| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   كومپىيوتىر بىلىملىرى   |   ساغلاملىق بىلىملىرى   |   تۇرمۇش بىلىملىرى   |   قانۇن بىلىملىرى   |   يېزا - ئىگىلىك بىلىملىرى  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > بىلىم كۆزنىكى > كومپىيوتىر بىلىملىرى

BIOS بىلەن CMOS نىڭ پەرىقى ۋە مۇناسىۋېتى

مەنبەسى:     يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2009-01-07    كۆرۈلگەن سانى : 

 بىز كۈندىلىك كومپيۇتېر مەشخۇلاتى جەريانىدا BIOS بەلگىلىنىشى ۋە CMOS بەلگىلىنىشى دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايمىز ۋە ئۇچىرتىمىز . 
كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا BIOS ۋە CMOS قد قارتا ئېنىق چۈشەنچە يوق ، داۋاملىق ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەۋېرىدۇ . 
بۇ ماقالىمىزدە BIOS  بىلەن CMOS  نىڭ ئاساسلىق پەرىقى ۋە مۇناسىۋېتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز .
BIOS دېگەن نىمە ؟ 
BIOS  بولسا كومپيۇتېردىكى ئاساسلىق كىرگۈزۈش-چىقىرىش سېستىمىسى
(Basic Input-Output System) . ئۇنىڭ مەزمۇنى ئاساسى تاختىدىكى بىر ROM ئۆزىكىگە يېزىۋېتىلگەن بولۇپ ، كومپيۇتېرنىڭ ئاساسلىق كىرگۈزۈش-چىقىرىش سېستىمىسى ئۇچۇرلىرىنى ساقلىغان بولىدۇ . 
BIOS نىڭ ئىقتىدارى : 
1. BIOS  ئۈزۈلۈش مۇلازىمىتى پروگراممسى (中断服务程序)
BIOS  ئۈزۈلۈش مۇلازىمىتى ئەمەلىيەتتە يۇمشاق دېتال بىلەن قاتتىق دېتال ئارىسىدا باغلاش ئېلىپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ . مەسلەن ،DOS ۋە windows مەشخۇلات سېستىمىسىدىكى يۇمشاق دېسكا ، قاتتىق دېسكا ، سىنتەخسە قوزغاتقۇچ ، كونۇپكا تاختىسى ، ئېكران قاتارلىق سىرىتقى ئۈسكىنىلەرنىڭ باشقۇرۇلىشى . ھەممىسى BIOS  نىڭ ئۈزۈلۈش پروگراممىسىنىڭ رولىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ . 
2. BIOS   سېستىما تەڭشەش پروگراممىسى
 كومپيۇتېر زاپچاسلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرى ئوقۇش يېزىشقا بولىدىغان بىر تال CMOS RAM ئۆزىكىگەجايلاشقان بولۇپ ، سېستىمىنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرلىرى ساقلىنىدۇ  ، CPU ئالاھىدىلىكى ، يۇمشاق قاتتىق دېسكا قوزغاتقۇچ ، ئېكران ، كونۇپكا تاختىسى قاتارلىق زاپچاسلارنىڭ ئۇچۇرلىرى مۇشۇ يەردە . BIOS ROM ئۆزىكىگە سېستىما بەلگىلەش پروگراممىسى قاچىلانغان بولۇپ  CMOS RAM دىكى ھەر خىل پارامىتىرلارنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ ، بۇ پروگرامما كومپيۇتېرنى قوزغاتقان ۋاقىتتا مەلۇم بىر خىل ئالاھىدە كونۇپكىنىڭ بېسىىلىشى بىلەن تەڭشەش ھالىتىگە كىرىدۇ ۋە ئىشلەتكۈچىنى ئەڭ ياخشى بولغان مەشخۇلات كۆرۈنۈش يۈزى بىلەن تەمىنلەيدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل CMOS  پارامىتىرىنى تەڭشەش ئۇسۇلى ئادەتلىنىپ كېتىش سەۋەبىدىن BIOS  بەلگىلەش دەپ ئاتىلىدۇ .  
ناۋادا CMOS RAM ئۆزىكىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلەش ئۇچۇرلىرى توغرا بولماي قالسا ناھايتى ئاسانلا سېستىما پۈتۈن گەۋدىسى بويىچە ئىقتىدار تۆۋەنلەش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ . 
يۇمشاق دېسكا قوزغاتقۇچ قاتارلىق ئۈسكىنىلەر ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن ، ئېغىز بولغاندا بىر قىسىم يۇمشاق ، قاتتىق دېتاللارنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىرىدۇ .  
3 . POST ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى
كومپيۇتېر توكقا ئۇلانغاندىن كىيىن ، سېستىما ئاۋال POST (Power On Self Test توكقا ئۇلانغاندا ئۆزىنى تەكشۈرۈش ) پروگراممىسى ھەر قايسى ئچكى قىسىم تەڭشەكلىرىگە قارتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ . 
ئادەتتە مۇكەممەل بولغان POST  پروگراممىسى 64K ،CPU  ئاساسى ئىچكى ساقلىغۇچ ، 1M دىن يۇقىرى كىڭەيتىلگەن ئىچكى ساقلىغۇچ ، ROM ، ئاساسى تاختا ، CMOS ساقىلغۇچى ، كۆرسىتىش كارتىسى ، كونۇپكا تاختىسى ۋە يۇمشاق قاتتىق دېسكا پروگراممىلىرىغا  قارتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ، ناۋادا ئۆزىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا مەسىلە بايقالسا سېستىما ئەسكەرتىش ئۇچۇرى بېرىدۇ ياكى ئاۋاز چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرىدۇ . 
4 . BIOS ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى
سېستىما POST ئۆزىنى تەكسۈرۈشىنى تاماملىغاندىن كىيىن ، ROM BIOS ئاۋال سېستىمىنىڭ CMOS بەلگىلىمىلىمىلىرىدىكى قوزغىلىش تەرتىپىگە ئاساسەن يۇمشاق قاتتىق دېسكا قوزغاتقۇچ ۋە CD-ROM نى ئىزدەيدۇ ، تور مۇلازىمىتى قاتارلىق ئىناۋاتلىك قوزغىلىش قوزغاتقۇچلىرى ، مەشخۇلات سېستىمىسى يىتەكلىگۈچى خاتىرىسىنى ئوقۇپ ئاندىن سېستىما كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يىتەكلىگۈچى خاتىرىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ، يىتەكلىگۈچى خاتىرىسى ئارقىلىق سېستىمىنىڭ تەرتىپ بويىچە نورمال قوزغىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . 

CMOS دېگەن نىمە ؟ 
CMOS بولسا كوميۇتېر ئاساسى تاختىسىدىكى يېزىش ئوقۇشقا بولىدىغان بىرتال RAM ئۆزىكى ، ئاساسلىق قىلىپ نۆۋەتتىكى 
سېستىمىنىڭ قاتتىق دېتال بەلگىلىمىلىرى ، ۋە بىر قىسىم پارامىتىرلارغا قارتا تەڭشەشلەرنى ساقلاش رولى بار . CMOS RAM ئۆزىكى بىر زاپاس باتارىيە ئارقىلىق توك بىلەن تەمىنلىنىدۇ ، شۇڭلاشقا مەيلى سېستىما تاقاق ھالەتتە بولسۇن ۋە ياكى توكتىن ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئەھۋالغا دۇچ كەلسۇن CMOS  ئۇچۇرلىرى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ .
CMOS RAM ئۆزىكى ئەسلىدىنلا بىر ساقلىغۇچ بولغانلىقتىن ئاساسلىقى ئۇچۇر ساقلاش ئىقتىدارى بولغان بولىدۇ . شۇڭا CMOS دىكى پارامىتىرلار مەخسۇس بىر پروگراممىنىڭ تەڭشىشى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ . بۇرۇنقى CMOS تەڭشەش پروگراممىلىرى يۇشاق سېسكىدا ساقلىنىدىغان بولۇپ ( مەسلەن  IBM نىڭ PC/AT كومپيۇتېرلىرى ) ئىشلىتىش ناھايتى قولايسىز بولغان . ھازىر كۆپ قىسىم زاۋۇتلار CMOS بەلگىلەش پروگراممىسىنى BIOS ئۆزكىگە ئورۇنلاشتۇرۋەتتى ، سېستىما قوزغالغاندىن كىيىن مەلۇم بىر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كونۇپكا ئارقىلىق CMOS  بەلگىلەم پروگراممىسىنى قوزغىتىپ ناھايتى قولايلىق ھالەتتە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ . شۇ سەۋەپتىن CMOS ئۇچۇرلىرىنى تەڭشەش ئادەتتە BIOS بەلگىلەش دەپ ئاتىلىپ قالىدۇ . 

BIOS بەلگىلىنىشى ۋە CMOS بەلگىلىنىشىنىڭ پەرىقى ۋە مۇناسىۋېتى 
BIOS  بولسا ئاساسى تاختىدىكى بىر تال EPROM ياكى EEPROM ئۆزىكى بولۇپ سېستىمىنىڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرى ۋە بەلگىلىمىلىرى ، سېستىما پارامىتىرلىرىنى بەلگىلەش پروگراممىسى ( BIOS Setup پروگراممىسى ) قاتارلىقلار ساقلىنىدۇ ؛ CMOS بولسا ئاساسى تاختىدىكى ئوقۇش يېزىشقا بولىدىغان RAM ئۆزىكىدىن ئىبارەت بولۇپ سېستىما بەلگىلەشلىرىنىڭ ئاساسلىق پارامىتىرلىرى ساقلانغان . ئۇنىڭ مەزمۇنىنى بەلگىلەش پروگراممىسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ . CMOS RAM ئۆزىكى زاپاس باتارىيە ئارقىلىق توك بىلەن تەمىنلىنىدۇ ، سېستىمىنى تاقىغاندىن كىيىنمۇ ئۇچۇرلار ئۆچۈپ كەتمەيدۇ .  
   BIOS  بىلەن CMOS ھەم مۇناسىۋەتلىك ھەم پەرىقلىق : BIOS  تىكى سېستىما پارامىتىرلىرىنى بەلگىلەش پروگراممىسى CMOS پارامىتىرلىرى تەڭشىشىنى تاماملايدىغان ۋاستە ؛  CMOS RAM ئۆزىكى بولسا BIOS  ئارقىلىق بەلگىلەنگەن پارامىتىرلارنى ساقلايدىغان ئورۇن ، شۇنداقلا BIOS  بەلگىلەشلىرىنىڭ نەتىجىسى . 
شۇنىڭ ئۈچۈن تولۇق بولغان كۆز قاراش ئەمەلىيەتتە « BIOS  پارامىتىر بەلگىلەش پروگىراممىسى ئارقالىق CMOS پارامىتىرلىرى بەلگىلىنىدۇ » بولىشى كېرەك . BIOS  بىلەن CMOS نىڭ ھەر ئىككىسى سېستىما بەلگىلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك  ، لىكىن ئىككىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئۇقۇم ، بۇ ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك . 

قانداق ۋاقىتتا CMOS ياكى BIOS  قا قارتا تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز ؟ 
  كۆپچىلىك ھەممىمىز بىلىمىز  ، CMOS ياكى BIOS قا قارتا تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىش ئىشلەتكۈچىلەر كومپىيۇتېر ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قارتا خالىغانچە بەلگىلەش ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم مەشخۇلاتلارنىڭ بىرى ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە CMOS ياكى BIOS قا قارتا تەھرىرلەش ئېلىپ بېرىش كېرەك . 
1 . كومپيۇتېرنى يېڭىدىن سېتىۋالغاندا 
PnP ئىقتىدارى سەپلەنگەن سېستىمىلارمۇ پەقەت بىر قىسىم سىرىتقى ئۈسكىنىلەرنى پەرىق ئىتەلەيدۇ ، لىكىن يۇمشاق قاتتىق دېسكا پارامىتىرلىرى ، نۆۋەتتىكى ۋاقىت قاتارلىق ئاساسى ماتىريال ئۇچۇرلىرىنى ئىشلەتكۈچى CMOS ئارقىلىق تەڭشىشى كېرەك . 
2 . سېستىما ھەر قانداق يېڭى ئۈسكىنىنى ئاپتوماتىك تونۇپ كىتەلىشى مۇمىكىن ئەمەس ، شۇڭا بىر قىسىم يېڭى سەپلەنگەن ئۈسكىنىلەرنى CMOS ئارقىلىق تونىتىمىز .  ئۇندىن باشقا يېڭى ئۈسكىنىلەر بىلەن ئەسلىدە بار بولغان ئۈسكىنىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش كىلىپ چىققاندىمۇ كۆپىنچە CMOS  ئارقىلىق تۈزىتىمىز . 
3 . كۈتۈلمىگەندە CMOS ئۇچۇرلىرى يوقاپ كەتسە 
زاپاس باتارىيىنىڭ توكى تۈگەپ كېتىش ، ۋىرۇس ھۇجۇمى ، ئىتىياتسىزلىقتىن CMOS ئۇچۇرلىرىنى يۇيىۋېتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا CMOS ئۇچۇرلىرى يوقاپ كېتىدۇ . بۇ ۋاقىتتا BIOS قا كىرىپ CMOS پارامىتىرلىرىنى باشقىدىن تەڭشەپ چىقىمىز . 
4 . سېستىمىنى ئەلالاشتۇرغاندا
ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ كۈتۈش ۋاقتى ، قاتتىق دېسكىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈش ھالىتى ، ئىچكى سىرىتقى Cache نىڭ ئىشلىتىلىشى ، ئىنىرگىيە تىجەش ،  توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش ، كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىش تەرتىپى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن  BIOS تا ئالدىن بەلگىلەنگەنلىرى ئەڭ ياخشى بولىشى ناتايىن ، بۇ ۋاقىتتا كۆپ قېتىملاپ تەجىرىبە قىلىپ بەلگىلەش ئارقىلىق سېستىمىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى تېپىپ چىقىشقا بولىدۇ

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165