| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > كومپىيوتىر بىلىملىرى

Windows Xp نىڭ كىرىش شىفىرىنى ئۇنۇتسىڭىز

مەنبەسى:     يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-01    كۆرۈلگەن سانى : 
Windows XP نىڭ Administrator مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز، كۆپىنچە ئەھۋالدا سېستىمىنى قايتا قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ. لىكىن مەن بۇ يەردە سىزگە بىرنەچچە خىل ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى سۆزلەپ ئۆتەي، ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ۋىندوۋس شىپ نىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى:
1- خىل ئۇسۇل: ئەگەر سىز ۋىندوۋس نىڭ ئۆزىڭىز قۇرۇۋالغان ئابونت مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، بۇنى ھەل قىلىش ئاسان. كۆپىنچە كىشىلەر مەشغۇلات سېستىمىسىنى تۇنجى قاچىلىغاندىن كىيىن ئۆزى يېڭىدىن ئابونت قۇرۇپ، Administrator بىلەن كارى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەشغۇلات سېستىمىسىدا بىر يوچۇق ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر شۇنداق ئەھۋالدا ئۆزىڭىز قۇرغان مەخپى نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز بۇنى ھەل قىلىش ناھايىتى ئاسان. يەنى سىز Windows نىڭ Dos ھالىتىدە Net بۇيرۇقىنى ئىشلىتسىڭىزمۇ بولىدۇ. لىكىن بۇ سەل ئاۋارىچىلىك، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بۇيرۇقنىڭ ئىشلىتىش شەكلىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئەڭ ياخشىسى سىز كومپىيوتىرىڭىزنى نورمال قوزغۇتۇپ، ئابونىت نامى چىقىپ مەخپى نۇمۇر سېلىش ھالىتىگە كەلگەن چاغدا، Ctrl+Alt+Del ئۈچ كونۇپكىنى باسسىڭىز، ئۆزىڭىز ئەركىن ئابونىت نامى سېلىش ھالىتىگە كىرىدۇ، سىز ئابونىت نامىغا Administrator نى سېلىپ، Enter نى بېسىپ سېستىمىغا كىرەلەيسىز، ئەشۇ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان ئابونت نامىڭىزنى ئۆچۈرۈپلاۋەتسىڭىز ئىش تامام.
ئەمدى ئەڭ چاتاق بولغىنى مۇشۇ Administrator دىگەن ئەبلەخنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قېلىش. ھې ھې ھې. كومپىيوتىردا پەقەت Administrator دىگەن ئابونتلا بولۇپ ئۇنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز، سېستىمىنى قايتا قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق ئاۋارە بولماڭ. مەخپى نۇمۇرنى تېپىشتا بىر نەچچە يۇمشاق دىتالنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: PasswareKit5.0 نىڭ ئىچىدىكى Windows Key 5.0، لىكىن بۇنى ئىشلىتىپ بولغۇچە كاللىڭىز ئېلىشىپ كىتىدۇ، مەنمۇ دەسلەپتە ناھايىتى تەستە ئۈگەنگەن.

ئەڭ ئاخىرىدا سىزنى تەققەززا قىلىپ دىمەكچى بولغىنىم ئەڭ ئاسان ئۇسۇل. يەنى سىز كومپىيوتىرىڭىزنى Dos قوزغىتىش دىسكىسى ئارقىلىق قوزغۇتۇڭ (ئەلۋەتتە دېسكىڭىز Fat بويىچە فورماتلانغان بولسا قانداق Dos قوزغۇتۇش دىسكىسى ئارقىلىق قوزغاتسىڭىز بولىۋىرىدۇ، ئەگەر NTFS بويىچە فورماتلانغان بولسا چوقۇم NTFS نى قوللايدىغان Dos قوزغۇتۇش دىسكىسى بولسۇن)، ئاندىن سىز مەشغۇلات سېستىمىسى غول مۇندەرجىسى ئاستىدىكى system32config نىڭ ئاستىدىكى sam دىگەن ھۆججەتنى (بۇ ھۆججەتنىڭ ھېچقانداق كېڭەيتىلگەن ھۆججەت نامى يوق) قورقماي ئۆچۈرىۋىتىڭ، ياكى بولمىسا مەخپى شىفىر سېلىنمىغان بىرەر كومپىيوتېردىن يۇقارقى ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىڭئ ئاندىن كومپىيىوتىرنى قايتا قوزغاتسىڭىز، Administrator نىڭ مەخپى نۇمۇرىنىڭ يوقالغانلىقىنى ھىس قىلىسز، ئەمدى ھاردۇغىڭىز چىققاندۇ.
system32config نىڭ ئاستىدىكى sam ھۆججىتى دەل ۋىندوۋس شىپ نىڭ ئابونت سانلىق ئامبار ھۆججىتى، بۇنىڭدا سېستىما ئىشلەتكۈچى ئابونتلىرىنىڭ بارلىق مەخپى ئۇچۇرى ساقلانغان، سىز ئۇنى ئۆچۈرىۋەتكەندىن كىيىن، ۋىندوۋس شىپ قايتا قوزغۇلۇش جەريانىدا، ھېچقانداق مەخپى نۇمۇرى بولمىغان sam ھۆججىتىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سېستىما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەخپى نۇمۇرى يوقايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرنەچچە خىل ئۇسۇل بار، ئەڭ ئاددى، قولايلىق ئۇسۇل يۇقارقىلار.

ئەسلى يازمىنى شەبنەم مۇنبىرىگە يوللىغان.
 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165