| كىنو | MTV | MP3 | flash | رەسىملەر | تەنتەربىيە | تۇرمۇش | تىبابەت | ئەدەبىيات | ئۇنۋىرسال بەت | باش بەت |
| ئۇلىنىش | چايخانا | مۇنبەر | پىسخىكا | مەدەنىيەت | بىلىم كۆزنىكى | ئۇچۇرتورى | چولپانلار | مەشھۇرلار | چۈشۈرۈش | دەرىسخانا |
باش بەت  |   ھىكايىلەر   |   نەسىرلەر   |   شېئىرلار   |   كۈلكە دۇنياسى   |   چۆچەكلەر   |   دانالار ھېكمەتلىرى   |   تەربىيىۋى تەرمىلەر  
    ھازىرقى ئورنىڭىز:باش بەت > ئەدەبىيات گۈلزارى > دانالار ھېكمەتلىرى

مەخپىيەتلىكىڭىزنى ساقلاڭ

مەنبەسى:     يوللىغۇچى: تۇردى غۇجائەھمەد    يوللانغان ۋاقتى : 2009-08-31    كۆرۈلگەن سانى : 

   بۇرۇنقى زاماندا بىر چوڭ ئورمانلىقتا نۇرغۇنلىغان ھايۋاناتلار توپلىشىپ ياشايدىكەن. تۈلكە داۋاملىق كىرپىنى يېمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ پىيىگە چۈشۈپتۇ. ئەمما تۈلكە ھەر قېتىم كىرپىگە يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭغا چاڭگال سالاي دېگەندە كىرپە توپقا ئوخشاش تۈگۈلىۋېلىپ، بەدىنىدىكى تىكەنلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداپ تۇرىۋالىدىكەن. شوڭا تۈلكە ھەردائىم كىرپىنى يىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن پەرىشان يۈرۈيدىكەن. كىرپە بىلەن قاغا ناھايىتىمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، بىر كۈنى قاغا كىرپىنى ماختاپ:

--- سەن بەك قالتىس جۇمۇ ئاداش، ھەر قېتىم تۈلكە ساڭا چاڭگال سالاي دېگەندە سەن شۇنداقلا بىر تۈگۈلىۋالساڭ تۈلكە سېنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ،---دەپتۇ. كىرپە قاغىنىڭ ئۆزىنى ماختاپ كەتكەنلىكىدىن ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويۇپ قاغىغا:

--- ئاداش، ئەمەلىيەتتە مېنىڭمۇ ئاجىزلىقىم يوق ئەمەس، مەن تۈلكىنىڭ ئالدىدا تۈگۈلىۋالغان چېغىمدا، تىكەنلىرىم قۇرسىقىمدىكى يەنە بىر كىچىك كۈزۈمنى يېپىپ كېتەلمەيدۇ، ئەگەر مېنىڭ بۇ كۈزۈمگە پۈۋدەيدىغان بولسا، مەن بەرداشلىق بېرەلمەي بەدىنىمنى ئاشكارلاشقا مەجبۇر بولىمەن. لېكىن بۇ مېنىڭ ھاياتىمغا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم مەخپىيەتلىك، بۇنى ھەرگىزمۇ باشقىلارغا تىنىپ سالما، ئەگەر تۈلكە ئاڭلاپ قالىدىغان بولسا تۈگەشكىنىم شۇ!---دەپتۇ. قاغا:

--- خاتىرجەم بول، ئاداش! بىز دەگەن يېقىن دوست تۇرساق مەن قانداقسىگە ساڭا ساتقىنلىق قىلاي،--- دەپ، قەسەم ئىچىپ كېتىپتۇ.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈلكە ئوۋ ئىزدەپ يۈرگەندە قاغا ئۇچراپ قاپتۇ. ئېچىرقاپ كەتكەن تۈلكە قاغىنى تۇتىۋېلىپ، يېمەكچى بولۇپ تۇرغىنىدا، ھاياتى قىل ئۈستىگە كېلىپ قالغان قاغىنىڭ كۆڭلىگە شۇنداق بىر ئەقىل كەپتۇ-دە، تۈلكىگە كىرپىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئېيتىپ بېرىپ، تۈلكىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپتۇ. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن كىرپە ئېچىنىشلىق ھالدا تۈلكىگە يەم بوپتۇ.

ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق كۈچلۈك نەرسىنىڭمۇ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بولىدۇ. دۇنيادا مۇتلەق كەم كۈتىسىز نەرسىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ھەرقانداق شەيئىدە ئاجىزلىق بىلەن كۈچلۈكلۈك، ئارتۇقچىلىق بىلەن يېتەرسىزلىك تەڭ مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. شەيئىلەردىكى ئارتۇقچىلىق شۇ شەيئىنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇنى باشقا شەيئىلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرسا، ئاجىزلىقى ئۇنىڭ تەتۈرىسىنى ئالغان بولىدۇ.

كىشىلىك ھايات مۇساپىسى تولىمۇ ئەگرى-توقايلىقلارغا تولغان بولىدۇ. ئادەم بۇ مۈشكۈل ھايات مۇساپىسىگە قەدەم قويغان ئىكەن چوقۇم سەگەك بولىشى، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكىنى ياخشى بايقاپ يېتەلىشى، ئەڭ موھىمى ئۆزى مۇھىم دەپ بىلگەن مەخپىيەتلىكلىرىنى مەھكەم ساقلىشى لازىم. شەيىخ سەئىدى«گۈلىستان»نامىلىق كىتابىدا «ھەرقانداق سىرىڭنى دوستىڭغا تۆكمە، چۈنكى بىرچاغ كېلىپ، ئۇنىڭ دۈشمەنگە ئايلىنىپ كېتىشىنى سەن نەدىن بىلىسەن؟! شۇنىڭدەك ھەرقانداق غەزىپىڭنى دۈشمىنىڭگە قىلما، چۈنكى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇ ساڭا دوست بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. يوشۇرۇن ساقلىماقچى بولغان سىرىڭنى ھېچكىمگە ئاچما، گەرچە بەك سەمىمىي دوستۇڭ بولسىمۇ، چۈنكى بۇ دوستۇڭنىڭمۇ باشقا سەمىمىي دوستى بولىشى مۇمكىن، گۇيا زەنجىرسىمان»دەپ ناھايىتىمۇ توغرا ئېيىتقان.

ئەلۋەتتە، كىرپىنىڭ قاغا بىلەن دوست بولىشى خاتا ئەمەس، ئەجەللىك خاتالىقى ئۇنىڭ ئۆز مەخپىيەتلىكىنى ئالدىراقسانلىق بىلەن قاغىغا دەپ تاشلىغانلىقى. بىز كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئەنە شۇ بىچارە كىرپىگە ئوخشاش ئۆز مەخپىيەتلىكلىرىنى باشقىلارغا دەپ قويۇپ، يامان كۈنگە قالغاندىن كېيىن، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي ھەسرەت چىكىپ يۈرگەن ئادەملەرنى دائىم ئۇچۇرىتىپ تۇرىمىز. بۇ دۇنيادا ھەربىر ئادەمنىڭ تەڭرىدىن بۆلەك بىرلا ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ سادىق دوستى بولىدۇ، ئۇ ئادەم - دەل ئۆزى. ئۆز سىرىنى ساقلاشقا ئۆزىدىنمۇ ئىشەنچىلىك ئادەم بولمايدۇ، مەخپىيەتلىكىنى ئۆزى ساقلىيالمىغان ئادەمنىڭ مەخپىيەتلىكىنى باشقىلارنىڭ ساقلىيالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس!

ئەلۋەتتە، سىرداش دوستلار ئارا ئۆز-ئارا ئىشىنىش دوستلۇق رىشتىسىنى چىڭىتىدىغان مۇھىم ئامىل، ئەمما، دوستلار ئارا سىرداشقاندا دوستلۇق رىشتىمىز بۇزۇلمىسۇن دەيدىكەنمىز، چوقۇم مەخپىيەتلىكىڭزنى، بولۇپمۇ ئۆزىمىز ئەجەللىك ئاجىزلىقىم دەپ بىلگەن مەخپىيەتلىكىمىزنى ئالدىراپ دەپ تاشلاشتىن قەتئىي ساقلىنىشىمىز لازىم

مەنبە : ئۇستاز تورى                    تۇردى غۇجائەھمەد   رەتلىدى

 

 
نورمال ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر
ئالى كەسپى تېخنىكوم يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىروزى باقى ھاجىم تىبابىتى كارۋانلار تورىبىخلان ئۇيۇن تورىيەكەن مائارىپ تورى
ئۇلىنىش ناخشا قانىلىناخشا تورىباس باس تورىچولپانلار تورىئەلكۈيى تورىشىنجاڭ تور مەكتىپى
شىنجاڭ سودا تورىيارىپ ئامبولاتوريىسىخەلـق ھۆكىمەت تورىشىنجاڭ ئۇچۇر تورىئۇستاز توربىكىتىكوئېنلۇن تورى
شامال تورىئالىپ سوفت تورىمائارىپ ئۇلىنىش تورى ياخشى ئونۋىرسال تورىتوقسۇن مائارىپ تورىسەۋدا تورى
توربىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپىلىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يىغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز ئەڭ تىز سۈرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتتىن ئۆچۈرۋاتىمىز.

بۇ بىكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيلىك ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىغا مەنسۇپ

 新ICP备05001356号      (0996)7102165