| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   ھىكايىلەر   |   نەسىرلەر   |   شېئىرلار   |   كۈلكە دۇنياسى   |   چۆچەكلەر   |   دانالار ھېكمەتلىرى   |   تەربىيىۋى تەرمىلەر  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > ئەدەبىيات گۈلزارى > چۆچەكلەر

ھۇرۇنلۇقتىن پادىشاھلىققىچە

مەنبەسى: ئۇستاز تورى    يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-19    كۆرۈلگەن سانى : 
مەلۇم شەھەرنىڭ پادىشاھى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوۋغا چىقىپتۇ. كېتىپ بارسا يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا 14، 15 ياشلاردىكى بىر چىرايلىق بالا ئوڭدا ياتقۇدەك. پادىشاھ ‹‹مەندەك پادىشاھ كەلسەممۇ بۇ بالا قوپماي ئوڭدا ياتىدىغۇ›› دەپ ئويلاپ ۋەزىرلىرىدىن:
— نېمە ئادەم بۇ؟ — دەپ سوراپتۇ.
— بۇ ھۇرۇن، دائىم شۇنداق ياتىدۇ. بىر ئادەم بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە ئۆرۈپ قويمىسا ئۆرۈلمەيلا ياتىدۇ، ئون كۈن ئاچ قالسىمۇ يېنىدىكى تاماقنى ئۆزى ئېلىپ يېمەيدۇ، — دەپتۇ ۋەزىرلەر.
— ئۆزى ساقمۇ قانداق؟ — يەنە سوراپتۇ پادىشاھ.
— ساق.
— ھۇرۇن بولسىمۇ ياش بالىكەن، مېنىڭ سايەمدە كۈن كۆرۈپ قالسۇن. چار بېغىمغا باشلاپ بېرىپ بىر سۆرۈن جايدا ياتقۇزۇپ قويۇڭلار، — دەپ پادىشاھ يولىغا راۋان بوپتۇ. ۋەزىرلەر پادىشاھنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن ھۇرۇننى چارىباغقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ھەر كۈنى بىر لىگەن پولۇ بىلەن قوينىڭ گۆشىنى بېرىپ ياخشى بېقىپتۇ. ھۇرۇن شۇ يېمەكلىكلەرنىمۇ يېگۈزۈپ قويمىسا يېمەيدىكەن. بەش– ئون كۈن ئۆتكەندە يەنە بىر بالا كەپتۇ. ئۇ ۋەزىرگە ‹‹مەنمۇ ھۇرۇن ئىدىم›› دەپتۇ. ۋەزىر پادىشاھقا خەۋەر قىپتۇ. پادىشاھ ‹‹ئۇنىمۇ بېقىڭلار›› دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن ھۇرۇنلار ئارقا– ئارقىدىن پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ تەختتە ئولتۇرۇپ چارىباغدىن كېلىۋاتقان غەۋغانى ئاڭلاپ قاپتۇ. شۇئان ۋەزىردىن:
— باغدىكى نېمە غەۋغا؟ — دەپ سوراپتۇ.
— سىلى ھازىر بېقىۋاتقان ھۇرۇنلار 1500 گە يەتتى. بۇ شۇلارنىڭ غەۋغاسى، — دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ۋەزىر.
— ئۇنداق بولسا تۆمۈرچىنىڭ ئاقساقىلىنى چاقىرىڭ، — دەپتۇ پادىشاھ. ۋەزىر تۆمۈرچىنىڭ ئاقساقىلىنى چاقىرىپ كەپتۇ. پادىشاھ:
— تۆمۈردىن بىر ئۆي ياسايمىز. ئۆينىڭ ئۇزۇنلۇقى قىرىق مېتىر. كەڭلىكى قىرىق مېتىر بولسۇن، ھەر تېمىغا ئوندىن ئىشىك قويۇڭ. ئۆي پۈتكەندىن كېيىن باغقا ئەكىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشىكلەرگە كۈرەك ئورنىتىڭ، — دەپتۇ.
ئۆي پۈتكەندىن كېيىن پادىشاھ ھەممە ھۇرۇنلارنى ئەكېلىپ شۇ تۆمۈر ئۆيگە سولىتىپتۇ. پادىشاھ ئوت قالاپ كۈرەكنى بېسىشقا بۇيرۇق قىپتۇ. ھۇرۇنلار تۆمۈر ئۆيگە ئوت يېقىلىپ كۈرەك بېسىلغاندىن كېيىن تۆمۈر ئۆي قىزىپ ھۇرۇنلار جېنىدىن تويۇپتۇ. ۋەزىر:
— پادىشاھى ئالەم، بۇ نېمە قىلغانلىرى؟ بۇ ھۇرۇنلارنى ساۋاب بولسۇن دەپ باقتۇق. ئەمدى ئۇلارنى تۆمۈر ئۆيگە سولاپ كۆيدۈرسەك بۇنىڭ قىساسىنى كىم تارتىدۇ؟ بۇنىڭدىن كۆرە ئىشىكنى ئېچىۋەتسەك، ھۇرۇنلار جاي جايلىرىغا كەتسە بولمامدۇ؟ — دەپتۇ.
— ماقۇل، ئىشىكنى ئېچىڭلار، — دەپتۇ پادىشاھ. ئىشىك ئېچىلغاندىن كېيىن ھۇرۇنلارنىڭ ھەممىسى قېچىپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ۋەزىرگە:
— قاراپ بېقىڭ، ئۆيدە ئادەم بارمۇ– يوق؟ — دەپتۇ.
ۋەزىر ئۆيگە كىرىپ قارىسا ئىككى ئادەم ياتقۇدەك. بىرسى يەنە بىرسىگە ‹‹بەدىنىم كۆيۈپ يېغىم ئاققىلى تۇردى. ئەمدى خۇداغا توۋا قىلىۋالمايلىمۇ›› دېسە، يەنە بىرسى ‹‹مېنىڭ بېقىنىم پىژىلداپ كۆيۈۋاتىدۇ. ماڭا ھازىر خۇداغا توۋا دېگىلىمۇ خوش ياقمايۋاتىدۇ. مەن بۇنچىلىك گەپنىمۇ قىلالمىغۇدەكمەن›› دېگۈدەك. ئۇلارنىڭ بىرسى قېچىپ كېتىپتۇ. يەنە بىرسى كۆزىنى پارقىرىتىپ بەخىرامان يېتىپتۇ. ۋەزىر قارىسا ھۇرۇننىڭ چاپىنى كۆيۈۋاتقۇدەك، بېقىنىنىڭ يېغى ئېرىپ تۆمۈرگە ئېقىۋاتقۇدەك، ھۇرۇن بولسا چاپاننى سېلىۋېتەيمۇ دېمەي ياتقۇدەك.
— پادىشاھى ئالەم، — دەپتۇ ۋەزىر، بىز يولدا كۆرۈپ دەسلەپ ئەكەلگەن ھۇرۇن تېخى ياتىدۇ.
— ئېلىپ چىقىڭلار، — دەپتۇ پادىشاھ ۋە ‹‹كىمىكى مۇشۇ ھۇرۇننى ئىشقا سالسا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى شۇنىڭغا بېرىمەن›› دەپ جاكا قىپتۇ. بىراق ھېچكىمنىڭ بۇ ھۇرۇننى ئىشقا سېلىشقا كۆزى يەتمەپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىرىنى چاقىرىپ:
— سىزگە قىرىق كۈنلۈك مۆھلەت بېرەي، مۇشۇ ھۇرۇننى ئىشقا سالسىڭىز پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى سىزگە بېرەي، ئەگەر ئىشقا سالالمىسىڭىز كاللىڭىزنى ئالىمەن، مال– دۇنيالىرىڭىزنى مۇسادىرە قىلىمەن، — دەپتۇ.
ۋەزىر ياق دېيىشكە پېتىنالماپتۇ. ئەمما، ‹‹گۆشى كۆيۈپ كەتسە غەم قىلمىغان ئادەم قانداقمۇ ئىش قىلسۇن›› دەپ ئەندىشىگە چۈشۈپتۇ. ئارىدىن بەش، ئون كۈن ئۆتۈپتۇ. ۋەزىرنىڭ پىكىر– خىيالى ئۆز ئەجىلى بىلەن قاپتۇ.

ۋەزىرنىڭ 15 ياشلارغا كىرگەن بىلىملىك، زېرەك بىر قىزى بار ئىكەن. بۇ قىز دادىسىنىڭ قانداقتۇر بىر ئىشنىڭ غېمىدە يۈرۈۋاتقانلىقىنى سېزىپ قاپتۇ. شۇڭا ئۇ دادىسىدىن:
— دادا ئولتۇرساڭمۇ، قوپساڭمۇ غەمدىلا يۈرۈيسەن. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ — دەپ سوراپتۇ.
— قىزىم، سەن سورىما، مەن ئېيتماي، — دەپتۇ ۋەزىر.
بىراق قىز:
— سەن مېنىڭ دادام، بېشىڭغا نېمە كۈن چۈشكەن بولسا ماڭا دېگىن. قولۇمدىن كەلسىلا مەن جېنىمنىمۇ ئايىمايمەن، — دەپ تۇرۇۋاپتۇ. ۋەزىر قىزغا ئەھۋالنى ئېيتىپتۇ. قىز:
— دادا، خاتىرجەم بول، بۇ ئىشقا باش قاتۇرما، سەن مېنى ئۇ ھۇرۇنغا خوتۇنلۇققا بەرگىن، مەن بارغاندىن كېيىن قالغان ئىشنى ئۆزۈم توغرىلايمەن، — دەپتۇ، بۇ گەپكە ۋەزىرنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كەپتۇ ۋە:
— قىزىم، شۇنداق ئەرگە تەگكىڭ كېلىپ كەتتىمۇ؟ سېنى ئەرگە چىقارغىم بولسا، بۇ ھۇرۇنغا بەرمىسەممۇ، باشقا ئەر تېپىلىدىغۇ؟! — دەپ ۋارقىراپتۇ.
— دادا، دەپتۇ قىز مېھرىبانلىق بىلەن، باشقا نېمە ئامال بار؟ مېنىڭچە، ھۇرۇننى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

ۋەزىر قىزىنى ئامالسىزلىقتىن ھۇرۇنغا بېرىپتۇ. توينى قىلىپ قىزنى ھۇرۇننىڭ ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئەتىسى قىز بىلەن بىللە بارغانلارمۇ قايتىپ كەپتۇ. قىز ھۇرۇن بىلەن يالغۇز قاپتۇ. بىراق ھۇرۇن كۆزىنى پارقىرىتىپ مىدىرلىماي يېتىۋېرىپتۇ. قىز گۈزەل، شوخ بولغاچقا ھەر خىل ئامال– چارە بىلەن ئاخىر ھۇرۇننى ئۆزىگە مەھلىيا قىپتۇ. ئەتىسى قىز ھۇرۇننى ئورنىدىن قوپۇرۇپ يۇيۇندۇرۇپتۇ. داستىخان ئەكىلىپ، ھۇرۇننى ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ چاي ئىچىرىپتۇ. بۇ خىل مەشغۇلات بىر نەچچە كۈن داۋام قىپتۇ. ئاخىر قىز ھۇرۇننى ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ:
— دادام، كۈندە بىزگە تاماق چىقارتىپ بېرىۋاتىدۇ، بىز يەپلا يېتىۋاتىمىز. بىزنىڭ بەش ئەزايىمىز تولۇق، تېنىمىز ساق تۇرسا، بىر كۈنلىرى دادام مىننەت قىلىپ قالسا سەت ئەمەسمۇ؟ بىز ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرسەك بولمامدۇ؟ — دەپتۇ.
— بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ — دەپ سوراپتۇ ھۇرۇن.
— سىز كوچىغا چىقىپ مەدىكار ئىشلەڭ، دەپتۇ، قىز دادامنىڭ ئۆيىدە بىر كەتمەن بار. ئۇنى ئادەتتىكى ئادەم كۆتۈرەلمەيدۇ، سىز بىر ئامال قىلىپ كۆتۈرۈپ كېلىڭ.
ھۇرۇن ماقۇل بوپتۇ ۋە ۋەزىرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مەقسىتىنى ئېيتىپتۇ. كەتمەن بىر ئىچكىرى قازناقتا ئىكەن. ۋەزىر ئون ئادەم باشلاپ كىرگەن ئىكەن، كەتمەننى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقالماپتۇ. ھۇرۇن ئۆزى يالغۇز كەتمەننى دەس كۆتۈرۈپ، مۈرىسىگە سېلىپ قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەپتۇ.
— بىركىم سورىسا ‹‹تۆت تەڭگىگە ئىشلەيمەن›› دەڭ، كۈنىگە تۆت تەڭگە بەرسە ئىشلەڭ، بولمىسا قايتىپ كېلىڭ، — دەپتۇ قىز.
ھۇرۇن كەتمەننى مۈرىسىگە سېلىپ مەدىكار بازىرىغا بېرىپتۇ. ھەممەيلەن بۇنىڭ ئىش ھەققىنى كۆپ كۆرۈپ ئىشقا ئالماپتۇ. ئەمما بىر سودىگەر كېلىپ ھۇرۇندىن:
— ئاشۇ كەتمەننى ئۆزۈڭ چاپالامسەن؟— دەپ سوراپتۇ.
— چاپىمەن، — دەپتۇ ھۇرۇن.
— ئۇنداق بولسا يۈر، تۆت تەڭگىنى مەن بېرەي، — دەپتۇ سودىگەر.
سودىگەر ھۇرۇننى بېغىغا باشلاپ بېرىپتۇ. قارىسا باغنىڭ ئىچىدە يوغان بىر دۆڭ، بىر پوتەي ئارىلىقتا بىر ئازگال تۇرغۇدەك.
— مۇشۇ دۆڭنى ئاشۇ ئازگالغا توشۇيمىز. ئازگالنى تىندۇرىمىز. قىلىدىغان ئىش مۇشۇ. مەن دۇكانغا بارىمەن، ساڭا قارايدىغان باشقا ئادەم يوق. ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ بىلىپ قىلارسەن، — دەپتۇ سودىگەر ۋە ئىشنى كۆرسىتىپ بېرىپ دۇكانغا كېتىپتۇ. ھۇرۇن دۆڭنى كەتمەن بىلەن بىراقلا ئازگالغا ئاتقىلى تۇرۇپتۇ. ئۇ ئىش قىلىپ باقمىغاچقا ئارام ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ، ئەتىگەندە باشلىغانچە كەچكىچە ئىشلەپتۇ. دۆڭ ئازلا قاپتۇ. ‹‹ئالتە ئايدا تۈگىتەرمەن›› دەپ پىلانلىغان ئىشنىڭ تېزلا تۈگەپ قالغىنىنى كۆرگەن ھۇرۇن ئۆز– ئۆزىدىن خۇرسەن بوپتۇ. سودىگەر باغنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ يىگىتنىڭ ھەر بىر ئاتقاندا بىر پاتمان كەلگۈدەك توپىنى شۇنچە يىراققا ئېتىۋاتقانلىقىنى ۋە ھارماي ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەمنۇن بوپتۇ – دە، قايتىپ بېرىپ بىر قوينىڭ گۆشىنى باستۇرۇپ پولۇ سالدۇرۇپتۇ. ھۇرۇن ھېلىقى پولۇنى موك ساپتۇ. ‹‹ئىشنىمۇ قىلىدىكەنسەن، ئاشنىمۇ يەيدىكەنسەن، يارايدىكەنسەن›› دەپ ئويلاپتۇ، سودىگەر ۋە:
— بۈگۈنكى ئىش ھەققىڭنى بۈگۈن ئالامسەن ياكى ئەتە ئىشنى قىلىپ بولۇپ ئالامسەن؟ – دەپ سوراپتۇ.
— بۈگۈنكىنى بۈگۈن ئالىمەن، — دەپتۇ ھۇرۇن، سودىگەر ئۇنىڭغا ئىشتان، كۆڭلەك، چاپان، دوپپا، ئاياغ، بېلىگە باغلىغىلى ياغلىق ۋە تۆت تەڭگىنى بېرىپ يولغا ساپتۇ. يىگىت خوتۇنىنىڭ تاپىلىشى بويىچە، قايتىشىدا كەتمەننى مۈرىسىگە سېلىپ پادىشاھنىڭ راۋىقىنىڭ يېنىدىكى تار كوچىدىن ناخشا ئېيتىپ ئۆيگە كەپتۇ. ئايال دەرھال چىقىپ ئېرىنى كۈتۈۋاپتۇ. يۈز– كۆزىنى ياغلىق بىلەن سۈرتۈپتۇ. شوخلۇق قىلىپ بىر نەچچىنى سۆيۈپمۇ قويۇپتۇ. ئاندىن ئېرىنىڭ ئالدىغا چاي ئەكىرىپتۇ. ھۇرۇن ئايالىغا قايىل بولۇپ، ئىش ھەققىنى ئايالىنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. ئۇ ئەتىسى يەنە ئىشقا بېرىپتۇ. سودىگەر ھۇرۇندىن:
— نەچچە ياشقا كىردىڭ؟ – دەپ سوراپتۇ.
— 15 ياشقا.
— مەن كۈنلىڭىڭگە 16 تەڭگە بېرەي، مەن سودىگەرچىلىك قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقماقچى ئىدىم، بالام يوق. مەن بىلەن بىللە ماڭساڭ قانداق، – دەپتۇ سودىگەر.
— بۇنىڭغا ماقۇلمۇ، ياقمۇ دېيەلمەيمەن. ئايالىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن جاۋاب بېرەي، — دەپتۇ ھۇرۇن.
ھۇرۇن كەچلىك تاماقتىن كېيىن سودىگەرنىڭ دېگەنلىرىنى ئايالىغا ئېيتىپتۇ. ئايالى ئۇنىڭ سودىگەر بىلەن بىللە بېرىشىغا قوشۇلۇپتۇ. يولغا چىقىش ئالدىدا ئايالى يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ.
— مېنىڭ مۇنۇ گەپلىرىم ئېسىڭىزدە بولسۇن: 400 ئادەم 20 كۈن ماڭىسىلەر، يەيدىغان، ئىچىدىغاننى ئېلىۋالىسىلەر، سىلەر ماڭىدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى چۆللۈك. 20 كۈن يول ماڭغاندىن كېيىن سۈيۈڭلار تۈگەيدۇ. بىر قۇدۇق بېشىغا بارىسىلەر، قۇدۇقتىن سۇ ئېلىش ئۈچۈن چېلەك تاشلايسىلەر، سۇ چىقمايدۇ، ھەممىڭلار يىغا– زار قىلىشىسىلەر، قايتىپ كېتەيلى دېسەڭلار، يەنە 20 كۈن يول مېڭىشىڭلار كېرەك. ھەممە تەرەپ 20 كۈنلۈك يول. مۇشۇ قۇدۇقتىن سۇ ئېلىۋېلىشتىن باشقا چارە يوق. سىلەر ئامالسىزلىقتىن سۇ چىقىپ قالارمىكىن دەپ بىر ئادەمنى بېلىدىن باغلاپ قۇدۇققا چۈشۈرۈسىلەر. قۇدۇققا چۈشكەن ئادەمنى تارتىپ ئالغىنىلاردا ئۇنىڭ كاللىسى يوق چىقىدۇ. ئارقا– ئارقىدىن چۈشۈرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ. بىر قانچە قېتىمدىن كېيىن نۆۋەت سودىگەرگە كېلىدۇ، ئۇ قۇدۇققا چۈشۈشتىن بۇرۇن سىزگە ‹‹ناۋادا مەن ئۆلۈپ كەتسەم بارلىق تەئەللۇقۇم سىزگە تەۋە بولسۇن، يۇرتقا قايتىپ بارغاندىن كېيىن كۆل كولىتىپ، مەسچىت سالدۇرۇپ ۋەخپە قىلىڭ. خوتۇن– بالىلىرىمغا ياخشى قاراڭ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭ›› دەپ جېكىلەيدۇ. شۇ چاغدا سىز ‹‹مەن سىزنىڭ خىزمەتچىڭىز، قۇدۇققا مەن چۈشەي، ناۋادا مەنمۇ ئۆلۈپ قالسام، ئاندىن سىز چۈشسىڭىز مەيلى، بىراق مەن ھايات تۇرۇپ سىزنى قۇدۇققا چۈشۈرمەيمەن، سىز ماڭا ئاش– نان بەردىڭىز، ياش بولغاندىكىن مەن چۈشەي›› دەڭ، سودىگەر بۇ پىكرىڭىزگە قوشۇلىدۇ. باشقىلار قۇدۇققا بېلىنى باغلاپ پۇتىچە چۈشكەن بولسا، سىز پۇتىڭىزدىن باغلاپ، بېشىڭىزنى تۆۋەن قىلىپ چۈشۈڭ، قۇدۇق ناھايىتى چوڭقۇر ھەم قاراڭغۇ، ئىشىكنى ئاچسىڭىز بىر باغ كۆرۈنىدۇ. شۇ ھامانلا قاپقارا بىر دىۋە قىلىچىنى كۆتۈرۈپ ئالدىڭىزغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ. سىز 39 ئادەمنىڭ بېشىنى ياندىكى كانارغا قاتار ئېسىپ قويغانلىقىنى كۆرۈسىز. كۆزىڭىزگە يەنە بىر راۋاقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر قىز كۆرۈنىدۇ. قىزنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن كېنىزەكلەر بار. دىۋە سىزنى چېپىشقا تەمشەلگەندە قىز ئۇنى توختىتىۋالىدۇ ۋە سىزنى ئالدىغا ئەكىلىشنى بۇيرۇيدۇ. دىۋە سىزنى قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ. سىز قىزنىڭ ئالدىدا ئەدەپ بىلەن تۇرىسىز. قىز: ‹‹سىلەر جېنىڭلاردىن تويغان ئادەممۇ؟ ئالدىڭلاردا چۈشكەن ئادەم ئۆلۈك چىقسا قۇدۇققا يەنە چۈشتۇڭلارغۇ؟›› دەپ سورايدۇ. سىز: ‹‹ئەي مەلىكە، بىز 400 ئادەم سۇسىز قالدۇق. قۇدۇققا چۈشمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆلۈپ تۈگىشىمىز. شۇڭا بىر ئامال قىلىپ بېقىشنى لايىق تاپقان ئىدۇق›› دەيسىز. قىز يەنە: ‹‹ئۇنداق بولسا ھەممە كىشى بېلىنى باغلاپ چۈشسە، سىز نېمىشقا تەتۈر چۈشۈسىز؟›› دەپ سورايدۇ. سىز: ‹‹قۇدۇقنىڭ ئاستىدا ھەرقايسىلىرىدەك مەلىكىلەر، شاھزادىلەر بولسا پۇتۇم ئۇلارنىڭ يۈزىگە بولۇپ قالمىسۇن، دەپ ھۆرمەت قىلىپ، بېشىمچە چۈشتۈم. سىزگە ئايالىم گۈلجەمىلە سالام ئېيتتى›› دەڭ. شۇ چاغدا مەلىكە ئورنىدىن تۇرۇپ بىر سەر ئالتۇننى بېشىڭىزدىن چاچىدۇ ۋە ‹‹گۈلجەمىلە دېگەن قىزدىن ئايلىناي، ئۇ ھازىر نەدە؟›› دەپ سورايدۇ. سىز مېنىڭ بار جايىمنى ئېيتىپ بېرىسىز. قىز سىزگە پادىشاھلىق كىيىملىرىنى كىيگۈزۈپ ئۆزىنى نىكاھىڭىزغا ئېلىشىڭىزنى ئۆتۈنىدۇ. ئۇ مەندىن نەچچە ھەسسە چىرايلىق، يېشىمۇ 15 تىن ئاشمايدۇ. سىز قىزنى ئالىسىز. قۇدۇقتىن چىقىسىز. ھەممە سودىگەر سىزگە سالام قىلىدۇ ۋە: ‹‹ھەممەيلەن قۇدۇققا چۈشۈپ ئۆلۈك چىقسا سىز پادىشاھ بولۇپ چىقىپسىز›› دەپ سورايدۇ. سىز: ‹‹مەن ئەدەپلىك بولغىنىم ئۈچۈن پادىشاھ بولۇپ چىقتىم›› دەيسىز. شۇنىڭ بىلەن قىز قىرىق تولۇمدا سۇ چىقارتىپ بېرىدۇ. سۇنى ئۇلار بىلەن بىللە ئىچىسىز. ماڭغان چاغدا قىز سىزگە: ‹‹باغدادقا بارغان ۋاقتىڭىزدا ۋە قايتىش يولىڭىزدا دۆلەتمەن بولۇسىز. سىز دۆلەتمەن بولغاندا قۇدۇقتا ياتقان مەندەك ئايالىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ›› دەپ، لېۋىڭىزگە لېۋىنى يېقىپ تۇرۇپ ئۇزىتىپ قويىدۇ. باشقىلار سىزگە ھۆرمەت قىلىدۇ. سىزگە ئۆز ماللىرىدىن زاكات بېرىشىدۇ، سىز باي بولۇسىز. لېكىن مېنى ئۇنتۇپ قالماڭ، بۇرۇنقىدەكلا ياخشى ئىشلەڭ. باغداد پادىشاھىنىڭ 16 ياشتا بىر قىزى بار، ئۇ ساھىبجامال، بىراق ئىككى كۆزى كۆرمەيدۇ. سىز باغدادقا چۈشكەن كۈنى ‹‹ھەرقانداق كىشى شاھنىڭ قىزىنىڭ كۆزىنى ساقايتسا، پادىشاھ شۇ كىشىگە قىزىنى ۋە پادىشاھلىقىنىڭ يېرىمىنى بېرىدۇ›› دېگەن جاكارنى ئاڭلايسىز. سىز: ‹‹قىزنى مەن ساقايتىمەن›› دەڭ. پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە پادىشاھ سىزگە ھەممە گەپنى دەيدۇ. قىزىنىڭ قېشىغا باشلايدۇ. سىز قىزنىڭ قېشىغا كىرگەندە قىزنىڭ قۇچىقىدا بىر قارا مۈشۈكنى كۆرۈسىز. ئىشىكتىن ناھايىتى چاققانلىق بىلەن كىرىسىز دە، سول قولىڭىزدا مۈشۈكنى تۇتۇسىز، ئوڭ قولىڭىزدا مەن بەرگەن مۇنۇ پىچاق بىلەن مۈشۈكنى بوغۇزلاپ، قېنىنى قىزنىڭ كۆزىگە تېمىتىسىز. قىزنىڭ كۆزى ئېچىلىدۇ. مۇشۇ پىچاقتىن باشقا ھەرقانداق پىچاق مۈشۈكنى بوغۇزلىيالمايدۇ. قىزنىڭ كۆزىنى ساقايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىسىز. تويدىن كېيىن شاھ پادىشاھلىقىنىڭ يېرىمىنى سىزگە بېرىدۇ. پادىشاھنىڭ بېغىدا ئىككى كۆل بار. بىرى ئالتۇن بىلەن، بىرى كۈمۈش بىلەن ياسالغان. ئىككىلىسىدە سۇ بار. ئىككى چاق بار، ئوڭدىكى چاقنى چۆرىسىڭىز كۈمۈش كۆلنىڭ سۈيى ئالتۇن كۆلگە چىقىدۇ. سولدىكى چاقنى چۆرىسىڭىز ئالتۇن كۆلنىڭ سۈيى كۈمۈش كۆلگە چىقىدۇ، سىز ئالتۇن كۆلنىڭ سۈيىنى چىقىرىۋەتسىڭىز كۈن چىقىش تەرەپتە تاغ باغرىدا بىر يول كۆرۈنىدۇ. شۇ يول بىلەن ماڭسىڭىز ھەزرىتى ئىسكەندەردىن قالغان خەزىنىگە بارىسىز. سىز خەزىنىدىكى ئالتۇننى ئېلىپ پادىشاھقا تاپشۇرۇڭ. پادىشاھ بۇ ئالتۇننى ئالمايدۇ. ئۇنى سىزگە بېغىشلايدۇ. سىز بۇ ئالتۇننى شەھەردىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىڭ. پۇقرالار تۆلەيدىغان باجنى سىز ئاشۇ ئالتۇن بىلەن تۆلىۋېتىڭ. شەھەردىكى بارلىق غېرىب– مۇساپىرلارنى تەمىنلەڭ. بۇ ئالتۇن ناھايىتى جىق بولغاچقا خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل يېتىدۇ. ئاخىرىدا پادىشاھ ئاغرىپ قالىدۇ. پادىشاھ ۋەزىرلەرنى چاقىرىپ ‹‹مەن ئاغرىپ قالدىم. ساقىيىشىمدىن ئۈمىد يوق. شۇڭا ئورنۇمغا بىر ئادەم پادىشاھ بولسا، مېنىڭ ۋارىسلىق قىلىدىغان ئوغلۇم يوق›› دەيدۇ. سىز يوقسۇللارنىڭ بېشىنى سىلىغانلىقىڭىز، ئەلنى ئادالەت بىلەن سورىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ھەممە كىشى سىزنى پادىشاھلىققا سايلايدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي پادىشاھ ۋاپات بولىدۇ. سىز پادىشاھلىق تاجىنى كىيىسىز، يۇرت سورايسىز، مال دۇنياغا ئىگە بولىسىز. ئەنە شۇ چاغدا غېرىب ۋە يوقسۇل چاغدا ئالغان مەندەك ئايالىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ، مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىم زادىلا سوۋۇپ قالمايدۇ.

ئايال سۆزىنى تاماملاپ ئېرىنى بىرنى سۆيۈپ يولغا ساپتۇ. ھۇرۇن يولدا ياخشى خىزمەت قىپتۇ. 20 كۈن ماڭغاندىن كېيىن دېگەندەك بىر قۇدۇققا يېتىپ بېرىپتۇ. ھۇرۇن ئىشلارنى ئايالىنىڭ دېگىنى بويىچە بەجا كەلتۈرۈپتۇ.

بوغۇزلاپ قېنىنى باغداد شاھىنىڭ قىزىنىڭ كۆزىگە تېمىتقان مۈشۈك ئەسلىي دىۋە بولۇپ، قىزغا ئاشىق ئىكەن. قىزنى ئېلىپ قېچىپ كويىقاپقا ئېلىپ باراي دېسە ئۆزىدىن چوڭ دىۋىلەرنىڭ تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. شۇڭا ئۇ قىزنىڭ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويغان. مۈشۈك سىياقىغا كىرىۋېلىپ قىزنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ قىزنىڭ جامالىدىن ھۇزۇرلانغانىكەن.

ھۇرۇن قىزنىڭ كۆزىنى ساقايتقاندىن كېيىن پادىشاھ قىرىق كېچە– كۈندۈز توي ئۆتكۈزۈپ قىزىنى يىگىتكە بېرىپتۇ. پادىشاھلىقىنىڭ يېرىمىنىمۇ بېرىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارمۇ خۇددى ھۇرۇننىڭ ئايالى ئېيتقاندەك بوپتۇ. پادىشاھ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھۇرۇن پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپتۇ ۋە خەلقنى ئادىللىق بىلەن سوراپتۇ. ئايلار، يىللار ئۆتۈپتۇ. ئۇ ئايالىنى ئەسلەپ، ئايالى بار شەھەرگە بارماقچى بولۇپ تەييارلىق كۆرۈپتۇ. بۇ شەھەرمۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭغا قارايدىغان بولغان ئىكەن. ئەل– يۇرت ئۇنى داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋاپتۇ. ھۇرۇن ئوردىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپلا قەدىمىي ئۆيىگە كەپتۇ، خوتۇنى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ.

ھۇرۇن مانا شۇنداق قىلىپ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ ئەلنى ئەدلى– ئادالەت بىلەن سوراپ بەختلىك ئۆتۈپتۇ.
 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165