشلىنىدىغان ھۆججەتلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۆزگىرىپ كەتسە. . 7 قاتتىق دېتال ئايلىنىش يولى ئۇشتۇمتۇت كۆپىيىپ كەتسە. . 8 كومپيۇتېر ئىچىدە ساقلىنىدىغان كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان دائىملىق تەرتىپ كۆپىيىپ كەتسە. . 9 ئارخىپنىڭ مەزمۇنىدا غەيرىي ماتېرىياللار كۆپىيىپ كەتسە. .10 ئارخىپ نامى، چېسلا (مۇددىتى). تەۋەلىكى ئۆزگەرتىلگەن بولسا. 11. سەۋەپسىزلا تۇيۇقسىز تورغا ئۇلانمىسا . 12.سىزنىڭ دېسكا ئويغۇچ يۇمشاق دېتالىڭىز توساتتىن نۇرمال ئىشلىمىسە .(كوپەيتمەكچى بولغان ھۆججىتىڭىزنى ئويۇش يۇمشاق دېتالى تۇنىمىسا) دېمەك، يۇقىرىقى ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ۋىرۇس بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. مەنبە : تور دۇنياسى تۇردى غۇجائەھمەد رەتلىدى |