| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   ھىكايىلەر   |   نەسىرلەر   |   شېئىرلار   |   كۈلكە دۇنياسى   |   چۆچەكلەر   |   دانالار ھېكمەتلىرى   |   تەربىيىۋى تەرمىلەر  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > ئەدەبىيات گۈلزارى > ھىكايىلەر

قىزىل مايكا

مەنبەسى:     يوللىغۇچى:     يوللانغان ۋاقتى : 2009-12-31    كۆرۈلگەن سانى : 

سىندي دى خولمىس


   مەن بىر ساقلىقنى ساقلاش خادىمى، شۇڭا خىزمەت داۋامىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمەن، ئۇلار بىلەن دوست بولۇپ قالىمەن، بۇنى ‹‹ھايات›› ماڭا ئاتا قىلغان سوۋغا دەپ بىلىمەن. ئۇلاردىن مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، ئۇلارنىڭ تېنى ئاجىز بولسىمۇ، ئىپادىلىگەن چەكسىز جاسارىتى مەندە پۈتمەس تەسراتلارنى قالدۇردى. بۇ ماقالەمدە سىلەرگە تايلىرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن:
   تايلىر تۇغما ئەيدىز ئاغرىقى ئىدى، شۇڭا تۇغۇلغان كۈنىدىن تارتىپ ئوكۇلغا تايىنىپ ياشاشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ بەش ياشقا كىرگەن يىلى كۆكرىكىگە نەيچە ئورنىتىلدى، نەيچە ئۇنىڭ بىلىكىدىكى سۈمۈرگۈچكە ئۇلانغانىدى. دورا دەل مۇشۇ سۈمۈرگۈچ ئارقىلىق نەيچىدىن ئۆتۈپ، تومۇرغا كىرەتتى. كۆپ ھاللاردا تايلىر ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوكسىگېنغا موھتاج بولاتتى. شۇڭا ئۇ دورا – ئوكۇل بوغچىسىنى يۈدۈپ، ئوكسىگېن تۇڭى سېلىنغان كىچىك ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ، دوختۇرخانىنىڭ باغچىسىدا ئويناپ يۈرەتتى، ئۇنى تونۇيدىغانلار ھاياتنىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان شادلىقى ۋە كۈچىگە ھەيران قالاتتۇق. تايلىرنىڭ ئانىسى دائىم ئۇنى ئەركىلىتىپ: ئوغلۇمنىڭ ھەرىكىتى بەك چاققان، ئۇنىڭغا قىزىل مايكا كىيدۈرۈپ قويسام، دېرىزىدىن بىر قاراپلا ئۇنىڭ قەيەردە ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمەن، دەيتتى. ئەمما بۇ قورقۇنچلۇق كېسەل ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ماشىنا ئادەمگە ئوخشاپ قالغان تايلىرنى ئاخىرى يىقىتتى.
   بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ كېسىلىمۇ ئېغىرلاشتى، بارلىق داۋالاش چارىلىرى تايلىرغا كار قىلمايۋاتقان پەيتتە، ئانىسى ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم توغرىسىدا مۇڭداشتى. ئۇ ئوغلىغا تەسەللىي بېرىپ مۇنداق دېدى:
   — مەنمۇ ئۇزاق ئۆتمەي بۇ دۇنيادىن ئايرىلىمەن، شۇ چاغدا سەن بىلەن جەننەتتە ئۇچرىشىمەن، بالام...
   تىنىقى توختاش ئالدىدا تۇرغان تايلىرنىڭ مېنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ياتىقىغا كىردىم، ئۇ پەس ئاۋازدا مۇنداق دېدى:
   — دوختۇر ئانا، مەن جەننەتكە كېتىدىغان ئوخشايمەن، ئەمما مەن قورقمايمەن. مەن جەننەتكە ماڭىدىغان چاغدا ماڭا قىزىل مايكا كىيدۈرۈپ قويۇڭلار، ئانام ماڭا ‹‹مەنمۇ جەننەتكە بارىمەن›› دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدى، بەلكىم ئانام بارغاندا مەن جەننەتتە بالىلار بىلەن ئويناۋاتقان بولۇشۇم مۇمكىن. شۇ چاغدا ئانام چوقۇم مېنى ئۈستۈمدىكى قىزىل مايكىغا قاراپلا تونۇۋالالايدۇ...


زۇلپىيە ئەمەتجان تەرجىمىسى

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165